گوللاندىيە ئالىملىرى: چاچ چۈشسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، يەنە تېخى

文摘   2024-12-08 18:00   新疆  





گوللاندىيە ئالىملىرى: چاچ چۈشسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، يەنە تېخى


چاچ چۈشۈش — چاچ چۈشسە تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ
يېقىندا توردا بۇ تېما ۋەھشىي قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئادەمگە 3 تۈرلۈك پايدىسى بارلىقىنى بايقىدى
1. يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ
ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن %90 ئادەمدە چاچ چۈشۈش بولىدۇ. ئەرلىك ھورمۇن كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئادەمدە، تەن ئىچىدىكى خولېستېرىن مولېكۇلاسى قان تومۇر دىۋارىغا ئاسان يىغىلىۋالمايدۇ؛

2. چېچى چۈشىدىغان ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ
ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، چېچى چۈشىدىغانلارنىڭ تۈك خالتىسى بىر گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ خىل گېن قېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ؛
 
3. چاچ چۈشۈش ئادەمنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىدۇ
ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇش  ئوڭ مېڭىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئېچىش ۋە ئوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق؛

دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ھېسابلانغان چاچ چۈشۈشنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان تورداشلار، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلىرىنى باسالماي قالغان ۋە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماستىن تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشقان:

-مەن بالدۇر ئۆلۈشنى تاللايمەن!

-چاچ چۈشۈپ كەتسە ئادەم كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدىغان تۇرسا، يەنە ئۇزاق ياشىغىلى بولامدىكەن؟
-مەن تاز بولۇپ قالاي دېدىم، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
-20 ياش تۇرۇپلا چاچ بۇنداق چۈشۈپ كەتسە قانداق بولغىنى؟
-كېچىچە ئۇخلىماي تۈنەشكە ئاخىرى سەۋەب تېپىلدى، غەيرەت قىلىڭلار! ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن تۈنەش بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى قوشقاندا ئادەتتىكى ئادەملەردىن تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىكەن، تۇيۇقسىزلا خوش بولۇپ كەتتىمغۇ...

كۆپ ساندىكى تورداشلار ئۈمىدسىىزلىك بىلەن، تاز بولۇپ قېلىپ بۇنداق ئۇزۇن ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟! دەپ چۇقان سالدى.

ھەممىسى چاچ چۈشۈش ئادەمنىڭ ھۆسنىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان  بىردىنبىر ئۆلچەم، چىرايى ھەرقانچە چىرايلىق،كېلىشكەن بولسىمۇ چاچلىرى شالاڭ بولسا، يەنىلا ئادەمنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان گەپ ئەمەسمۇ؟! دېيىشتى.
-ئەي پەلەك، مەن 2 يىل ئاز ياشىساممۇ مەيلى، چېچىمنى قايتۇرۇپ بەر!


قېنى دەپ بېقىڭچۇ، تازلىقنى 20 يىللىق ئۆمۈرگە ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟ خۇددى راستتىنلا شۇنداق قىلغىلى بولىدىغاندەك...
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تورداشلار دەرھاللا تاز بولۇپ قېلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 15 خىل پايدىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەمبەرلەردە تارقىتىشنى باشلاپ كەتتى:
 
1. چاچ ياسىتىش چاچ سوپۇنى سېتىۋېلىش دېگەندەك چىقىملارنى تېجەپ قالىدۇ.
2. باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا زىيان تاتمايدۇ ، چۈنكى  باشقىلار چېچىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرالمايدۇ .
3.  ئىسسىق سوغاقنى باشقىلاردىن ئاۋۋال سېزەلەيدۇ.

4.  باش پىتلاپ قالسا قاراپلا كۆرگىلى بولىدۇ .
5. ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرىدۇ،  ئالدىرغاندا چاچ تارايمەن دەپ ئاۋارە بولمايدۇ
6.  راھىبلاردەك مېھرىبان كېلىدۇ .
7.  ئالدىراپ غەزەپلەنمەيدۇ، قويقا چىچى تىك تۇرمايدۇ .
8.  باشقىلاردىن ئەقىللىك كېلىدۇ.
9. ئائىلىدە توك تىجىيەلەيدۇ، چاچ قۇرۇتقۇچ دېگەندەك ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ .
10. كېچىسى يول ماڭغاندا بېشى نۇر قايتۇرغاچقا ئاسان قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىمايدۇ .
11.  ئۆيى پاكىز تۇرىدۇ ، ئۇيە بۇيەگە چاچ چۈشمەيدۇ .
12.  ئوڭاي باشقىلارنىڭ ئېسىدە قالىدۇ .
13.  يامغۇردا قالسا، باشتا سۇ توختاپ قالمىغاچقا ئاسان رېماتىزم بولمايدۇ.

14. ئۈمىدۋار كېلىدۇ. ئۆزىنى داۋاملىق رونالدو ،جوردان ،يىشۇ ،گۇاڭتوچاڭ قاتارلىق چولپانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرىدۇ
15.  ئاسان قىرىمايدۇ ،چۈنكى چاچقا ئاق چۈشكىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئاللىبۇرۇن تاقىرباش بولۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۈزلۈكسىز شۇ مەنزىلگە قاراپ كېتىپ بارماقتا. ھەتتا 20 ~ 30 ياشلىق ياشلارمۇ چېچى چۈشىدىغان كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ قالدى. چېچى تۇتام-تۇتام چۈشىدىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تېخىمۇ « چوڭ بىر توپ » ھاسىل قىلدى. قانداق قىلغاندا چاچ چۈشۈش مۇساپىسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولىدۇ؟

قايسى خىل ئامىللار چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ؟
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %60 ئەرلەر 25 ياشتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ، %84 ئەرلەرنىڭ 30 ياشتىن بۇرۇن چاچ چۈشۈشى %50 ئاياللارنىڭ 65 ياش ئەتراپىدا چاچ چۈشۈش مەسىلىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ياش تۇرۇپلا، نېمىشقا تاز بولۇپ قالىدىغاندۇ؟


قايسى خىل ئامىللار چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ؟
ئادەتتىكى چاچ چۈشۈش سەۋەبى

1-جەمەت ئېرىسىيىتى
چاچ چۈشۈشمۇ ئىرسىيەتلىك بولىدۇ، ئەنگىلىيە خان جەمەتى شاھزادە ۋېليام جەمەتى تىپىك ئىرسىيەتلىك چاچ چۈشۈش جەمەتىگە تەۋە بولۇپ ئۇلارنىڭ تۈك خالتىسىدا تۇغما كەمتۈكلۈك بولىدۇ. ئاتىلىق ھورمۇننىڭ غىدىقلىشى تېخىمۇ سەزگۈر، نۇرغۇن ئادەملەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە چاچ چۈشۈش مۇساپىسى باشلىنىدۇ. دۆلىتىمىزدە 1/4 قىسىم ئەر ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

2-زىيادە بېسىم، داۋاملىق تۈنەش
چاچ چۈشۈش كىشىلەر توپى بارغانسېرى ياشلاشماقتا، بۇ بېسىمنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە دائىم تۈن بويى كىرپىك قاقماي تۈنەش بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئىككى خىل ئامىل ئىچكى ئاجراتما ۋە نېرۋا فۇنكسىيەسىنى بۇزۇلۇشنى پەيدا قىلىپ، ئىمونىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا ئاتىلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش كۆپىيىپ، ئىچكى ئورگانىزملارنىڭ ھەرىكىتى تەڭپۇڭسىزلىشىپ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3-يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك
چاچ ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئوزۇقلۇققا موھتاج، قارىغۇلارچە تاماقنى قىسىش، ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاش، چاچ ئۆسۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، چاچ قۇرغاقلىشىش، ئۇچى ئۈزۈلۈش، چاچ ئاسان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر ۋە يۇقىرى مايلىق، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز. مەسىلەن: سېمىز ئادەملەرنىڭ چېچى ئاسانلا مايلىشىپ تۇرىدۇ.

4-چىقىرىش، كۆپ بوياپ بۈدۈرە قىلىش پېتىنقى شەكىل ( 凹 )
كۆپ قىسىم بۈدۈرە قىلىش، چاچ بوياش بۇيۇملىرى تەركىبىدە زىيانلىق خىمىيەلىك ماددىلار بار بولۇپ، باش تېرىسىنى ھۈجەيرىلىرىگە ناھايىتى كۈچلۈك بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار بولۇپ ئاسانلا تۈكلۈك تەڭگىسىمان تۆكۈلۈش، سۇ خوراپ كېتىش، قۇرغاقلىشىپ يېرىلىش، ئېلاستىكلىقى يوقىلىپ ئۈزۈلۈش ۋە چاچ چۈشۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

5- كىلىمات قاتارلىق سىرتقى ئامىللار بىرلەشمە تەسىرى
كۈز ۋە قىش پەسلى چاچ چۈشۈشنىڭ « يۇقىرى پەللىسى »، ھاۋا قۇرغاق سوغۇق بولغانلىقتىن، باش تېرىسىگە سۇ كەمچىل بولۇش، تەڭگىسىمان بىخ ئىسپورىلىق باكتېرىيە كۆپىيىش، تېرە ياغ بېزى نورمال ھەرىكىتى بولماسلىقتىن باش مايلىشىپ قىچىشىش، كېپەك بولۇش، تۈك خالتىسى توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچ چۈشۈش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. تۇمانلىق ھاۋارايىدا ھاۋا دانچىسىمان ماددىلار بىر قەدەر كۆپ، بۇ تۈك خالتىسى توسۇلۇپ قېلىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان بەز كېسىلى، كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان سىندرومى، چاچ چۈشۈش تېرە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن چاچ چۈشۈش ئىرسىيەت گېنى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا،ھەرقانداق بىر تۈرلۈك ناچار ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك تەسىر بېرىپ، چاچ چۈشۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

ئەرلەرنىڭ چاچ چۈشۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار
ئەرلەرنىڭ تاقىرباش بولۇپ قېلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ ھەم ئېغىر. ئاساسلىقى ئەرلىك ھورمۇن تېستوستېرون بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەك، بەزى ئەرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە چاچ چۈشۈشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ. 30 ~ 40 ياشقا بارغاندا، ماڭلاي قىسمىدىكى چاچ كۆرۈنەرلىك ھالدا كەينىگە تارتىلىپ، چوققا قىسمىدىكى چاچ شالاڭلايدۇ؛ كەينىدىكى تەرەققىيات جەريانىدا بەلكىم پەقەت باشنىڭ ئارقا قىسىمى ۋە باشنىڭ ئىككى يېنىدا بىر ئايلىنىپ شالاڭ چاچ قېلىشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ چاچ چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىللار
ئاياللارنىڭ چاچ چۈشۈشى بىر قەدەر يوشۇرۇن، تەرەققىياتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، ئادەتتە 20 ياشتىن كېيىن باشلىنىپ، 50 ياشقا بارغاندا يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدۇ. ئۇنىڭغا ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، ھەيز دەۋرى، ھەيز كېسىلىش دەۋردىكى فىزىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىقلار ئورگانىزملارنىڭ ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ياش تۇرۇپلا ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغان، تۇخۇمدان فۇنكسىيەسى ئاجىزلاشقان بىر قىسىم ئاياللاردا چاچ چۈشۈشى، ماڭلىيى ۋە بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چاچنىڭ چۈشۈشى ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچنىڭ ئۆسۈشىمۇ ناھايىتى ئاستىلاپ، دىيامېتىرى ئىنچىكە، رەڭگى سۇسلايدۇ

2. چاچ چۈشۈشنى بالدۇر بايقاش، خەتىرىنى بىلىۋېلىش
چاچنىڭ ئەسلىدىنلا بىر قانۇنىيەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە قېرىش مەزگىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى تەبىئىي فىزىيولوگىيەلىك چاچ چۈشۈش ھادىسىسى بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ نورمال ھادىسە. لېكىن شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپ ھاللاردا چاچ شالاڭلاپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن « تاقىر باش بولۇپ » قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

1-چاچ چۈشۈش
نورمال ئادەم بەدىنىدە ھەر كۈنى ئۆزلۈكىدىن 80 ~ 50 تالغىچە چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ نورمال « چاچ چۈشۈش »، لېكىن ھەر كۈنكى چاچ چۈشۈش 100 تالدىن ئاشسا، بۇ نورمال بولمىغان  « چاچ چۈشۈش » ھېسابلىنىدۇ. چاچ چۈشۈش سانى كۆپ بولمايدىغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى 50 تال ئەتراپىدا چاچ چۈشكەندە، « چاچ چۈشۈش » گە بولغان ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2-ئۆزىنى ئۆزى سىنىماق
بەش بارماق بىلەن بىر تۇتام چاچنى قىسىۋېلىپ، كۈچەپ ئاستا-ئاستا تارتىڭ، ئەگەر 6 تال ئەتراپىدا چۈشكەن بولسا، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

3.چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بار؟
چاچنىڭ ياشاش كۈچى، بىر ئادەمنىڭ ھۆسنىدىكى قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما، نېمىشقا بەزى كىشىلەرنىڭ چېچى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەسلىگە كېلىدۇ؟ يەنە بەزى كىشىلەر كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن چاچ ئاسرىسىمۇ « گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆلدەك » تەسىر قىلمايدۇ؟ ئۈنۈپ چىققان تەقدىردىمۇ شۇ بىر نەچچە تال. يەنە كېلىپ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭغا قانداق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى قوللىنىش كېرەك؟

1- دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەڭشەش ئەڭ مۇھىم
تۈك خالتىسى چاچنىڭ ئۆسۈش ۋە چۈشۈپ كېتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىش زىيادە كۆپ بولسا، تۈك خالتىسى ئەتراپىدا توپلىشىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈك خالتىسى تۆشۈكىنى توسۇۋالىدۇ، چاچنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ھەتتا تۈك خالتىسىنى زەھەرلەپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چاچ زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىپ، چاچ چۈشۈش، چاچ يىگلەش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر تۈك خالتىسى نىكروزلىنىپ قالسا، قايتا ئەسلىگە كەلمەيدۇ، پەقەت چاچ ئۆستۈرۈش ياكى ئاسراشنى ياخشىلاش ئارقىلىق تەڭشەشكە بولىدۇ. دېمەك، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى چوقۇم بالدۇر ئېلىش كېرەك

2-يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش
ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا چاچنى ئۆستۈرىدۇ. مەسىلەن: بېلىق، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كىسلاتا تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، مەسىلەن: قارا كۈنجۈت، قوناق قاتارلىقلار. لېكىن يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولمىسا، ھەددىدىن زىيادە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

3- خۇشال كەيپىيات
چاچ چۈشۈش روھىي ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كەيپىيات داۋالغۇشى چوڭ بولسا ياكى غەمكىن بولسا، بەدەن ئىچىدىكى ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. روھىي -ھالىتى تۇراقلىق بولۇش چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى

4-باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش
ئاياللارنىڭ چاچ چۈشۈشى ئەرلەردىن ئاز بولىدۇ. ھەر كۈنلۈك چاچ تاراش بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار، مۇۋاپىق بولغان باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر قىلىدۇ.

5 -تاغاقنى توغرا تاللاش
نىلون تاغاق ئاسانلا ئىستاتىك ئېلېكتىر ( زەرەتلىنىش ) پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا نىلون تاغاقنى ئامال بار ئىشلەتمەسلىك كېرەك. شاپتۇل ياغاچ تاغاقنى ئىشلەتسە ياخشى بولۇپ چاچتىكى كېپەكنى يوقىتىپلا قالماستىن، چاچنى پارقىراق قىلىدۇ ھەم باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

6- چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى توغرا تاللاش
چاچ چۈشۈش توپىدىكى كىشىلەر، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا ئىنتىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئاز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە چاچ چۈشۈشنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا بۇ 3 ئامىلغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1. ئامىل
تۈك خالتىسىنى تازىلاپ، ياخشى بولغان باش تېرىسى مۇھىتىنى ساقلاش كېرەك. تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئېلېمېنتلىرى بولغان، ماينى كونترول قىلىدىغان، چاچ چۈشۈشنى تىزگىنلەيدىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك، خىمىيەۋى تەركىبلىك چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە، باش تېرىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ چاچ چۈشۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

2 . ئامىل
باش تېرىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش. ئامال بار تەركىبىدە ئادەمگىياھ، يالغان ئادەمگىياھ، گۈللۈك قامچىئوت قاتارلىق ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتىگە ئىگە بولغان چاچ يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاش ھەمدە مۇۋاپىق بولغان چاچ ئاسراش مەلھىمىنى قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

3. ئامىل
يىلتىزنى قۇۋۋەتلەش. تۈك خالتىسى ساغلام بولسا، ئاندىن چاچ ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ھەمدە بار بولغان چاچنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. چاچ يىلتىزى قۇۋۋەتلەنسە، چاچ چۈشۈشنى ئازايتىپ، چاچ چىقىشنى ھەمدە چاچنىڭ قويۇق بولۇش نىشانىغا تېز سۈرئەتتە يەتكىلى بولىدۇ.

قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章