ئاياللارنىڭ بۇ 8 يېرى قانچە سەت بولسا...
ئاياللار ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەر، شۇڭا دائىم بەزى جايلىرىنىڭ كىچىك، بەزى جايلىرىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىدىن نارازى بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكى سەككىز يېرى قانچە سەت بولسا، شۇ ئايال شۇنچە ساغلام بولىدۇ.
1. كاسسىسى قانچە چوڭ بولسا
يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ كىچىك بولىدۇ.
2. يوتىسى توم بولسا، يۈرەك ساغلام بولىدۇ
«توم پاچاق»، «پىل پاچاق» گەرچە فىگۇرغا تەسىر كۆرسەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئايلانمىسى 60 سانتىمېتىردىن چوڭ بولغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.
3. كۆكسى كىچىك بولسا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى چىڭ بولىدۇ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆكسى چوڭ ئاياللارنىڭ گەجگىسى ئاغرىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئىگىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
4. خال كۆپ ئادەملەرنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ
بەدىنىدە خال كۆپ ئادەملەر خال يوق ئادەملەرگە قارىغاندا ئەمەلىي يېشىدىن 6~7 ياش ياش تۇرىدۇ، يۈرەك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق قېرىلىق كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.
5. قۇلىقى چوڭ بولسا، قېرىغاندا ئاسانلا «قۇلاقتىن كەتمەيدۇ»
بىيو تېبابەتچىلىكتە ئادەم قۇلىقى قانچە چوڭ بولسا، قۇلاق يولى ئاڭلايدىغان ئاۋازنىڭ شۇنچە ئېنىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇلىقى چوڭ ئادەملەر قېرىغاندا ئاسانلا «قۇلاقتىن كەتمەيدۇ».
6. تۆگىتاپان بولسا، پۇتنىڭ زەخىمگە ئۇچراش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.
7. بۇرنى چوڭ بولسا، ئاسان زۇكامدىمايدۇ
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇن قانچە چوڭ بولسا چاڭ-توزان قاتارلىق بۇلغىما ماددىلارنى سۈمۈرۈش نىسبىتى شۇنچە كىچىك بولىدىكەن، شۇنداقلا كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
8. پۇت بارمىقى قىسقا بولسا، تېز يۈگۈرىدۇ
چەت ئەلنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا پۇت بارماقلىرىنىڭ قىسقىراپ مېڭىشى تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشكە بولغان ئېھتىياج تۈپەيلى ئىكەن. ئۇزۇن پۇت بارماقلىرى چېتىلىدىغان مۇسكۇل ۋە سۆڭەكلەر كۆپ بولۇپ، بۇنداق بولغاندا يۈگۈرۈشكە خېلىلا كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ بولىدىكەن، سىلكىنىشنى ئازايتىش ئۈنۈمىمۇ ناچار بولىدىكەن.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55