چىش چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسە باكتېرىيە ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟

文摘   2024-12-23 16:30   新疆  





چىش چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسە باكتېرىيە ئىچكەنگە باراۋەرمۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر سۇ ئىچىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا، چوقۇم بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىدۇ، بۇ خىل ئادەت بىر تەرەپتىن ئادەم بەدىنىنىڭ كېچىدىن بېرى يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەننىڭ مېتابولىزم تەڭشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا، چىشىنى چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسە، بۇ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئىچكەنگە باراۋەر ئەمەسمۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ئەھۋال راستىنلا شۇنداقمۇ؟

كېچىدە ئۇخلىغاندا، ئادەم بەدىنى سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن چوقۇم بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ سۇ تولۇقلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا كېچىدە پەيدا بولغان توكسىن، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ئوڭۇشلۇق چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
چىش چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسە، ئېغىزدىكى باكتېرىيەلەرنى ئىچىۋەتكەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى ئېغىز بوشلۇقىدا پەيدا بولغان باكتېرىيەلەرنىڭ ھەممىسىلا سالامەتلىككە پايدىسىز ئەمەس، يەنە بىر قىسىم باكتېرىيەلەر بەدەنگە پايدىلىق. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. ئەكسىچە بولغاندا، ئېغىز بوشلۇقى پاكىز تازىلانمىسا، ئېغىز بوشلۇقىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەر كۆپلەپ كۆپىيىپ كېتىدۇ.

شۇڭا تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا، چىشىنى چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسىمۇ بەدىنىدە مەسىلە كۆرۈلۈشى ناتايىن، بۇنداق ئەنسىرەش، تەشۋىشلىنىش ئارتۇقچە. كېچىدە ئېغىز بوشلۇقىدا مېتابولىزىم بىلەن تەڭ، نۇرغۇن باكتېرىيە پەيدا بولۇپ غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىدۇ، لېكىن بۇ باكتېرىيەلەر سۇ بىلەن بەدەنگە كىرىپ كەتمەيدۇ.
سۇ ئىچىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى سۇ تولۇقلاپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. لېكىن ئەتىگەندە چىش چوتكىلاشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك، ئەتىگەندە چىش چوتكىلاش چىش ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ھەرقانچە ئالدىراش بولغان تەقدىردىمۇ، چىش چوتكىلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، چىش چوتكىلاش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى تازىلاپ چىقىرىش كېرەك.

ئېغىزدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەر ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما ساغلاملىققا پايدىسىز باكتېرىيەلەر چىشنى زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىز بوشلۇقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بولۇپمۇ چىشقا يىغىلىپ قالغاندا، چىشتا داغ پارچىلىرىنى پەيدا قىلىپ چىشقا تېخىمۇ چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ.
چىشنى ئۇزاق ۋاقىت چوتكىلىمىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئاستىدا، چىش مىلىكى بارغانسېرى سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاسان قانايدۇ. دائىم چىش چوتكىلىمىغاندا چىشنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى، ئىچكى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، رەڭگى ئاق رەڭدىن سارغىيىپ قارىداشقا باشلايدۇ. ئوخشاش ياشتىكىلەرنىڭ ساغلام چىشىغا سېلىشتۇرغاندا، چىش چوتكىلىمايدىغانلارنىڭ چىشى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. چىش چوتكىلىمىغاندا يەنە ئېغىر دەرىجىدە ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىش چوتكىلاش ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پاكىزلىقى، تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باكتېرىيەلەرنى تازىلاپ چىقىرىش ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، چىش تېشىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، تاشنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا بولغان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا باشقا چىش ئەتراپى جەھەتتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقايمىز.

چىش چوتكىلاشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ، مۇۋاپىق چىش چوتكىلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چىش چوتكىلاش ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چوتكىلاش ۋاقتىنى ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك. ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، يۇمشاق تۈكلۈكىنى ئاساس قىلىش كېرەك. چىش پاستىسىغا كەلسەك مەلۇم بىر ماركىنى ئىزچىل ئىشلەتمەي، ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز بوشلۇقىنى ياخشى ئاسراپ، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ.
ئەگەر چىش چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسە، باكتېرىيەلەر بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرىسىڭىز، چىش چوتكىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن سۇ ئىچسڭىزمۇ بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا كۆڭلىڭىزدە غەشلىك پەيدا بولمايدۇ.
خۇلاسە: سەھەر تۇرغاندىن كېيىن چىش چوتكىلىمايلا سۇ ئىچسە، باكتېرىيەلەرنى بەدەنگە كىرگۈزۈۋېتىدىكەن، دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، ئورنىدىن تۇرۇپلا سۇ ئىچىش باكتېرىيە ئىچكەنگە باراۋەر ئەمەس، شۇڭا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر يەنىلا خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، ئاۋۋال چىش چوتكىلاپ ئاندىن سۇ ئىچىڭ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!




سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章