يۈرەكمۇ خۇيلىنىدۇ، خۇيلىنىپ قالسا ئىش چاتاق

文摘   2024-12-25 12:38   新疆  





يۈرەكمۇ خۇيلىنىدۇ، خۇيلىنىپ قالسا ئىش چاتاق


يۈرەكنىڭ دائىم ئادەم بەدىنىنىڭ ماتورى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن، يۈرەكنىڭ قان پومپىسى ئىقتىدارىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، يۈرەكنىڭ قاننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى، نورمال ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىشى، يۈرەكنىڭ كېچەكۈندۈز جاپالىق خىزمەت قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.  

ئەمەلىيەتتە، يۈرەكمۇ خۇيلىنىدۇ، ئەگەر «يامانلاپ» قالسا، تەن ساغلاملىقى ھەتتا ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ.



مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»  مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، يۈرەك ئاچچىقلانغاندا قانداق ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇخىل خەتەرلىك سىگنالغا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتتى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر
بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋىراچ ليۇ جيەن؛
فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋىراچ لى جيەن؛
شاڭخەي قاتناش داشۆسى تېببىي ئىنستىتۇتى قارىمىقىدىكى 9 - خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يىن جاۋفاڭ؛

يۈرەكمۇ «خۇيلىنىدۇ» 
يۈرەك توختىماي ئىشلەيدىغان «خىزمەت مەستانىسى» گە ئوخشايدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۈرىكى مىنۇتىغا 60 - 100 قېتىم سوقىدۇ، ھەر كۈنى 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق سوقىدۇ، ئۆمرىدە 2 مىليارد 500 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق سوقىدۇ.
ئۇ يەنىلا كەمتەر پالۋان بولۇپ، يۈرەك مىنۇتىغا تەخمىنەن 5 لىتىر قان چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىدە تاماملىغان خىزمەت مىقدارى، 30 توننا ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكىگە يەتكۈزۈشكە يېتىدۇ.



ئەگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئارتېرىيە ۋە ۋېنالارنىڭ ھەممىسىنى تۇتاشتۇرساق، 96 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىنى ئىككى يېرىم قېتىم ئايلىنىپ چىقالايدۇ، يۈرەك ناسوسى چىقارغان قاننىڭ بەدەننى بىر ئايلىنىپ چىقىشىغا تەخمىنەن 50 سېكۇنت كېتىدۇ.
مانا مۇشۇنداق جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان يۈرەكنىڭمۇ «ئەسكى خۇيى» بولىدۇ:

يۈرەك تىقىلمىسى
يۈرەك تىقىلمىسى «يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، قان تومۇرلار توسۇلۇپ، قان ئايلىنىش يولىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك سەۋەبى بولۇپ، قاندىكى ماي نورمالسىزلىقى، دىئابېت كېسىلى، سېمىزلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يۈرەك سانجىقى
تاجىسىمان ئارتېرىيەگە قان يېتىشمىگەندە، بىر قاتار كىلىنىكىلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۈرەك سانجىقى دەل شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، جىسمانىي ھەرىكەت، كەيپىيات داۋالغۇشى، سوغۇق مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يۈرەك سىقىلىش
يۈرەك پارە-پارە بولۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى پىسخىكىلىق ياكى فىزىيولوگىيەلىك سېزىمچانلىق ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاتتىق ئازابلانغان ياكى غەزەپلەنگەن ئەھۋالدا كۆكرەك ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، يۈرەك سىقىلىش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


مەسىلەن؛ مۇھىم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ياكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، قان تومۇرلار تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قېرىنچە سۈرئىتى، قېرىنچە تىترەش، بالدۇر سوقۇش قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



يۈرەك رېتىمسىزلىقى
يۈرەكنىڭ سوقۇش قېتىمى ياكى رىتىمى بىنورمال بولسا، يۈرەك سېلىش، يەنى يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دالانچە تىترەش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان داۋاملىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى بولۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، زىيادە ھەرىكەت قىلىش، كەيپىياتنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۈرەك زەئىپلىشىش
يۈرەك «ھېرىپ» بەرداشلىق بېرەلمەي قالسا، بۇ يۈرەك زەئىپلەشكەنگە باراۋەر بولۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قان تومۇرنىڭ قىسمەن ئورۇنلىرىغا قان يىغىلىپ قېلىپ، يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سىز سەل قارىغان «ئازابلىق» ئىش
تۇرمۇشتىكى سىز ئاسانلا سەل قارايدىغان كىچىك تەپسىلاتلار بەلكىم يۈرەككە ئاستا - ئاستا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

مىجەزى ئىتتىك
ئاچچىقلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. مىجەزى ئىتتىك بولۇش يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

قايغۇ ھەسرەت
زىيادە قايغۇرۇش، خامۇشلۇق قاندىكى گلۇكوزا ۋە ئەركىن ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى، شۇنداقلا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

زىيادە چارچاش
زىيادە چارچاش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق بەش كۈن داۋاملاشسا، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.

كۈچەپ ھەرىكەت قىلىش
ئارقىغا قاراش، بەدەن ھالىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بويۇن ئارتېرىيىسىدىكى تۇراقسىز داغلارنى چۈشۈرۈپ، يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


تېمپېراتۇرا پەرقى
يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قان تومۇرلار كېڭىيىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن تۇيۇقسىز تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا كىرگەندە، قان تومۇرلار يەنە قىسقىرايدۇ. تەكرار قىيناش قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش
ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قان تومۇرلار كېڭىيىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، قان بېسىمىنى ۋاقتىنچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن يۈرەك رىتىمى بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېزلىشىپ، ئاسانلا يۈرەك كېسىلىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى تازلىقى
ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر قان ئېقىمىغا ئەگىشىپ يۈرەككە يېتىپ بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ناچار بولۇشى قان بېسىمىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، سەكتە بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

قانداق بىئاراملىق خەتەرلىك سىگنال ھېسابلىنىدۇ؟
بەزى يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق يېرى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىشى ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولماسلىقىدا، ئەگەر بەدەن چىقارغان قۇتقۇزۇش سىگنالىنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرەلىسىڭىز، جېنىڭىزنى قۇتقۇزالايسىز.



1. تۇيۇقسىز كۆكرەك چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ھەمدە ئاغرىق پەسەيمەسلىك، قاتتىق تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قېلىش ياكى يۇتقۇنچاق بىئارام بولۇش، چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كەلسە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى ھەرىكەتنى توختىتىپ، ۋاقتىدا 120 گە تېلېفون قىلىپ داۋالىنىش كېرەك.

2. سەۋەبسىز تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئاشقازان بىئارام بولۇش خەتەرلىك سىگنال بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرتۈش كېرەك.

3. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ياكى ئېڭىنى يوقىتىش، بولۇپمۇ ئىلگىرى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىق ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى بارلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۈرەك سىقىلىش، نەپەس تېزلىشىش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش، نەپەس يولى ياكى ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى قوشۇلۇپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ؛ زىيادە چارچاش، كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەنلەر تېخىمۇ ھوشيار بولۇش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن تىپىك بولمىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بار: ئالامىتى بولمىغان ياكى سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئېڭىكى ئاغرىش، گېلى چىڭقىلىش، چىش ئاغرىش، قۇلىقىنىڭ ئارقا تەرىپى ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك رىتىمى ئاستىلاش، مەيدىسى قايناش، بىلىكى ئاغرىش، دۈمبىسى ئاغرىش، پۇتى ئىششىپ چىڭقىلىش، ئىككى پۇتى مۇزلاش ياكى ئۇيۇشۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك.

يەنە بەزى ئىپادىلەردىمۇ يۈرەك مەسىلىسى ئەكس ئېتىدۇ، گەرچە دەرھال قوزغالمىسىمۇ، ئەمما قەرەللىك بومبىغا ئوخشاش بەدەنگە تەھدىت سالىدۇ:
بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتىكى قۇلاق يۇمشىقىدا قاتلاق ئىزى پەيدا بولغان كىشىلەر ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

بوينى توم بولغانلارنىڭ قان بېسىمى، قاندىكى ماي، قان شېكىرى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، يۈرەك كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

پۇتتا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سۇلۇق ئىششىق بىر نەچچە كۈن داۋاملاشسىمۇ يەنىلا ياخشىلانمىسا، قول باسسا ئورەك بولۇپ ئاسان ئەسلىگە كەلمىسە، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى ئاستا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

پۇت - قولنىڭ مۇزلاپ كېتىشى قان ئايلىنىشتا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ مەنبەسى كۆپىنچە يۈرەكتە.


داۋاملىق روھسىز بولۇپ، ئازراقلا مىدىرلىسىلا پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، بۇ بەلكىم يۈرەكنىڭ قان پومپىسى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ئارتېرىيە توسۇلۇش ياكى قېتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

كالپۇكى كۆكىرىپ كەتسە، يۈرەكنىڭ قان پومپىسى نورمالسىزلىقىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك، بۇ يەنە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، بۇ بەزى تۇغما يۈرەك كېسىلى، ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاشنىڭ مۇھىم سىگنالى.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章