قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
20-قىسىم
دادام ئېلىپ بەرگەن تېلفۇنۇمدا دادام-ئاپاملار بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن كۈندە بىر قېتىم پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. كۆپ ھاللاردا ئېھساندىن تېلفۇن كېلەتتى، ئەمما نېمىلەرگىدۇر باھانىلەپ، ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ئالمايتىم. ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەتداشلارنىڭ بىرنەچچىسىنىڭ قولىدا تېلفۇن پەيدا بولغان بولۇپ، شۇلار بىلەن ئانچە-مۇنچە تېلفۇنلىشىپ قوياتتىم.
قار قېلىن ياغقان قىشنىڭ بىر كەچلىكى سومكامنى رەتلەۋېتىپ، ئارماننىڭ تېلفۇن نومۇرى يېزىلغان ھېلىقى باغاقچە قولۇمغا چىقىپ قالدى ۋە يۈرىكىم شۇررىدە قىلىپ قالدى.
*** *** ***
قولۇمدىكى نومۇرغا قاراپ قانچىلىك ئولتۇرغىمىنى بىلمەيمەن، بارماقلىرىمنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسەم بۇ نومۇرلارنى ھازىرلا باسقۇسى بار. ئەمما قاچانلاردىن باشلاپ ئىچىمدە پەيدا بولۇپ قالغان يەنە بىر مەن مېنى ئۇ نومۇرنى باسماسلىققا، نومۇر يېزىلغان باغاقچىنى يىرتىۋىتشقا دەۋەت قىلىپ تۇراتتى. «بىر قېتىم، مۇشۇ بىر قېتىملا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىۋالسامچۇ؟ ئۇنىڭ قانداق تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلسەم، ئۇنىڭدىن كېين ئۇنى زادىلا ئىزدىمىسەمچۇ؟ مۇشۇ بىرقېتىم، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم...» بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىكەنلىكى توغىرىسدا ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بېرىپ، باغاقچىدىكى نومۇرنى بېسۋاتقىنىمدا دادامدىن تېلفۇن كەلدى.
-ۋەي دادا، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ ئاپاملار سالامەتمۇ؟
-بىز ئوبدان تۇردۇق ،قىزىم، ئۆزىڭىزچۇ، سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ ئاپىڭىزنىڭ گېپى باركەن، تېلفۇننى بەردىم ھە!
-قىشلىق تەتىلگە قاچان قويۇپ بېرىدىكەن قىزىم؟ ئاچا-سىڭىللىرىڭىز بىلەن سىزگە كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىمەن دەپ قىزىل سوكنۇ ئېلىپ قويدۇم، كەلسىڭىزلا تىككۈچىگە ئاپىرىپ بېرىمىز...
-قاچان كېلىسەن ئاچا، سەن كەلگۈچە تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئۆتۈپ كېتەرمۇ ھە؟، ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى دەپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەمىمىمىز سوۋغات تەييارلاپ قويدۇق...
-سالامەت تۇردىڭىزمۇ سىڭلىم، بىز بىلەن بىر نەۋرە مۇيەسسەر قىز تويغا تەمشىلىپتىكەن، «گۈلزىبا كەلسە قولداش قىلىمەن» دەپ سىزنى ساقلاۋاتىدۇ..
-ئۆزۈمگە ئاياق ئالغانتىم ئۇكام، ساڭىمۇ بىرنى ئېلىپ قويدۇم...
تارام-تارام تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىمنى ئىختىيارىغا قويىۋېتىپ، ئۇلارغا يىغلىغىنمىنى قىلچە چاندۇرمىغان ھالدا ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم بىلەن يېرىم سائەتتىن ئارتۇقراق پاراڭلاشتىم. بىردىنلا كۆڭلۈم ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئازلا قالغان قىشلىق تەتىلنىڭ پاتراق كېلىشىگە بولغان ئىنتىزارلىقىم شۇتاپتا ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدى.
«ئاڭلىدىڭمۇ گۈلزىبا؟ ئاتا-ئاناڭ، قېرىنداشلىرىڭ ساڭا نەقەدەر كۆيۈنىدۇ، ساڭا نەقەدەر ئامراق ھە؟ ئادەم دېگەن مۇشۇنداق قەدرلەنسە، ياخشى كۆرۈلسە ئاندىن ئۆز قىممىتى ئۈستىدە ئويلىنالايدۇ. سەن ئارمانغا نېمىلەرنى قىلمىدىڭ؟ قانچىلىك بەدەل تۆلىمىدىڭ؟ ئۇنى قانچىلىك قەدىرلىدىڭ، ياخشى كۆردۈڭ؟ لىكىن ئۇ ساڭا نېمە قىلدى؟ ئېھسانغا قارا، ئۇ سەن ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلۋاتىدۇ؟ مۇختەرچۇ؟ سەن ئەسلىدە مانا مۇشۇنداق قەدىرلىنىشكە لايىق قىز ئىدىڭ، ھەركىملەرنىڭ قەدىرلىشىگە، چوڭ بىلىشىگە ئەرزىيتىڭ، ئەمما ئارماننىڭ ئالدىدا قەدرىڭ بولدىمۇ؟ ھەتتا سەن ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان شۇ يات شەھەردىن قايتىپ كېتەلمەي، بېشىڭ قېتىپ، قويۇندەك پىرقىراپ يۈرگەن ۋاقتىڭدا ئۇ يېنىڭغا كەلدىمۇ؟ ئاراڭلاردىكى بىر مەزگىللىك ھېسيات مۇناسۋىتىنىغۇ ئېيتماي تۇرايلى، ھىچ بولمىغاندا ساۋاقداشلىقىنىڭ يۈزىنى بولسىمۇ قىلىپ، ساڭا ياردەم قىلىشنى ئويلىدىمۇ؟ ئاتايىن ئۆزىنى ئىزدەپ بارغىنىڭنىڭ قەدرىنى قىلدىمۇ؟ ياق،ياق، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، تارتقان ئۇۋالچىلىقلىرىڭ، چەككەن ھەسرەت، تۆككەن كۆز ياشلىرىڭ...ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، ساڭا قىلچىمۇ پەرۋا قىلمىدى، سېنى ئېتىبارغا ئالمىدى. ئەجىبا سەن ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچە قەدىرسىزمىدىڭ؟ بۇنىڭ ھەممىنى سەن ئۆزۈڭدىن كۆر، چۈنكى ئۇنى سەن شۇنداق ئۆگىتىپ قويغان! ئەمدى ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈز، سەن بۇيەردە ئۇنى ئەسلەپ، يىغلاپ ئولتۇرغىنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى چىرايلىق خوتۇنى- ئەمەلدارنىڭ سىڭلىسىغا خۇشامەت قىلىپ، ساڭا قىلىشنى خالىمىغان شېرىن-شېكەر گەپلىرىنى قىلىپ ياشاۋاتىدۇ، ئەمدى ئەقلىڭىنى تاپ ئەي ئەخمەق قىز!»
ئاخىرى ئىچىمدىكى مەنگە يېڭىلدىم! يەلكەمدىكى ئېغىر بىر يۈكنى تاشلىۋەتكەندەك يىنىك نەپەسلەندىم ۋە قولۇمدىكى باغاقچىنى ئىككىلەنمەيلا گۈرۈلدەپ ئوت كۆيىۋاتقان مەشكە تاشلىۋەتتىم...
** **
مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارغا يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يېڭى يىلدا ماۋسۇملۇق ئىمتىھانلار باشلىنىپ كېتىدىغىنى ئۈچۈن ، پائاليەتنى بىرنەچچە كۈن ئالدىغا سۈرۈپ ئېلىپ باردۇق. ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكىدىن ئىككى سائەت بالدۇر ئۆيلىرىگە قويۋېتىپ، ئايال ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپنىڭ چوڭ زالىنى تازىلاپ، رەتلەش، مىۋە-چىۋە، ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى تىزىش بىلەن، ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىغا كىرىپ، ئاشپەزلەرگە يەردەملىشىپ قوي سويۇش، ئوتۇن يېرىش، ئوت قالاش، گۆش پارچىلاش دېگەندەك ئىشلارغا ياردەملىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ پائالىيىتىمىزنىڭ تەييارلىقىنى ئۆزىمىز قىلۋاتاتتۇق. ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى شۇنچە كۆتۈرەڭگۈ، ھەممە شۇنچە قىزغىن ئىدى. ئايال ئوقۇتقۇچىلار بىر-بىرىدىن چىرايلىق ياسىنىشقان بولۇپ، بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق پائالىيەت تەشكىللەنمىگىنىدە ئۇلارنىڭ زادى قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالۇركەنمىز. تەييارلىقلار بىرەر قۇر پۈتكەندە مەنمۇ ئەل قاتارى ياسىنىپ زىياپەت زالىغا كىردىم.
ئادەتتە بەكمۇ ئاددى-ساددا ، ئېغىر-بېسىق يۈرۈيدىغان بۇ مۇئەللىملەر ئەسلىدە ئۇنچە ئاددى كىشىلەر ئەمەسكەن. رەڭلىك ۋال-ۋۇل پارقىراقلار ۋە رەڭلىك شارلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىز ياسىۋالغان كىچىك سەھنىگە تىزۋىتىلگەن ئىلىكتىرونلۇق رويال، گىتار ، راۋاب، داپ- دۇتتار ، ناغرا-سۇناي... قاتارلىق سازلار بۇ مۇئەللىملەرنىڭ قولىدا سايراپ زالنى ياڭرىتىۋەتكەن ئىدى. ئوينىلىۋاتقان ئۇسۇللار، ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلار، ئورۇنلىنىۋاتقان ھەرخىل بەدئى- سەنئەت نومۇرلىرى بىر-بىرىدىن سەرخىل ئىدى!
-تۇرىڭە قىزىم، سىزمۇ بىر مەيدان نومۇر كۆرسىتىڭ!
تازا بېرىلىپ نومۇر كۆرىۋاتقىنىمدا ئايال مۇدىرىمىز كېلىپ، قولۇمدىن تارتىپلا سەھنىگە چىقىرىپ قويدى. نېمە قىلارىمىنى بىلمەي ھۇدۇقۇپ-تەمتىرەپ كەتتىم.
-سەن ناخشا ئېيتىشقا ماھىرغۇ گۈلزىبا، ناخشا ئېيتىپ بەرگىنە!
-ئۇسسۇل ئويناپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ!
-بىزنى ئالدايمەن دېمە گۈلزىبا، سەن ناخشا-ئۇسۇلغا خېلى ئۇستا، چوقۇم نومۇر ئورۇنلايسەن...
تەڭتۇشلىرىمنىڭ قىيا-چىياسى ئىچىدە تامغا يۆلەكلىك تۇرغان گىتارنى قولۇمغا ئالدىم ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاكامدىن ئاز-تولا ئۆگىنىۋېلىپ، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ۋاڭ شىيا بىلەن ئالمىشىپ چىققان ياتقىمىدىكى خونەنلىك قىز چۈن شىياۋ لىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئۆگەنگەن ماھارىتىمنى كۆرسىتىشكە باشلىدىم.
چىلاشتىم لىققىدە ئەسلىمىلەرگە،
ئۆزۈمدەك مۇڭلانغان تۈننى باغاشلاپ.
خىيالىم پەيلىرى يۇلۇندى بىر-بىر،
ئازابتىن ئۆڭمەكتە جىمىكى ئەتراپ.
سېغىنىش ئۈكسۈيدۇ ھالسىز باغرىمدا،
سەن مېنى پاك- پاكىز ئۇنۇتقان كەبى.
قوغلىماق بولىمەن سېنى قەلبىمدىن،
قالىمەن يەنىلا سۆيۈپ ئەسەبى.
ياشاشنىڭ سالمىقى نەقەدەر ئېغىر؟
ئىشىقنىڭ تۈتۈنسىز ئوتىدا يېنىپ.
قىل كەبى تولغىنىپ چىقماقتا جېنىم،
سەن مەندىن تېۋىشسىز كەتكەندە تېنىپ.
بەلكى مەن كېچەڭدە ئۆتكۈنچى بىر چۈش،
ۋە ياكى سەن پەقەت سۈرمىگەن خىيال.
ئەمما سەن قەلبىمنىڭ ئەركە مېھمىنى،
ۋاقىتسىز، توسقۇنسىز كىرگەن بىمالال.
بۇ سوغۇق سۆيگۈدىن بوغۇلدى نەپەس،
ئاشىقسىز قالدىم مەن، سۆيەلمىدىڭ سەن.
شۇندىمۇ دىلىمدا يادلىنار ئىسمىڭ،
جۇدا بولۇپ دۇنيادىن، سوۋۇسىمۇ تەن.
ئېسىمدە يېنىمدىن كەتكىنىڭ تەكرار،
بىر ساڭا تەلپۈنگەن يۈرەكنى يۇلۇپ.
نە سەۋەپ مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم ھىچ،
سېلىپسەن قەلبىمگە ئېچىلماس قۇلۇپ.
ئۇزايمەن مەنمۇ ھەم ھاياتىڭدىن يار،
مەن كەبى ئىنتىلىپ سۆيەلمەس ھىچكىم.
سۆيگۈمنىڭ قەدرىنى بىلگىنىڭدە سەن،
كىرىمەن چۈشۈڭگە تۇماندەك بەلكىم…
-يارايسەن ئاداش!
-قالتىس! مانا، بىزنىڭ گۈلزىبا مۇئەللىممۇ بوش ئەمەسكەن جۇمۇ!
-نورنىسا مۇدىرغا رەھمەت، ناۋادا گۈلزىبانى سەھنىگە زورلاپ چىقىرىپ قويمىغان بولسا، ئۇنىڭ مۇنچىلىك كارامىتى بارلىقىنى بىلمەي قالارمىزكەن!
گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ۋە بارىكاللا، ئاپرىن سادالىرى ئىچىدە سەھنىدىن چۈشتۈم.
-تۇرىڭە گۈلزىبا، تانسا ئوينايلى!
ئالدىمدا قولىنى ئەدەب بىلەن تەڭلەپ تۇرغان مۇختەرنى رەت قىلشنى لايىق كۆرمەي ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشىپ تانسىغا چۈشتۈم.
-بايقى گىتار ناخشىسىنى بەك پەيزى ئېيتىۋەتتىڭىز جۇمۇ! مەن بۇرۇن پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان ناخشا ئىكەن ئۇ.
-ئاڭلاپ باقمىغىنىمىز ئېنىق، مەن باشقا بىر ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا تېكىستنى ئۆزۈم ماسلاشتۇرىۋالغان.
-ھە مۇنداق دەڭ، شېئىرمۇ يازامسىز تېخى؟
-شېئىر دېگىلى بولماس، ئاخشىمى-ئەتىلىرى ياتاقتا يالغۇز قالغاندا ئانچە-مۇنچە قوشاقچىلىق قىلىپ باقىمەن.
-مانا تالانت دېگەن توشاق تۇرۇپتۇ سىزدە! مەن مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى تۇرۇپ گىتارنى سىزچىلىك چالالمايمەن، ئاھاڭلارغا تېكىست يېزىپ ماسلاشتۇرۇشنىمۇ زادىلا ئويلاپ باقماپتىمەن، زادى سىلەر يېڭى زاماننىڭ بالىلىرى يامانكەنسىلەر!
-قاراڭ دېگەن گېپىڭىزنى، سىزمۇ كونا زاماننىڭ ئادىمى ئەمەسقۇ؟ مەندىن كۆپ بولسا نەچچە ياشلا چوڭغۇ سىز؟
-ئۇغۇ شۇنداق، لىكىن سىز يەنىلا بىزدىن كۆپ مۇنەۋۋەر ئىكەنسىز...
قىزغىن كەيپىيات، ھاياجانغا تولغان پائالىيىتىمىز خېلىلا كەچ بولغاندا ئاياقلىشىپ، ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئالدىن تارقىلىشتۇق. بىردىنلا ياتاققا بىرەر تال گىتار ئەكىرىپ قويۇشنى ئويلاشتىم ۋە ئەتىلا مۇختەرگە دەپ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرى ئۆيىدىكى گىتاردىن بىرەرنى ۋاقىتلىق ئەكىرۋېلىشنىڭ پىلاننى تۈزۈپ، ياتقىمغا كىرىپ، قىزىرىپ، يېلىنجاپ تۇلىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن چوغنىڭ ئۈستىگە ياتاقنىڭ بۇلۇڭىدىكى كىچىك ساندۇقچىدىكى كۆمۈردىن ئىككى پارچە سالدىم ۋە كارۋىتىمغا چىقىپ يېتىپ تۇرۇشۇمغا ياتاقنىڭ ئىشىكى چېكىلدى.
-كىم؟
-مەن مۇختەر.
-نېمە گېپىڭىز بار ئىدى؟
-بەش مىنۇتلا ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن گۈلزىبا، چاپىنىڭىزنى كىيىپلا ياتقىڭىزنىڭ ئالدىغا چىقىڭە.
-بەك كەچ بولۇپ كەتتى مۇختەر، قانداقلا گەپ بولسا ئەتە دېيىشەيلىچۇ!
-ئىككى ئېغىزلا گېپىم بار، ماقۇل دەپ چىقىڭە!
-ياق، چىقمايمەن، باشقىلار كۆرسە قانداق ئويلاپ قالىدۇ؟
-قانداق ئويلاپ قالاتتى، مۇختەر گۈلزىبانى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئەتىگە قالسا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ۋاقتىدا كۆڭۈل ئىزھار قىلۋېتىپتۇ دەيدۇ شۇ ھى...ھى...ھى...
-ساراڭمۇ سىز؟ نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟
-چىقمىسىڭىز كېچىچە ياتقىڭىزنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىمەن، ناۋادا توڭلاپ كەتسەم ئىسىمىڭىزنى ئۈنلۈك ۋارقىرايمەن، سوغۇق تېگىپ ئاغرىپ قالسام
ئەتە مەكتەپ مۇدىرىغا دەپ دوختۇرخانىغا سىز بىلەن بىللە بارىمەن جۇمۇ!
-قانداق قىلغۇڭىز كەلسە شۇنداق قىلىڭ! كارىم يوق!
مۇختەر مەست بولسا كېرەك، راستىنلا ئىسمىمىنى توۋلاشقا باشلىدى. قانداق قىلارىمنى بىلمەي بىردەم يېتىپ باقتىم ۋە ئىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى توۋلىدىم.
-مۇختەر!
-ھە!
ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟
-مەن سىزنى يىمەيمەن قاراڭ، بىر ئېغىز گېپىم بار، بىرلا ئېغىز...
-بايا ئىككى ئېغىز دەۋاتاتىتىڭىز، ئەمدى بىر ئېغىز دەيسىزغۇ؟
-ئاڭلاشنى خالىسىڭىز ئۈچ ئېغىز گەپ قىلساممۇ بولىدۇ.
-ئۇف، توخۇ پوقىمۇ يا سىز؟
-سىز ئۈچۈن ھەرنېمە بولىمەن گۈلزىبا!
ئۇنىڭ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىراشلىرىدىن نومۇس قىلىپ، ئىشىكنى قىيا ئېچىپ بېشىمنى چىقاردىم.
-سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم گۈلزىبا، مېنى قوبۇل قىلىڭ، بىز توي قىلايلى!
-ئەتە ياكى ئۆگۈن جاۋاب بەرسەممۇ بولامدۇ؟
-بولىدۇ، گېپىمنى ئىلىك ئېلىپ چىققىنىڭىزغا رەھمەت.
ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپلا ئىشىككە يۆلەندىم. مۇختەرنىڭ بايىقى سۆزلىرى قۇلىقىمنىڭ يېنىدا تەكرارلاندى ۋە شۇھامان ئارمان كۆز ئالدىمغا كەلدى. كۆز ياشلىرىم يەنە ئىختىيارسىز تاراملاپ تۆكۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
** **
ماۋسۇملۇق ئىمتىھان باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. مۇختەرنىڭ پات-پاتلا ئۇنداق-مۇنداق ئىشلارغا باھانىلەپ يېنىمغا كىرىپ تۇرۇشىتىكى مەقسىدىنى بىلىپ تۇراتتىم، ئەمما بىرتەرەپتىن ئىمتىھان ئېلىنىپ، بىرتەرەپتىن ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرىلۋاتقان بولغاچقا مۇختەر بىلەن ئەستايدىل پاراڭلاشقۇدەك ۋاقىت يوق ئىدى. مەن ئۇنى ھېلىقى كۈنى مەستچىلىكتە خۇدىنى بىلمەي، بىردەملىك قىزىقىش بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىمگە مەنىلىك قاراپ، ئەتراپىمدا ئەگىپ يۈرۈشى ئۇنىڭ ماڭا چاقچاق قىلمايۋاتقىننى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.
ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ئىمتىھانمۇ تۈگەپ، بالىلارغا تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئۇقتۇرۇپ، ئائىلىسىگە قويۋېتىپ، ئېشىپ قالغان ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۋېتىش ئۈچۈن ئىشخانامغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىر ئوقۇغۇچى ئارقامدىنلا كىرىپ كەلدى.
-گۈلزىبا مۇئەللىم، سىزنى بىر ئاكاش ئىزدەپ كەپتىكەن.
-قېنى؟
-دەرۋازا ئالدىدا تۇرىدۇ.
داۋامى بار.