دىققەت ! | ئۈچەي راكىنىڭ ئەڭ روشەن 4 سىگنالى
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئۈچەي راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بىرى ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامەتلىرى روشەن ئەمەس ، ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ، ھەمدە ئاسانلا سەل قارىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە، ئۈچەي راكىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىنتايىن نازۇك ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر تېخى ئۆزىنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
سىگنال 1 : چوڭ تەرەت قاناش
ئەگەر سىز چوڭ تەرەت قىلغاندا قان چىقىش ئالامەتلىرى بولسا، دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك . تازىلىق قەغىزى ئۈستىدە قان ئىزى بولسا، چوڭ تەرەتتە قىزىل قان دېغى ۋە تەرەت تۇڭى ئىچىدە قان قارا رەڭلىك چوڭ تەرەت بولسا ئۈچەي يولىدا قاناش ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن ، بۇ بەلكىم ئۈچەي راكىنىڭ بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى . قېنىق قىزىل رەڭلىك قانلىق تەرەت بولسا بەلكىم بوۋاسىر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا ، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك .
سىگنال 2 : تەرەت ئادەتلىك ئۆزگىرىش
بەلكىم ئۆزىڭىز چوڭ تەرەت ئەھۋالىغا ناھايىتى ئاز دىققەت قىلىشىڭىز مۇمكىن ، نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى بىلمەيدۇكى ، چوڭ تەرەت ئادەتتىكىگە قارىغاندا قارىماققا بوش ، ھاجەتخانىغا كۆپ كىرسە ياكى دائىملىق قەۋزىيەتنى ئۈچەي ئاشقازاننىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر بۇ خىل ئالامەتنىڭ داۋاملاشقىنىغا ئۈچ ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە ، ھەمدە قاناش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كەلسە ، بەلكىم بۇ ئۈچەي راكىنىۇ شەپىسى !
سىگنال 3 : سەۋەبسىز بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئۇرۇق بولۇشنى گۈزەللىك دەپ قارايدۇ ، ئەگەر سىزدە قەستەن ئورۇقلاش ياكى ئاز يېيىش سەۋەبلىرى بولمىسا ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئادەتتىكىدىن نۇرغۇن يېنىكلەپ كەتسە ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭ ، بۇ بەلكىم ئۈچەي راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن . بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش ئۈچەي راكى بىمارلىرى ئىچىدە ، ھەرگىزمۇ تەرەت ئادەتلىك ئۆزگىرىش ياكى سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قان كېلىشتەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ ، يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .
پەقەت بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش ئۈچەي راكىنىڭ ئالامىتى بولۇپلا قالماي ، تاماق يېگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىپ ، ھۆ بولۇپ قۇسۇش، ئۈچەي ئاشقازاننىڭ سىزگە بەرگەن بىر قىسىم ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن ، سەل قاراشقا بولمايدۇ ھە !
سىگنال 4 : ئازابلىق ئىششىق
بىر قىسىم ئۈچەي راكى بىمارىنىڭ ئاشقازان قىسىمىدا ئىششىق پەيدا بولۇپ ، باسقاندا ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ . ئەگەر بۇ خىل ئاغرىقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 3 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە ، ھەمدە ئۇيقۇ سۈپىتىگە ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتسە ، دوختۇرغا چوقۇم كۆرۈنۈش كېرەك !
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55