ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺳﯧﻤﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ, ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ, ﻗﻪﻥ ﻗﻪﻧﺘﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ, ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ, ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
1. ﺳﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ
ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭼﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ %90 ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ, ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﯞﻩ ﻛﺮﺍﺧﻤﺎﻝ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
2. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ
ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭼﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺯﯨﭽﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, 100 ﮔﺮﺍﻡ ﮔﺎﯕﭙﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ 100 ﻛﯩﻠﻮﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ, ﺑﯩﺮﺍﻕ 100 ﮔﺮﺍﻡ ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ 30 ﻛﯩﻠﻮﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﺎﺭ.
3. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻼﻧﻐﺎﻥ, ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ, ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ, ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ, ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ, ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﻕ ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ, ﻗﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ.
4. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻛﯚﭘﺨﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ
ﻗﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ, ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﻴﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﻮﯞﯨﮕﯜﺭﯛﭺ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺗﻪﻣﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ