لوڭقا قويغاندا نېمىشقا «سۇلۇق قاپارتما» پەيدا بولىدۇ؟

文摘   2024-12-29 18:12   新疆  





لوڭقا قويغاندا نېمىشقا «سۇلۇق قاپارتما» پەيدا بولىدۇ؟


ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئ‍ۆزىنى كۈتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، لوڭقا قويۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۈتۈنۈش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئ‍ارقىلىق بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەردە لوڭقا قويغاندىن كېيىن سۇلۇق قاپارتما ئ‍ۆرلەپ قالىدۇ ھەم بۇنى كۆرۈپ سەل قورقىدۇ، بۇ سۇلۇق قاپارتما قانداق ئىش؟ لوڭقىنى قانداق قويغاندا سۇلۇق قاپارتما چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
1. لوڭقا قويغاندا، لوڭقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە لوڭقا قويسا، قاپارتما چىقىش ئ‍ىھتىماللىقىنى ئ‍اشۇرىۋېتىدۇ.
2. لوڭقا قويۇش بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ؛

3. ئورۇن پەرقى: ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ بەزى ئورۇنلىرىدا قاپارتما پەيدا بولمايدۇ، يەنە بەزى ئورۇنلىرىدا قاپارتما پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە دۈمبە، ئىككى تەرەپ قوۋۇرغا، ساغرا قىسمىدا ئاسانلا قاپارتما پەيدا بولىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك؛
4.بىمارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، لوڭقا قويغاندىن كېيىن كىچىك سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالسا، بۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، لوڭقا ئىچكى دىۋارىدا سۇ تامچىسى پەيدا بولسا، بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
لوڭقا قويغاندىن كېيىن ئۇششاق سۇلۇق قاپارتما كۆرۈلسە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالسىلا تەبىئىي ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر سۇلۇق قاپارتما چوڭ بولسا، دېزىنفېكسىيەلەش ئوكۇلى بىلەن تېشىپ، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى بىر مەزگىل سۈرۈپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئ‍الدىنى ئ‍السىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، سۇلۇق قاپارتما بەك كۆپ بولۇپ كەتسە دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章