ئاياللار ياش تۇراي دېسىڭىز بۇلارنى دائىم يەپ بېرىڭ!

文摘   2024-11-16 11:56   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئاياللارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغان ئاياللارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئەگەر ئاياللار ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمىگەندە بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنى تۆۋەنلەپ، بالىياتقۇ بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار بۇرۇنلا قېرىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللىق ھورمۇنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش بەكمۇ مۇھىم، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياللار تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بەرگەندە ساغلام بولۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

1. سوپۇن دەرىخى مېۋىسى (皂角米)

سوپۇن دەرىخى مېۋىسى ئاياللارنىڭ تەبىئىي گىرىم بۇيۇمى بولۇپ، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، ئاياللىق ھورمۇنى تولۇقلاش ئۈنۈمى بار، ئاياللار سوپۇن دەرىخى مېۋىسىنى دائىم يەپ بەرگەندە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىممۇنتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. قۇرۇق ئۈزۈم

قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە مول بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، ئاياللار دائىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرگەندە بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلاش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قۇرۇق ئۈزۈم ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالىياتقۇنى ساغلام قىلىدۇ.

3. كۇلى بېھىسى

كۇلى بېھىسى تەركىبىدە نۇرغۇن ۋىتامىن تەركىبلەر بار، ئادەتتە بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا تېرە ناچارلىشىپ، ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، كۇلى بېھىسىنى دائىم يەپ بەرگەندە بەدەندىكى ھورمۇن مىقدارىنى تەڭشەپ تېخىمۇ ساغلام بولغىلى بولىدۇ.

4. ساپ ھەسەل

ساپ ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، كۈندە ھەسەل ئىچىپ بەرگەندە بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەش، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇقاردا دېيىلگەن تۆت خىل يېمەكلىكلەرنى ئامال بار كۆپرەك يەپ بەرگەندە تېخىمۇ ساغلام بولۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.



بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章