تۇرمۇشتا ئەمەلىي قوللىنىشچان بەزى رېتسىپلار ئاددىي، ئەسقاتىدۇ
1- ئات چىشلىق قاقىلە( 马齿苋 ) يارا خاراكتىرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى داۋالاش :
يېڭى ئات چىشلىق قۇرتى 30 ـ 60 گىرام قاينىتىپ سۈيىدىن بىر چىنە چىقىرىپ، ئېزىلگەن سامساق قىيامىدىن 10 ـ 15 گىرامنى سۈزۈپ سۈيىنى مۇۋاپىق ھالدا ئارىلاشتۇرۇپ، بىر كۈندە 2 قېتىم ئىچسە بولىدۇ.
2- ماش چىلان قان ئازلىقنى داۋالايدۇ:
ماش بىلەن چىلاننىڭ ھەر قايسىسىدىن 50 گىرام ئېلىپ، 2000 مىللىلىتىر سۇ قويۇپ، ئوتتا قاينىتىمىز. ماش قايناپ لاي ھالەتكە كەلگەندە، قارا شېكەر قوشۇپ ئىچىش كېرەك. ھەر كۈنى بىر قېتىم، 15 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ. 3 ~ 2 داۋالاش باسقۇچى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
3- ئالوي ناۋات بىلەن يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاش:
ئالوي يوپۇرمىقىدىن 2 تالدىن 3 تالغىچە ( چوڭى 2 تال ياكى كىچىكى 3 تال ) ئېلىپ، پاكىز سۇدا يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، قازانغا سالىمىز. سۇ ( بىردىن ئىككى چىنە ) ۋە ناۋات قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ( تاتلىقنى ئۆلچەم قىلغان ) قاينىتىپ 10 مىنۇتتىن كېيىن، داكا بىلەن سۈزۈپ ئايرىلغان سۇيۇقلۇقنى قايناق سۇ ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، 2 كۈندە ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ، 5 كۈندىن 7 كۈنگىچە ساقىيىدۇ.
4- ئالوي، ئاق ھاراق، ئالقات، ھەسەل قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ:
يېڭى ئالوي يوپۇرمىقىدىن 400 ـ 500 گىرام ئېلىپ، توغراپ، ئۇنىڭغا 1500 گىرام تۆۋەن گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق، 500 گىرام ھەسەل، 25 گىرام ئالقات قوشۇپ، 2 ھەپتە چىلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر كىچىك ئىستاكان ئىچىشنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
5- سۆگەت يوپۇرمىقى ( 柳叶 )پۇت پۇراشنى داۋالايدۇ:
پۇت بارماقلىرىنىڭ ئارىسى يېرىلىپ كەتكەندە، بىر نەچچە تال ئەڭ يۇمران سۆگەت يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ، ئۇنى ئۇۋۇلاپ كىچىك كۇمىلاچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، پۇت بارماقلىرىنىڭ يوچۇقىغا كەچتە قىستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پۇت ئارىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پايپاق كىيىۋالسا، ئەتىسىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، 3 كۈندىلا پۇت پۇراشنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
6- كونا ئاچچىقسۇغا چىلانغان يەر ياڭىقى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ:
ھەر كۈنى 10 تال كونا ئاچچىقسۇغا چىلانغان يەر ياڭىقى يەپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە بەلگىلىك دەرىجىدە قوشۇمچە شىپا بولىدۇ.
ياساش ئۇسۇلى: خاسىڭ مېغىزىنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ سوۋۇتقاندىن كېيىن، ياپقۇچى بار ئەينەك قاچىغا سېلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاچچىقسۇغا 8 كۈندىن 10 كۈنگىچە چىلاپ قويغاندىن كېيىن، كونا ئاچچىقسۇغا چىلانغان يەرياڭىقى ياسىغىلى بولىدۇ.
7- كونا ئاچچىقسۇ سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالايدۇ:
كونا ئاچچىقسۇ بىلەن ئاغرىق ئورنىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، سۆڭەك تىكەنلىرىنى يۇمشىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەم بەدىنىگە يېڭى ئۆسكەن سۆڭەك تىكەنلىرىنى ئوخشاشلا يۇمشىتىش رولى بار بولۇپ، سۆڭەككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
8- ئاپتاپپەرەس تەخسىسى مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالايدۇ:
ئاپتاپپەرەس تەخسىسى ( قۇرۇق ) ئۈچ گىرام، سوغۇق سۇدا پاكىز يۇيۇپ ئىستاكانغا سېلىپ، قايناقسۇ قۇيۇپ دەملەپ ئىچسە بولىدۇ. بۇ سۇنى ئىچسە شۇ كۈنى ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، پات ـ پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك پاكىزلانماسلىق، ئاغرىش ئالامەتلىرى يوقىلىدۇ؛ 3 كۈندىن كېيىن كېچىسى سىيىش، دۇغلىشىشنى، ئۇدا 5 كۈن ئىچسە، مەزى بېزى ياللۇغىنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55