1. ﭘﯩﯟﺍ
ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ: ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﻳﯧﮕﻪﭺ ﭘﯩﯟﺍ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻣﺎﻳﺴﯩﺰﺭﺍﻕ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮔﯚﺷﻠﯜﻙ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.
2. ﺗﯧﺰ ﺋﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﮪﯟﻩ(速溶咖啡)
ﺗﯧﺰ ﺋﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﮪﯟﻩ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺗﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯧﺰ ﺋﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﮪﯟﻩﮔﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯜﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ.
ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ : ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺭﻭﮪﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﮪﯟﻩ ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻪﮪﯟﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ.
3. ﺧﺎﺳﯩﯔ
ﺧﺎﺳﯩﯔ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﺪﺍ ﻳﺎﻍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻮﻳﯘﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 20 ﺗﺎﻝ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
4. ﻛﺎﺭﺑﻮﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ (ﻛﻮﻻ)
ﻛﻮﻻﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻓﻔﯧﺌﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺭﯦﺘﺴﯧﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﻛﻮﻻ ﺋﯩﭽﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺴﯩﺰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﻮﻻ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﺎﺯﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ : ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﻛﻮﻻ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﺯﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
5. ﺷﺎﻛﯩﻼﺕ
ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 100 ﮔﺮﺍﻡ / 586 ﭼﻮﯓ ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﺎﻛﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻧﺖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
6. ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍ ﻣﯧﯟﻩ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ
ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟﻩ ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ Cﻻ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯧﯟﻩ ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ.
7. ﻣﺎﺭﻭﮊﻧﻰ
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﺎﺭﻭﮊﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﻛﯚﭖ، ﻳﺎﻍ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ، ﻣﯧﯟﻩ ﺷﻪﺭﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺭﻭﮊﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
8. ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻜﻰ (苏打饼干)
ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻱ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ %30~%50ﻛﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻜﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.