بىر تال قۇمنىڭمۇ چىڭ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بار

时事   2024-12-05 18:50   新疆  

بىر تال قۇمنىڭمۇ چىڭ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى بار

ــــ چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى 50 نەچچە لەۋھەنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە ئۈستىدە ئىزدىنىش

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ ياخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ سۇڭ

سۈرەتتە: كوئېنلۇن پارتىيە ئەزالىرى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش زەربىدارلار ئەترىتى ئېگىزلىكتىكى قارلىق تاغدا چارلاپ شۇ جاينىڭ ئامانلىقىنى قوغدىماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ سۇڭ فوتوسى
«ياخشى ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟»

«قانداق قىلغاندا ئەھمىيەتلىك ياشىغىلى بولىدۇ.»

«ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلغاندا ئاندىن ئەھمىيەتلىك ياشىغىلى بولىدۇ.»

«ئەسكەرلەرنىڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىشى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بۇ دىيالوگ دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى قاراقۇرۇم تېغىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان خوتەن چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى لاڭرۇ چېگرا ساقچىخانىسى چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى بولۇپ قالدى. ئۇلار قاتتىق سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن شۇ جاينىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەر بىر يولۇچىغا كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن 50 نەچچە لەۋھەنى تاپشۇرۇۋالدى، ھەر بىر جۈملە مەدھىيە ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سۆزلىرى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، خەلق ئارىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلدى.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خوتەن چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى لاڭرۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا، پونكىت باشلىقى لى شۆسۇڭ تامدىكى لەۋھەلەرنى بىر بىرلەپ كـۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ لەۋھەنى ئاپتوموبىلىدا كاشىلا كۆرۈلگەندە بىز ياردەم قىلغان ساياھەتچى سوۋغا قىلغان»، «بۇ لەۋھەنى ئىگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلگەندە قۇتقۇزۇۋېلىنغان ساياھەتچى سوۋغا قىلغان»، «بۇ لەۋھەنى تەۋەلىكىمىزدىكى كارخانا سوۋغا قىلغان ...».

لى شۆسۇڭ چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ قۇياش نۇرى كەپىسىنىڭ تېمىدىكى ھەر بىر لەۋھەنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4280 مېتىر ئېگىزلىكتە، شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدا، تۇرۇشلۇق ئورنى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردە ساقچىلار ئۆزىنى بىر تال قۇمغا ئوخشىتىدۇ. قۇم بىپايان دۇنيادا كىچىك ھەم ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر تال قۇم ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر بىر تال قۇم ئارقىلىق ئېگىز بىنالارغا مۇستەھكەملىك ئاتا قىلغىلى ھەم بىپايان زېمىنغا بىر خىل سۈپەت تۇيغۇسى بەرگىلى بولىدۇ. قۇم دانچىسى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن قۇم يىغىلىپ مۇنار شەكىللەندۈرۈپ، مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى ھاسىل قىلالايدۇ.

«بىز ساقلاۋاتقان بۇ يەردە بىز خۇددى بىر تال قۇمغا ئوخشايمىز، بىز ئۆز بـۇرچىمىزنى يـاخشى ئـادا قىلىشىمىز كېرەك.» بۇ لى شۆسۇڭنىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆزى.

لى شۆسۇڭ «ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھەنى كۆرگەندە ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە، چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى تەۋەلىكىدە تۇيۇقسىز قېلىن قار ياغقانىدى، بۇ چاغدا لى شۆسۇڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۇرغان تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، ئاتا - بالا ئىككەيلەن دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىر ئېگىز رايوندا ئېزىپ قالغان، توڭلاپ كەتكەن ھەم ئۇلاردا ئېگىزلىك رىئاكسىيەسى كۆرۈلگەنىدى.

يان تېلېفوننىڭ سىگنالى بەك ئاجىز بولغاچقا، پەقەت تەخمىنىي ئورنىغىلا ئېرىشكەندىن كېيىن سىگنال ئۈزۈلۈپ قالغان. لى شۆسۇڭ دەرھال قۇتقۇزۇش لايىھەسى تۈزدى، قۇتقۇزۇش دائىرىسى كەڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇ سەيدۇللا بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، تەۋەلىكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، 12 قۇتقۇزۇش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، تەخمىنىي ئورۇنغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى. قاردا يولنى ئېنىق بىلگىلى بولمىغاچقا، قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە توغرا يول تېپىپ بېرىش ئۈچۈن، لى شۆسۇڭ ھەمىشە ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ يول ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تۆت كېچە - كۈندۈزدە 3500 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىنى ئىزدەش ئارقىلىق، ئاخىرى كىچىك بىر تاغ ئۆڭكۈرىدىن خەتەرگە يولۇققان ئاتا - بالا ئىككەيلەننى تاپتى.

«چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا ھازىر بار بولغان ساقچى كۈچى كەڭ دائىرىدىكى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى قاندۇرالمىغاچقا، ئېگىزلىكتە جىددىي قۇتقۇزۇش كەسپىي قوشۇنى قۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر ئىدى».  لى شۆسۇڭ چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بېلەتتى.

لى شۆسۇڭ ھۆكۈمەت، قاتناش، دوختۇرخانا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنداق قىلىپ چوڭ يۇلغۇنسايدىكى تۇنجى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ـــ كوئېنلۇن پارتىيە ئەزالىرى قۇتقۇزۇش زەربىدارلار ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى. زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامما قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراش، ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلۈش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، دەرھال يىغىلىپ، نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزدى.

«زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇشتىكى مەقسەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈندۇر». بۇ سۆزلەردىن لى شۆسۇڭنىڭ قەتئىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.

لى شۆسۇڭ «كوئېنلۇننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمىدى» دېگەن خەت يېزىلغان يەنە بىر لەۋھەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ لەۋھە زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋالغان تۇنجى لەۋھە».

بۇ يىل 6 - ئايدا، چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پـونكىتى دۆلـەت يولى 219 - لىنىيەسىنىڭ چوڭ يۇلغۇنسايدىكى 3035 كىلومېتىرلىق جايىدا، گۇاڭشىلىق بىر ساياھەتچىنىڭ موتوسىكلىتى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئېغىر دەرىجىدە يارلىنىپ مىدىرلىيالماي قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلگەنلىكى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەش قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، 10 قۇتقۇزۇش خادىمىنى يىغدى. ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا، كونكرېت ئورنىنى ئېنىق ئېيتمىغانىدى، ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي ئىدى. زەربىدارلار ئەترىتى دۆلەت يولى 219 - لىنىيەسىنى بويلاپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىزدىدى، ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ئارقىلىق چاقىرىش، يۇقىرى قۇۋۋەتلىك قول چىراغ ياندۇرۇپ ئىزدەش ئارقىلىق، ئاخىرى گۇچۇڭ داۋىنىدىن ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىنى تاپتى.ئەترەت دوختۇرلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىدا ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلگەندىن باشقا چوڭ چاتاق يوقلىقىنى بىلدى.

ئارقىدىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىنى يۆلەپ ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دورا ئىچكۈزدى ھەمدە ئوكسىگېن سۈمۈرگۈزدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن، ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلاندى، زەربىدارلار ئەترىتى ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى. ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچى مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ مىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالغىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، سىلەر مېنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋالدىڭلار».

لى شۆسۇڭ مۇنداق دېدى: «ئاممىنىڭ خىزمىتىمىزنى ئېتىراپ قىلىشى بىزگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات، شۇنداقلا بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىمىزنىڭ ئەھمىيىتىدۇر».

«ئاپتوموبىلىمنىڭ توكى تۈگەي دېدى، بۇ يەردە توك قاچىلىۋالسام بولامدۇ؟»

«مەندە ئېغىر دەرىجىدە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلدى، بۇ يەردە بىردەم ئارام ئېلىۋالسام بولامدۇ؟»

……

ھەر قېتىم ئـامما يـاردەم تـەلەپ قىلغاندا، لى شۆسۇڭ ھەمىشە ئاممىنى باشلاپ چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى كوئېنلۇن خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ، «بۇ يەردە كىتاب، قايناق سۇ بار، ھويلىدا توك قاچىلاش ئەسلىھەسى بار، بۇ يەردە خاتىرجەم ئارام ئېلىپ، ئەھۋالىڭلار تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن مېڭىڭلار.»

ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش، ئۆي ئاپتوموبىلىغا سۇ تولۇقلاش قاتارلىق ئەھۋاللار ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ساقچىلار يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلارغا قىزغىن ياردەم بېرىدۇ، لى شۆسۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا دائىم سۇ، توك ئۈزۈلۈپ قېلىپ، خىزمەتكە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى، ھازىر، كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ توك بېسىمى مۇقىم، پاكىز سۇ بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولدى، يەنە بىر ئېگىزلىك ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئۆيى كۆپەيتىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى».

ھازىر ھېرىپ قالغاندا كوئېنلۇن خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش ئۆيىگە بېرىپ ئارام ئېلىش، ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلسە ئوكسىگېن سۈمۈرۈش دۆلەت يولى 219 - لىنىيەسىدە يۈرۈۋاتقان چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ دائىملىق ئىشىغا ئايلاندى.

بەزىدە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەر: «سىلەر مۇشۇنداق جاپالىق جايدا ئىشلەيدىكەنسىلەر، ئۆيۈڭلارنى سېغىنمامسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، لى شۆسۇڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىدۇ: «قانداقمۇ ئۆينى سېغىنماي تۇرالايمىز! لېكىن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز».

ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا چىڭ تۇرۇپ، قەلبىگە ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى پۈكتى. چوڭ يۇلغۇنساي چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى سەمىمىي - ساداقەتمەن بولۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر تال قۇمدەك ئېگىزلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ساپ مۇھەببىتىنى ۋەتەنگە بېغىشلىدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئاماننىسا مەتتۇرسۇن)

مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章