دىيابېت ئەگەشمە كېسەللىكلىرى قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 10 سىگنال

文摘   2024-12-13 18:01   新疆  





دىيابېت ئەگەشمە كېسەللىكلىرى قوزغىلىشتىن بۇرۇنقى 10 سىگنال


دىيابېت ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بالدۇر دىياگنوز قويۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم بەدىنى بىر خىل ئورگانىك بىرلىك بولۇپ، مەلۇم ئورۇندىن تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلسە، ھەمىشە كۆپلىگەن ئىنكاسلاردىن ئەسكەرتىش بېرىدۇ. دىيابېت ئەگەشمە كېسەللىكلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئىنكاسنى پەرقلەندۈرەلىگەندە، دىيابېت ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى بالدۇر بايقاپ، داۋالىغىلى بولىدۇ.

1) كۆزدىكى بىنورماللىق
قاپاق ئىششىش، كۆز قاپىقى ياللۇغى، كۆز سىرتقى مۇسكۇلى پالەچلىنىش، قوش كۆرۈنمە، باش ئاغرىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر تەكرار كۆرۈلسە، دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلغان كۆز ئاغرىقىنىڭ سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

يېقىندىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرۈلمەي، يىراقتىكىلەرنى ئېنىق كۆرۈش كۆز تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەلكىم كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2) قۇلاق قىچىشىش، قۇلاق كىرى كۆپىيىش
تەتقىقاتلاردا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قۇلاق كىرى تۇيۇقسىزلا كۆپىيىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىكى گلوكوزا مىقدارىنىڭ ساغلام كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ساغلام كىشىلەرنىڭ قۇلاق كىرىدە گلوكوزا بولمايدىغانلىقى، بولسىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى بايقالغان.

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قۇلىقى قىچىشقاندەك ھەمدە قۇلاق كىرى بىنورمال كۆپەيگەندەك ھېس قىلسا، قان قەنتىنىڭ ياخشى كونترول قىلىنمىغانلىقىنى ئويلاشسا بولىدۇ.

3) ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغلىنىش
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدىكى قان تومۇرى كېسەللىكى ۋە نېرۋا كېسەللىكى چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرىدىكى مىكرو ئايلىنىشنى زەخمىلەيدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ناچارلاشتۇرىدۇ، ئىنكاسىنى ئاستىلىتىپ، ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ، ئىمۇنېتىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاسانلا يۇقۇملاندۇرىدۇ.


دائىملىق ئۇچرايدىغان ئىنكاسلاردىن: ئېغىز بوشلۇقى كۆيگەندەك ھېس قىلىش، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى قۇرغاقلىشىش، تىپىك بىمارلاردا چىن مىلىكى قىزىرىپ ئىششىش، بېسىلىپ ئاغرىش، چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، چىش ئەتراپى خالتىسى شەكىللىنىش، چىش ئاغرىش، بوشاش، چۈشۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.


4) سۈيدۈك كۆپۈكچىلىرى خېلى ئۇزاققىچە يوقىماسلىق
بۆرەك ساغلاملىقى سۈيدۈكنى كۆزىتىشتىن باشلىنىدۇ. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا كىچىك تەرەتتىن كېيىنكى سۈيدۈكنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكتە ئۇششاق كۆپۈكچىلەر پەيدا بولۇپ، ئۇزاققىچە يوقىمىسا، ئاز مىقداردىكى ئاق ئاقسىل سىيىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەگەر سۈيدۈك ئاقسىلى مۇسبەتلىكنى ساقلىسا، دىيابېت كېسىلىدىن پەيدا بولغان بۆرەك ئاغرىقىدىن ئىنكاس بېرىدۇ.

5) تېرە غەيرىلىشىش
سېمىزلىك ۋە يۇقىرى قان قەنتلىك دىيابېت بىمارلىرىدا دائىم تېرە يۇقۇملىنىش يەنى تېرە تەكرار قىچىشىش، تۈك خالتىسى ياللۇغلىنىش، قاپاق ئىششىش، ئاغرىش ھەمدە تېرە يارىسى، قىزىل داغ كۆرۈلۈپ، تېرە زەخىملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا قىسمەن توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى ۋە بۇزۇلۇشى پەيدا بولىدۇ.

6) زىيادە تەرلەش
تېرىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنىڭ تەرلىمىگەنلىكىنى، تەر مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاز ياكى كۆپ ئىكەنلىكى بايقالغاندا، تېرىنىڭ ئۆزىگە مۇستەقىل بولۇش نېرۋا ئىقتىدارنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئالىقان تېرىسى كۆپ تەرلەش دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

7) دائىم قەۋزىيەت بولۇش
بىر ھەپتە ئىچىدىكى چوڭ تەرەت قېتىم سانى 2 قېتىمدىن ئاز بولسا ياكى تەرەت قېتىم سانى كۆپ بىراق تەرەت قىلغاندا زىيادە قىينىلىپ، تەرەت قۇرغاق بولسا، بۇ ۋېگېتاتىپ نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە سىلىق مۇسكۇل دېفورماتسىيەنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


8) كېچىدىكى تەرەت كۆپىيىش
نورمال كىشىلەر كېچىسى بىر ئىككى قېتىم ھاجەتكە چىقىدۇ. سۈيدۈك مىقدارىمۇ ئادەتتە 300~400 مېللىلېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن كۈندىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ 3/1 ياكى 4/1 گە تەڭ كېلىدۇ. ئەگەر كېچىدىكى تەرەت قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ياكى سۈيدۈك مىقدارى 750 مېللېلىتىردىن ئاشسا، كېچىدىكى سۈيدۈك مىقدارىنىڭ ئارتىشى دېيىلىدۇ.
بۇ دىيابېت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك كىچىك نەيچىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

9) پۇتتا غەيرىلىك كۆرۈلۈش
پۇت سانجىلغاندەك ئاغرىسا، كۆيۈشسە، پايپاق كىيىۋالغاندەك سېزىم يوقالسا، بۇ دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدىكى نېرۋا ئۇچلىرى ياللۇغى بارلىقىدىن ئەسكەرتىش بېرىدۇ. ئەگەر پۇت ئاقىرىپ، مۇزلاپ، ئاز ئۆتمەي كۆكەرسە، پۇت قىسمىدا قان ئازلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پۇت قىسمىدا قان ئازلىق ئېغىر بولسا پۇتتا پۇت گانگرېنانىڭ ئىنكاسىنى بىلدۈرىدۇ.

10) جىنسىي ئىقتىدارنىڭ بىنورماللىقى
ئەر دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا ئەگەر جىنسىي ھەۋەس ئازىيىش، جىنسىي ئاجىزلىق، ئىسپېرما بالدۇر كېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، جىنسىي ئىقتىداردا توسالغۇ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ بەلكىم دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章