ھەپتىدە 10 جىڭ ئورۇقلىتىدىغان سەي رىسالىسى

文摘   2024-11-26 18:01  





ھەپتىدە 10 جىڭ ئورۇقلىتىدىغان سەي رىسالىسى


تارودا مول بولغان ئاقسىل، كاروتىن، كىراخمال، ۋېتامىن C، قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ماددا بار، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بەلگىلىك قۇۋۋەت تولۇقلاپ تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. ئورۇقلاشقا ياردەم قىلىدۇ.




سۆسۈن ياڭيۇنىڭ ئىچىدە مول بولغان ئاقسىل، كىراخمال، مېۋە يىلىمى، سېللۇلوزا، ۋېتامىن ۋە كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ ھەم تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئورۇقلىتىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ.


سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ ( 紫薯) + تارو يەنى يۈتۇ( 芋头)دۈملىمىسى


سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ بىلەن  تارو ئورۇقلىتىشقا ياردەم قىلىشتىكى ياخشى ھەمراھلار ھېسابلىنىدۇ.



3 تال تارو ، 1 تال سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەرتەييارلىۋالىمىز.
  



ئالدى بىلەن تارو ۋە سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇنى پاكىز يۇيۇپ، تاتلىق ياڭيۇنى ئوتتۇرىدىن توغراپ پارچىلىۋالىمىز.



كورىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۆسۈن تاتلىق ياڭيۇ بىلەن تارونى قاسقانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز.




پىشقاندىن كېيىن تارو ۋە تاتلىق ياڭيۇنى ئېلىپ سوۋۇتۇپ، تارونىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ  ئاق شېكەرگە مىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، باشقا يۇقىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.



تارونىڭ شىپالىق روللىرى:

1. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش: ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.



2. چىشنى تازىلاپ چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش: فتورنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا تارو چىشنى تازىلاپ چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىشنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىگە.



3. ئورۇقلىتىدۇ. كىشىدە تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، باشقا يۇقىرى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.



4. ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش چاچ ئاسراش: تارو ئىشقارلىق يېمەكلىك بولۇپ، بەدەندە يىغىلىپ قالغان كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتا ـ ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، قاپقارا چاچ  ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، يەنە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.




5. قۇۋۋەت تولۇقلاش: تارو تەركىبىدە مول بولغان شىلىمشىق سوپۇن ماددىسى ۋە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان فىزىيولوگىيەلىك نورمالسىزلىقنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا جۇڭگو تېبابىتىدە تارو قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ دەپ قارىلىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章