01
ئالما شۆپىكى
ئالما شۆپۈكىنىڭ پايدىلىق رولى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شورپا قاينىتىپ ئىچكەندە ياكى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كېتىش، بەلغەم ئېشىپ كېتىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئۇنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ، ئاچ قورساققا تەڭشەپ (ھەر كۈنى 2-3 قېتىم) ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئاستا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ۋە ھەيز خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەر قارىتا مۇئەييەن داۋالاش ئۈنۈمى بار.
بىر سىقىم يېڭى ئالما شۆپۈكىنى ئېزىپ لاي قىلىپ، رەختكە يۆگەپ ۋاننا، داس، تەرەت قاچىسى قاتارلىقلارنى سۈرۈتسەك ئۇنى دەسلەپكى چاغدىكىدەك پارقىراق قىلغىلى بولىدۇ.
02
تاۋۇز شۆپىكى
تاۋۇز شۆپىكىنىڭ رولى تاۋۇز ئىتىنىڭ رولىدىن ياخشى بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتىدە تاۋۇز يېشىل لىشاينىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ، ئىچى سۈرۈش ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار.
قان ئازلىق، يۇتقۇنچاق كېكىردەك قۇرغاقلىشىش، كالپۇك يېرىلىش، شۇنداقلا دوۋساق ياللۇغى، جىگەر-قورساق كېسەلىكلىرى ۋە بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋۇز شۆپىكىدا ۋىتامىن C، E. بولۇپ، ئۇنى يۈزگە سۈرۈتكەندە ياكى ئۇنى ئېزىپ مىلھەمگە ئايلاندۇرۇپ تېرىگە سۈركەپ 10 ~ 15 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن سۇدا پاكىز يۇيىۋەتسەتېرە، يۇمران بولۇپ، تېرە ۋە قىچىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
03
تەكىيە كاۋا شۆپىكى
تەكىيە كاۋا شۆپىكىنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ھۆللۈكنى ھەيدەش رولى بار.
يەنە بۆرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈش، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق قاتارلىقلار ئىشلىتىلدۇ.
تەكىيە كاۋا پوستىنى قاينىتىپ شورپا قىلىپ پۇتنى يۇيسا ھەم پۇت تەمرەتكىسىنى داۋالايدۇ ،سېسىق پۇراقنى يوقتىدۇ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ.
04
جۈزە شۆپىكى
جۈزە شۆپىكىنى پاكىز يۇيۇپ، شېكەر سۈيى بىلەن قاينىتىپ ئىچسە، يەلنى ھەيدەپ ئۆپكىنى تازىلايدۇ. ھۆللۈكنى ھەيدەپ، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا،جۈزە شۆپىكى تەركىبىدە ئىشقارلىق ماددا بولۇپ، ئۇنى تۇزغا چىلاپ ساپال، ئېمال، ئاليۇمىن، تۆمۈر تۈرىدىكى ئائىلە سايمانلىرىنى سۈرۈتكەندە ئاسانلا مەينەت قالدۇقلارنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. ئاپېلسىن پوستى يەنە بىر قەدەر كۆپ خۇشپۇراق ماددا بار بولۇپ، ئۇنى توڭلاتقۇغا قويۇپ قويغاندا توڭلاتقۇدىكى غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.
ئائىلە سىستېمىسىدىكى جانلىقلار ئورگانىك ماددىسى خىمىيىۋىي ئوغۇتقا ئازراق ئاپېلسىن شۆپىكى سېلىپ قويسا، گۈل ئوغۇتى سۇيۇقلۇقى بىلەن ئوغۇتلىغىلى بولىدۇ، سېسىق پۇرىمايدۇ.
05
تەرخەمەك پوستى
تەرخەمەك پوستى زەھەرنى ھەيدەيدۇ. تەرخەمەك پوستىدا بىر قەدەر كۆپ بولغان ئاچچىق تەم ماددىسى تەرخەمەكنىڭ ئوزۇقلۇق جەۋھىرىدۇر.
تەرخەمەكنى پوستى بىلەن ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن C نى تولۇق سۈمۈرۈپلا قالماي،قوبۇل قىلىش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئۈنۈملۈك زەھەر تازىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەرخەمەك پوستى يەنە مىكروبقا قارشى تۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
06
پەمىدۇر پوستى
پەمىدۇر پوستى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. لىكوپېن بولساھازىرغىچە بايقالغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك تەبىئىي ماددا بولۇپ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭدىن باشقا، پەمىدۇر پوستى يەنە ئۈچەي يولىنى ئاسراشقا پايدىلىق.
شۇڭا، پەمىدۇرنى پوستى بىلەن يېيىش كېرەك.
07
پېدىگەن پوستى
پېدىگەن پوستى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالىنىشى ئەڭ ياخشى.
پېدىگەن پوستىغا كۆپ مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
ئەگەر پىدىگەننىڭ پوستىنى سويىۋەتقەندە ساقلىقنى ساقلاش قىممىتىنى تۆۋەنلەپ،تۆمۈر ھاۋادا ئوكسىدلىنىپ، ئاسانلا قارىداپ كېتىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا پوستىنى سويىۋەتمەسلىك كېرەك.
08
نەشپۈت پوستى
نەشپۈت پوستى بىر خىل دورىلىق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
ئۇ جۇڭيى دورىسى بولۇپ، يۈرەكنى تازىلاپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، ئىسسىقنى ياندۇردۇ.
نەشپۈت پوستىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق چاناپ، مۇز قوشۇپ، شېكەر بىلەن قوشۇپ سۇدا دۈملەپ ئىچسە يۆتەلنى داۋالايدۇ.
چىلىغان كۆكتاتقا نەشپۈت شۆپۈكىنى سېلىپ قويسا، چىلىغان كۆكتات تېخىمۇ چۈرۈك، تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.
09
بانان شۆپىكى
بانان پوستى تەركىبىدە بانان پوستى ماددىسى بار بولۇپ،زەمبۇرۇغ ۋە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كېسەلىكلەرنى داۋالاشقا بولىدۇ.
تېرە قىچىشىش كېسىلى، ئۇسساش، ئۆپكە ۋە ئۈچەينى سىلىقلاش، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
بانان شۆپۈكىنى ئېزىپ زەنجىۋىل سۈيىنى قوشسا ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ.
بانان پوستىنى قول-پۇتلىرىغا سۈركەپ بەرسە، يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئۈششۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش، مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە تېرىنى ئاسرايدىغان ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئېسىل مەھسۇلات. ئۇنىڭدىن باشقا، بانان شۆپۈكى بىلەن ئاياغنى قايتا-قايتا سۈرتۈپ بەرسە ئاياغ مىيى سۈرۈتكەندىمۇ بەك ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ