جۇڭيى رېتسېپى: قەۋزىيەتكە پەقەت1ئىستاكان چاي،2 قوشۇق تالقان شىپا
ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن يېيىش ساغلام بولۇپلا قالماي، چىقىرىشمۇ ساغلام بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا قايسى خىل چىقىرىش ساغلام بولمىغان چىقىرىش دەپ ئاتىلىدۇ؟
ھەر كۈنى نورمال ئوزۇقلانغان ئەھۋال ئاستىدا، لېكىن تەرەت قىلىشى نورمال بولماي، بىمارلار دائىم قورساق كۆپۈپ ھەتتا قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەگەر بۇنداق كېتىۋەرسە، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار ۋاقتىدا چىقىپ كېتەلمەي، ئېغىر بولغاندا ئېغىر دەرىجىدىكى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇگۈن ئەلداۋا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان جۇڭيىچە كىچىك رېتسىپتىن 2 نى تەۋسىيە قىلىمىز. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ رېتسېپلاردىن مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، دوستلارنىڭ بۇ مەزمۇننى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
1- رېتسىپ ئاپېلسىن پوستى چېيى + تۇرۇپ ئۇرۇقى يەنى خەنزۇچە لەيفۇزى ( 莱菔子 )
ئاپېلسىن پوستى چېيىنىڭ ئاساسلىق رولى بىمارنىڭ قورساق كۆپۈپ قېلىشىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىش بولۇپ، ئاپېلسىن پوستى ئەسلىدە يەلنى ھەيدەپ بەلغەم بوشىتىش رولىنى ئوينايدۇ. قەۋزىيەت بولغان بىمارلار دائىم قورسىقى كۆپكەندەك ھېس قىلىدۇ، خۇددى يەل چىقىپ كەتمىگەندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاپېلسىن پوستىنى ئىشلەتسە ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرخىل تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان دورا ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى خەنزۇچە لەيفۇزى( 莱菔子 ). بۇ تۇرۇپتىن چىققان ئۇرۇق. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇرۇپنىڭ يەلنى ھەيدەش رولى بارلىقىنى بىلىدۇ. تۇرۇپ ئۇرۇقىنىڭ شىپالىق رولى تۇرۇپنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك، شۇڭا قورساق كۆپۈش ئەھۋالى ئېغىرراق بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن، ئاپېلسىن پوستى چېيىغا ئاز مىقداردا تۇرۇپ ئۇرۇقى قوشۇپ دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئاپېلسىن پوستىدىن 15 گىرام، لەيفۇزىدىن 5 گىرامنى سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە بولىدۇ.
2- رېتسىپ كۈنجۈت ، ياڭاق تالقىنى
كۈنجۈت ياڭاق تالقىنى ياشانغانلارغا بەك ماس كېلىدۇ. قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قەۋزىيەتكە ئىشلەتكەندە ، كۈنجۈت بىلەن ياڭاق ئۈچەينى بىر قەدەر يۇمشىتىپ، سىلىقلايدۇ. ئىككىسىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ھەر كۈنى ئىككى قوشۇق يەپ بەرسە ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. لېكىن ، ئىككىسىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ، ئىچى سۈرۈپ قالغان بىمارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، قەۋزىيەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم ، كۈنجۈت ياڭاق تالقىنى ئىشلىتىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، چوقۇم ئەمەلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. كۈنجۈت ياڭاق تالقىنى ياشانغانلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ، ياشلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىيەتتە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلغان، بۇنى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزىم قىلىش ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز ، پەقەت يەپلا قويۇپ بولدى قىلماي، ئۇنى چىقىرىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز بولمايدۇ ، تەرەت راۋان بولغاندىلا ، ئاندىن سالامەتلىكنى ھەقىقىي ئاسرىغىلى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55