كۈنىگە1تال پىشارغان ئالمىنى يېيىشنى7 كۈن داۋاملاشتۇرغاندا...

文摘   2024-12-17 18:43   新疆  





كۈنىگە1تال پىشارغان ئالمىنى يېيىشنى7 كۈن داۋاملاشتۇرغاندا...


«كۈندە بىر تال ئالما يەپ بەرسىڭىز، دوختۇردىن يىراق تۇرىسىز» دەيدىغان ماقال بار، بۇنىڭدىن ئالمىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە چۈشۈنۈۋالغىلى بولىدۇ، بىزئىزچىل ئالمىنىڭ كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياخشى مېۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلدۇق. لېكىن ئادەتتە بىز  ئالمىنى پەقەت خام يەپ كەلدۇق، ئەمەلىيەتتە ئالمىنى پىشۇرۇپ يىسە تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈملىرى بار، قىزىغاندىن كېيىن ئالمىنىڭ يېمەكلىك تالالىرىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە يۇمشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ھەم ئادەم بەدىنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.
بىر نەچچە كۈن يېيىشنى داۋاملاشتۇرسا، 3 خىل پايدىسىغا ئاستا- ئاستا ئېرىشكىلى بولىدۇ!


بىرىنچى: قەۋزىيەتنى پەسەيتىش

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىگە ئىگە بولغاچقا، بۇھالەت قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم بۇ مەسىلە كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئالمىنى پىشۇرۇپ يېيىشنى داۋاملاشتۇرغاندا قەۋزىيەتنى پەسەيتىش رولى بار، چۈنكى ئالمىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان مېۋە يېلىمى سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن ئاسان ھەزىم قىلىنىدۇ، مېۋە يېلىمى ئۈچەيدە سۇ سۈمۈرۈپ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ ھەم ئاسان چىقىرىۋېتىدۇ.

ئىككىنچى: خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش
ئالمىنى پىشۇرۇپ يېگەندە، قاندىكى خولېستېرىننى تازىلايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى قاندىكى خولېستېرىننى پارچىلايدۇ ۋە تازىلايدۇ، دائىم پىشۇرۇلغان ئالمىنى يەپ بەرگەندە، قان تومۇرلارنى قوغدىغىلى، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئالمىنى يالغۇز پىشۇرغاندا تەمى بولمىسا قوي گۆشى بىلەن بىللە پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا ئوزۇقلۇقنى ئاشۇرغىلى ھەم خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، چۈنكى ئالما تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرىنىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار، شۇڭا دائىم پىشۇرۇلغان ئالمىنى يېگەنگە يەتمەيدۇ.


...ئۈچىنچى: ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئالمىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئالمىنىڭ «ئەستە ساقلاش مېۋىسى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئالما تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئورگانىك كىسلاتا، ۋىتامىن قاتارلىق تەركىبلەر بولغاچقا، قاينىتىلغان ئالمىنى ئىستېمال قىلغاندا تېز سۈرەتتە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىزنى بارغانسېرى ئەقىللىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئالما يېگەندە چوقۇم پاكىز يۇيۇپ، بىۋاستە خام يەيدۇ. بىراق ئالدىراش بولمىغان چاغلاردا، پىشۇرۇپ يېيىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشمۇ يامان ئەمەس تاللاش، ئالمىنى پىشۇرغاندا مەززىلىك بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章