ھەرقانچە زۇكام بولسىمۇسۇڭپىيازغولى بىلەنلا قۇتۇلۇش رېتسىپى
ئاشخانىدىكى 3 گۆھەر ـــ پىياز ، زەنجىۋىل ، سامساق. ئۈچىلىسىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك ئىستېمال قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ پىياز كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
«سېھىرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى » دا سۇڭپىياز غولىنىڭ دورىلىق قىممىتى خاتىرىلەنگەن . سۇڭپىياز غولىنى بىۋاسىتە سۇدا قاينىتىپ ئىچسە ، تەرلىتىش رولى بار . «جىددىي قۇتقۇزۇش قوللانمىسى » دا ، شامالدارىشتىن بولغان زۇكامنى داۋالاش رېتسېپلىرىدا :پىيازنى قاينىتىپ ئىچىش دەپ خاتىرىلەنگەن.
تەييارلاش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن توغرالغان سۇڭپىياز غولىنى تەييارلايمىز ، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسىدىن 10 گرام ئېلىپ ، 300 مىللىلىتىر سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ ، كېيىن بىر تال سۇڭپىياز غولىنى سالىمىز ، سۇ قايناپ تەخمىنەن 100 مىللىلىتىر قالغاندا ، ئىسسىقىدا ئىچكەندە ، سوغۇقتىن بولغان زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كىشىلەر توپىغا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ، بۇ خىلدىكى كىشىلەردە دائىم سوغۇقتىن قورقۇش ، تۆۋەن قىزىتما ، ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.
پىيازنىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرىنى ئېچىش رولى بار ، زۇكامدىن بولغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى بار كىشىلەر توپى ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئاددىي : باشپىيازدىن بىر بۆلەكنى سويۇپ ، بۇ يەردە ئېقىپ چىققان پىياز شىرنىسىگە پاختا پەلكۈچ ياكى پاختىنى مىلاپ ، بۇرۇن ئىچىدە 30 مىنۇت قويۇشنى ، بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن بۇرۇندىكى نەپەس نورمال بولمىغانلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ .
چۈنكى پىياز مۆتىدىل ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا ماس كەلمەيدۇ .
سوغاقتىن بولغان زۇكامنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى : سوغۇقتىن قورقۇش ( كېسەل )، تەرلىمەسلىك ، كۆك ماڭقا ئېقىش ، يۆتەل ، سۇيۇق ئاق بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىقلار؛
ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى : دائىم قىزىش ، تەرلەش ، گال ئىششىپ ئاغرىش ، بەلغەم سېرىق قويۇق بولۇش قاتارلىقلار؛
شۇڭا سۇڭپىياز غولىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن زۇكام تۈرىنى توغرا ئايرىش ، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى توغرا جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ .
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55