جىنسىي يول خامۇشلۇق كېسىلى دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟

文摘   2024-12-29 18:12   新疆  





جىنسىي يول خامۇشلۇق كېسىلى دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟


ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى ھەمىشە كۆڭۈلسىز بولسا، ئاياللار قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ، بەلكىم سىز جىنسىي يول خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن...

بارلىق كېسەللەر ئىچىدە بۇ كېسەل ئالاھىدە ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى بۇ خىل كېسەلدە تىل قىسىنچىلىقى، ھەر خىل پىسخىك توسالغۇلار تۈپەيلىدىن باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراشتىن ئۇيىلىش، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاياللار مەيلى باكتېرىيەلىك جىنسىي يول كېسىلى ياكى زەمبۇرۇغ كېسىلى بولسۇن ، بەدەن يۇقۇملانغاندا ياكى كۆپىيىش سىستېمىسى كېسىلى ھەتتا جىنسىي كېسەل بولۇپ قالغاندا،  ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئوخشاشلا ئاغرىش ھىس قىلىدۇ. لېكىن ، ھەممىلا ئاياللاردا ئوخشاش بىرلا خىل كېسەللىك ئالامىتى بولماستىن ، بەلكى كىچىك تەرەت قىلغاندا كۆيۈشكەندەك بولۇش ، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى بىنورمال بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.


ھالبۇكى ، ئەگەر بىرگە بولغاندا ئاغرىغاندىن باشقا ، تېرىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ھېچقانداق ئالامىتى بولمىسا ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خىل ئاغرىق ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ ، يېنىك تىگىشىشتىنمۇ ئاغرىسا، بۇ زادى قانداق ئەھۋال ؟

ئەگەر بۇنداق بولسا ، بەلكىم جىنسىي يولىڭىزدا "خامۇشلۇق كېسىلى" پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ، بىراق خامۇشلۇققا قارشى دورا بۇ خىل ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

بۇ خىل چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ، لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇنى نېرۋا جەھەتتە كۆرۈلگەن مەسىلە ، ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى خامۇشلۇققا قارشى دورىلارنى ئىچىش، دەپ قارايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى بىرگە بولغاندىكى ئاغرىقنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەرگە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ:

1. جىنسىي يول ۋە ئەتراپتىكى تېرىدە داۋاملىق ئاغرىش يۈز بەرسە ، سانجىپ ئاغرىش ، كۆيۈپ ئاغرىش ياكى دائىم كۆرۈلىدىغان ھەر خىل ئاغرىقلار ؛
2. ھېچقانداق قىزىرىپ ئىششىپ قېلىش ، ئەسۋە ، جاراھەت قاتارلىق تېرە زەخمىسىنى تاپالمىسىڭىز ، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ تېرىسى قارىماققا تامامەن نورمال كۆرۈنسە ؛
3. بىرگە بولغاندا ياكى تازىلانغان پاختا تاياقچىسىنى سالغاندا ، ئاغرىقىڭىز ئېغىرلىشىپ كەتسە ؛  
4. ئولتۇرغاندا ئاغرىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتسە.
5. بۇ خىل ئاغرىق ئادەتتە سىرتقى جىنسىي ئەزا بىلەنلا چەكلىنىدۇ ، لېكىن بەزىدە ساغرا ۋە يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
6. ئاغرىقنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى بولماسلىق ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا پەيدا بولۇپ ، بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر نەچچە ئاي قايتا-قايتا پەيدا بولۇپ كېيىن يوقاپ كېتىش.

ئەگەر بەدىنىڭىزدە بۇ خىل ئاغرىقنى بايقىسىڭىز ، كۆپىيىش ئەزالىرىڭىزدا بەلكىم خامۇشلۇق كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ، سىز چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خامۇشلۇققا قارشى دورا ئىچىڭ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ .

ئەلۋەتتە ، بۇ خىل ئاغرىق بەك ئازابلىق ، شۇڭا تەدبىر قوللىنىپ پەسەيتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: %100 لىك ساپ پاختا كالتە ئىشتان،  سىرتىغا كەڭرى كۆينەك ياكى ئىشتان كىيىڭ  ؛ خۇشبۇي پۇراقلىق تازىلىق بۇيۇملىرى، يۇيۇش بۇيۇملىرى ، سوپۇن بىلەن ھۆل لۆڭگە ، تازىلىق لۆڭگىسى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك ؛
ئەڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىمىز ، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر كۆپ ، سىز بەلكىم ئۇنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى ياكى تارتىشىپ قېلىش ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دىياگنوز قويدۇرۇپ ، ئاغرىقنى بېكىتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ ھەم باشقا ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياخشى تاللاشتۇر.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55


亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章