قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
17- قىسىم
تومپۇچكا ئۈستىدىكى تېلفۇننىڭ سايرىغان ئاۋازىدىن دىڭڭىدە چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. تېلفۇن توختىماي سايراۋاتاتتى.
-ۋەي!
-ۋەي زىبا، قورقتۇڭمۇ؟
-ئازراق قورقۇۋاتىمەن.
-مەن بارايمۇ؟
-ماقۇل.
مېنى ساقلا!
يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ياتاقنىڭ ئىشىكى بوش چېكىلدى. يۈگۈرگەندەك بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ياتاققا ئاۋۋال كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى، ئاندىن سەل ئەلەڭلەپ قالغان ئارمان كىرىپ كەلدى.
*** *** ***
ئاشىقلىق خارلىقتۇر، ئاشىقلىق ساراڭلىقتۇر، ئاشىقلىق مۇھتاجلىق ۋە ئىلاجىسىزلىقتۇركى، ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ۋە ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ باشقا بىر ۋۇجۇدتا ياشاۋاتقان ئارزۇ-ئارمىننىڭ غېمىنى يېيىشتۇر.
-ھاراق ئىچىپسەنغۇ ئارمان؟
-ھەئە ئازراق ئىچتىم، خاپا بولمايدىغانسەن؟
-ياقەي، كەل ئولتۇرىۋال.
-مېنى كەچۈرگىن زىبا، سېنى بۇنچە قىينىغۇم يوق ئىدى، مېنىڭ سەن بىلەن توي قىلغۇم، سەن بىلەن ياشىغۇم بار ئىدى. ئەمما دادام-ئاپاملار مېنىڭ ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ياشىشىمغا يول قويمايدۇ. سەن مېنىڭ ئاتا-ئانامنى ھەرگىزمۇ چۈشەنمەيسەن، ئائىلىمىزدىكى ھەر بىرەيلەن چوقۇم شۇ ئىككىسىنىڭ سىزىپ بەرگەن سىزىقى بۇيىچە مېڭىشىمىز كېرەك،بولمىسا ھەرگىزمۇ ياخشى كۈن كۆرمەيمىز. ئەڭ چوڭ ئاچام داداملار ياتلىق قىلىمىز دېگەن ئەرگە تەگمەيمەن دەپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىت بىلەن قېچىپ كەتكەن. مانا، ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇلار ئاچامنى بۇسۇغىمىزدىن ئاتلىتىپ باقمىدى، ئاچامنىڭ بالىلىرىنى ئۇچىرىتىپ قالسىمۇ ھەرگىز قارىمايدۇ، بىزنىمۇ ئىزدەشكىلى قويمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا داداملار ئاچامغا تاپقان ئەرنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ ناھىيىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى- ئاچامدىن يىگىرمە بەش ياش چوڭ، ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ، تۆت بالىسى بىلەن بويتاق قالغان كىشى ئىدى. ئاتا-ئانام ئاچامنى ئۇنىڭغا ياتلىق بولساڭ ئىززەت-ئابرۇيۇڭ بولىدۇ، پۇل، مال-دۇنيانىڭ ئىچىدە راھەت-پاراغەتتە ياشايسەن دەپ، ئاچامنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي ئۇنى مەجبۇرلاپ تويغا قىستىغان ئىدى، نەتىنجىدە ئاچام بىر كېچىدە يىگىتى بىلەن قېچىپ كېتىپ، يېرىم يىلدىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كەلدى. شۇ ۋاقىتتا دادامنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، ئاچامنىڭ يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قانداق ئۇرغۇزۋەتكەنلىكى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. ئاچام بىلەن يالغۇز ئۇچىرىشىپ قالساق قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىمىز، يىغلىشىمىز، لىكىن ئادەملەر بار يەردە ئۇچىرىشىپ قالساق كۆزلىرىمىز بىلەن سالاملىشىپ، ئىچىمىزدە گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوتنى ئۆزىمىز بىلىپ ئاستا كېتىپ قالىمىز. ئاتا-ئانامنىڭ مېھر-مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالغىنى بىلەن ئېرى ۋە قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ ياخشى كۆرۈپ، ئەتۋارلىشىغا ئېرىشكەن ئاچامنىڭ ئائىلىسىدە كۆڭلى خاتىرجەم، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ئاچامنىڭ شۇ ئىشىدىن كېيىن ئائىلىمىزدە ھىچكىممۇ ئاتا-ئانامنىڭ قارارىغا قارشى چىقىشقا پېتىنالمىدى. ئىككىنجى ئاچاممۇ شۇلارنىڭ ئارلىششى بىلەن كۆڭلى يوق ئادەمگە توي قىلىپ، بەختسىز بولۇپ قالدى، ئۇ ئىككى بالىنى يىتىم قىلىپ، پات ئارىدا ئاجراشماقچى. ئاكىلرىممۇ دەردىنى ئۆزلىرى بىلىشىدۇ، لىكىن ئەركىشىگە ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس ئىكەن، تالا-تۈزدە ئويناپ كىرىپ، كۆڭۈلنىڭ يېرىم يەرلىرىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تولدۇرۋالغىلى بولىدىكەن، لىكىن ئاشۇ بىچارە ئاچىلىرىمغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. سىڭلىم بىلەن ئىنىمنىڭ بېشىدا قانداق قىسمەتلەر بار، بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. ماڭىمۇ كىچىك ۋاقتىمدىلا لالەنى نىشانلاپ قويۇپتىكەن، مەكتەپتە سەن بىلەن ئىككىمىزنىڭ پارىڭىمىز چىققاندىن كېيىن، يۇرتلۇق بالىلاردىن بىرسى كېلىپ بۇ گەپنى ئاپامغا يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى تەتىلدە مەنمۇ بىرمۇنچە كۆرگۈلۈكۈمنى كۆرۈپ، ئاندىن سېنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. لىكىن شۇ ۋاقىتتا سەن ئۆزۈڭنى زادىلا كونتىرول قىلالمىدىڭ، مەن قاچقانسىرى ماڭا يېپىشۋېلىپ، مەندە ساڭا نىسبەتەن بىزارلىق ھېسياتى شەكىللەندى، چوڭ بازاردا قىلغان ھېلىقى ساراڭلىقىڭدىن كېيىن لالە ساراڭلىق قىلىپ، مېنىمۇ ئۆيدىن قوغلاندى قىلغۇزۋەتكىلى تاس قالدى. سېنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك ياش تۆككىنىڭنى، مەن سەۋەبلىك قانچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتىقىنىڭنى بىلىمەن، ئەمما كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن سەن بىلەن ھەرگىزمۇ توي قىلالمايمەن. سېنىڭ لالەدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سەن ئادەمگە بېسىم ھېس قىلدۇرمايسەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن مېنىڭ غېمىمنى يەيسەن، بەلكى بۇ ئۆمۈرۈمدە مېنى سەندەك ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن يەنە بىرسى چىقماسلىقى مۇمكىن، مەن سېنىڭ مۇھەببىتىڭدىن ھۇزۇرلىنىمەن، ئەمما ساڭا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن زىبا، مېنى كەچۈرگىن بولامدۇ؟ لالە ئەزەلدىن مېنىڭ غېمىمنى قىلىپ باققان ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈنلا ئىزدىنىدۇ، مېنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپەم ئۇنى خۇشال قىلىش. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام قەتئى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىسى پات ئارىدا ناھىيىمىزگە بىرىنجى قول ھاكىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شوڭا ئاتا-ئانامنىڭ قارارى بۇيىچە قېينئاكام ھاكملىق ئورنىغا چىقىپ بولغۇچە مەن لالەنى ئېلىپ بولۇشۇم كېرەك. بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ سېنىڭ قانچىلىك ئازابلىنۋاتقىنڭىنى بىلىمەن، لىكىن مەنمۇ ئامالسىز، مېنى كەچۈرەمسەن زىبا؟
-بولدى سۆزلىمە ئارمان، سەن قايتىپ كەتكىن، تاڭ ئاتسىلا مەنمۇ بۇ شەھەردىن كېتىمەن، سېنى ئەمدى ئىزدەپ ئاۋارە قىلمايمەن.
ئىچ-ئىچىمدىن بۇقۇلداپ چىقىۋاتقان يىغامنى توختىتىشقا ئاجىز ئىدىم. ئارماننىڭ ئېيتقانلىرى مەيلى راست بولسۇن، ياكى يالغان بولسۇن ئۇنىڭغا يەنىلا ئىچىم ئاغرىماقتا ئىدى. مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا پىسخولوگىيىە ئوقۇتقۇچىمىز تېلۋالدى مۇئەللمنىڭ «ئەرلەر ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندا، ئاياللار پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەندە كۆڭلىدىكى راست گېپىنى دەيدۇ» دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارماننىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىمىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلىدىكەن، يەنە تېخى مېنىڭ مۇھەببىتىمدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن، بەخت ھېس قىلىدىكەن، مېنىڭ ئۇۋالچىلىقلىرىمنى بىلىدىكەن، ماڭا ئىچ ئاغرىتىدىكەن، بولدى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن يەنە نېمە كۈتەتتىم. ئۇ خاتىرجەم ياشىسىلا بولدى، ئازابلىرىمغا ئۆزۈم ئېگە.
-بۇنداق دېمە زىبا، مەن سېنىڭ مېنى ئىزدەشلىرىڭگە، مېنى داۋاملىق ياخشى كۆرۈشۈڭگە خۇشتارمەن، ھەرۋاقىت سېنىڭ مېنى سېغىندىغىنىڭنى، ئەسلەيدىغىنىڭنى بىلىپ تۇرسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن، مەن يالغۇز ئەمەستەك، يېنىمدا سەن باردەك بىلىنىدۇ.
-ئەمىسە مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك ئارمان؟ كىلەر ئايدا تويۇم بولىدۇ دەۋاتساڭ...
-سەن خالىساڭلا داۋاملىق ئىزدىشىپ تۇرغۇم بار...
-بىراق لالە...
-ئۇنى ئالىمەن. ئۇ خوتۇنۇم بولىدۇ، سەن مەڭگۈلۈك ئاشىقىم بولغىن،بولامدۇ؟
-نېمىشقا؟
-ئەمەليەتتە مەن ساڭا خېلىلا ئامراق... قانداقلا بولمىسۇن ئارىمىزدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى...بۈگۈن كەچ سېنىڭ يېنىڭدا قالغۇم بار، بولامدۇ؟ خالامسەن... ئۇنىڭ ئوتتەك قىزىق نەپەسلىرى قۇلىقىمدىن سېيرىلىپ ئۆتۈپ بوينۇمغا ئۇرۇلماقتا ئىدى...
** ** **
دېرزىدىن چۈشكەن سۇس يورۇقتىن تاڭ يورۇۋاتقىننى بىلىپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە ئارماننى نوقۇدۇم.
-ۋوي! تاڭ ئېتىپ كېتىپتىغۇ؟ مەن يۇيۇنۇۋېلىپ قايتاي، سەن بىردەم ئۇخلىغىن، بۇ سەھەردە چىقساڭمۇ بەرىبىر قاتناش تاپالمايسەن.
-ماقۇل.
ئۇ ئون مىنۇتقا قالمايلا مۇنچىدىن چىقتى ۋە ئالدىراشلا كېتىپ قالدى. بىردىنلا بۇ شەھەردە بىر مىنۇتمۇ ئارتۇق تۇرغۇم كەلمىدى ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يوتقان-كۆرپىلەرنى رەتلىك يىغدىم، ياتاقنى كۆڭۈل قويۇپ يىغىشتۇردۇم ۋە يۇيۇنغىلى كىردىم. مۇنچىدىن چۈشىۋاتقان شەبنەمدەك سۈزۈك سانسىز تامچىلار ئاۋۋال بېشىمغا، يۈزۈمگە ئاندىن بەدىنىمگە يىنىك ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئۆزۈمنى بۇ تامچىلارنىڭ ئاستىدا نەچچە يىل تۇرساممۇ، بەدىنمگە يېپىشىپ قالغان قانداقتۇر بىر قەۋەت نەرسە مەڭگۈ پاكلانمايدىغاندەك سەزمەكتە ئىدىم. بارغانسىرى ئېسسىۋاتقان سۇ نېمىشقىدۇر مۇزدەك تېگىۋاتاتتى، تۇيۇقسىزلا كۆڭلۈم ئېلىشىپ، گېلىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك تۇيۇلۇۋاتقان بىرنەرسىنى ياندۇرۋەتمەكچى بولدۇم، بۇ مەندىكى تۇنجى قېتىم شەكىللەنگەن غەلتە تۇيغۇ ئىدى. پۈتۈن جىسمىم سۇس تىترەپ تۇراتتى. ئىچىمدە يەنە بىر مەن پەيدا بولۇپ، مېنى ئارماندىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كېتىشكە دەۋەت قىلماقتا ئىدى.
بىرخىل رېتىمدا شارىلداپ چۈشۈۋاتقان سۇ تامچىلىرى كۆز ياشقا نېمىدىگەن ئوخشايدۇ ھە؟ مېنىڭ ھازىرغا قەدەر ئارمان ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىمنىڭ سانى مۇشۇ تامچىلاردىنمۇ كۆپمىدۇ؟ ئىنسان سۇ تامچىلىرى ئارقىلىق بەدىنىنى پاكلىماقچى بولىدىكەن،ياش تامچىلىرى ئارقىلىق قەلبىنى پاكلىماقچى بولىدىكەن، ئەمما بۇلغىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەرقانچە كۆپ تامچە بىلەن يۇيۇلسىمۇ ئەسلىدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟
مۇنچىنىڭ سۈيىنى ئاللىقاچان ئىتىۋەتكەن بولساممۇ يەنە سانسىز تامچىلار يۈزۈمگە چۈشمەكتە ئىدى. جۈمەكتىن چۈشكەن تامچىنىغۇ ئىتىپ قويۇپ توختاتقىلى بولىدىكەن، ئەمما يۈرەكتىن تامچىلاۋاتقان تامچىلارنى قانداق توختاتقىلى بولۇركىن...
ياتاقنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ قايتۇرۇپ بېرىپ، سىرتقا چىقتىم. ئىشىكتىن چىقىشىمغا يۈزۈمگە ئۇرۇلغان مەيىن شامال ۋە پۈتۈن جىسمىمغا سېپىلۋاتقان يېقىملىق قۇياش نۇرى بۇ شەھەرگە بولغان يامان تەسراتىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلىماقچى بولغاندەك ماڭا تۇلىمۇ مۇلايىملىق بىلەن باقماقتا ئىدى.
-نېمە تاماق يەيسىز قىزچاق؟
-ناشتا قىلماقچى ئىدىم، نېمە بولسا بولۋېرىدۇ.
-ماقۇل، چاي ئىچكەچ تۇرۇڭ، تاڭجاڭ!...
خېلىلا ئەتىگەن ئىكەنلىكىگە باقماي ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ناشتا قىلدىم ۋە تۈنۈگۈن ئېھسان ئەكىلىپ قويغان بېكەتكە قاراپ ماڭدىم. چوڭ يولدا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنا-تېرەكتۇرلار، ئات،ئىشەك، كالا قوشۇلغان ھارۋىلار، پىيادە، ۋېلىسپىتىلىك، موتۇسكىلىت ھەيدىۋالغان ئادەملەر بۇ شەھەرنىڭ سەھەرلىك قايناق مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
بىكەتتە تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بىرنەچچە چوڭ ئاپتۇبۇس ۋە ئونغا يېقىن كىچىك ماشىنا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، بىرمۇ-بىر سوراش ئارقىلىق بۇ يەردىن قۇمتوغراققا بارىدىغان بىرمۇ ماشىنا تاپالمىدىم. دەسلەپتە مېنى كۆرۈپلا ئەتراپىمغا چىۋىندەك ئولاشقان شوپۇرلار قۇمتوغراققا باردىغانلىقىمنى ئاڭلاپلا ئارقىسىغا يېنىشتى.
-يول يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ناچار، بىر ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان بىلەن گۇڭ كۆتەرمەيدۇ!
-مەن تۆت كىشلىك كىرا بېرەي ئۇستام.
-بۇغۇ بولدىكەن، لىكىن ھېلى قايتىپ كېلىشتە يەنە ئادەم يوق، قۇرۇق كېلىدىغان گەپ، بەرىبىر «ئىككى سەككىز ئون ئالتە، چۇپۇر ئىشتان ژۇڭ تامبال» دېگەن گەپ بۇ!
-شۇنى دەيمەن، يا ئىككى ناھىيە ئوتتۇرسىدىكى ئاشۇ يولنى بىر ئوڭشاپ قويمىدى.
-شۇنى دېگىنە!
-ھېلى بۇ تەرەپكە كېلىدىغانغا ئادەم تېپىپ بېرەلىسىڭىز مەن ئاپىرىپ قويىمەن، لىكىن ئادەم چىقماي قالسا كىرانىڭ ھەممىسىنى سىز بەرسىڭىز بولىدۇ!
-شۇنداق بولغاندا كىرا قانچە پۇل چىقىدۇ؟
بېرىش -كېلىش تۆتتىن -سەككىز ئادەمنىڭ كىراسىنى ئەڭ ئەرزان ھېسابلىساقمۇ، يەتمىش كويدىن بەش يۈز ئاتمىش كوي بولىدۇ ئۇكام!
-راست شۇنداق بولىدىكەن، تېخى ئىنساپ بىلەن ھىسابلىۋاتىدۇ بۇ ئاغىنىمىز، ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ بېرىش كىراسىلا يۈز كوي!
بېشىم پىررىدە قىلىپ قالدى. تۇنجى ئايلىق مائاشىمغا سەككىز يۈز توقسان يۇەن ئالغان ئىدىم. بۇياققا مېڭىشتا ئارمانغا يۈز يۇەنگە سوۋغات ئاپتىمەن، ئېھسانغا كىرا دەپ يۈز يۇەننى تەڭلىسەم ئوتتۇز يۇەن تۇتۇپ قېلىپ، يەتمىش يۇەننى قايتۇرۇپ بەردى، ئەسلىدە ئېھسان مېنى كىرا ئالمايلا ئەكەپ قويغان ئىكەن دە! تۈنۈگۈن ئارمان بىلەن ئوتتۇز يۇەنلىك تاماق يەپتىمىز، ئاخشام ياتاقنى ئاتمىش يۇەنگە ئالدىم، بايا بەش يۇەنلىك ناشتا قىلىپتىمەن، شۇنداق بولغىنىدا يېنىمدا يەتتە يۈز يۇەنچە پۇل قاپتۇ، بەش يۈز ئاتمىش يۇەنگە كىرا قىلىپ كەتسەم ئېشىپ قالغان پۇل بىلەن كىلەر ئايلىق مائاشىم چىققۇچە ئاچ قالمىغاندىمۇ شۇنىڭغا يېقىن بىر ئىش بولاتتى. كۈزلۈك كىيىملىرىممۇ يوق، بىرەر قۇر كۈزلۈك كىيىم سېتۋېلىشىم كېرەك تېخى!
شۇ خىيال بىلەن ئېھسان كۆرسىتىپ قويغان يەنە بىر كىچىك بىكەتكە كەلدىم، بۇ يەردىمۇ ئون نەچچە كىچىك ماشىنا بار بولۇپ،بۇلارمۇ ئوخشاشلا قۇمتوغراققا بېرىشنى خالىمايدىكەن. قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشىم قېتىپ كېتىۋاتاتتى، ھېلىقى شوپۇرنىڭ دېگىنى بۇيىچە ماڭسام قانداق بولاركىن؟ ئارمانغا تېلفۇن ئۇرۇپ باقايمۇ يە؟
بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ بىكەتنىڭ ئالدىغا چىقتىم ۋە ياندىكى بوتكىغا كىرىپ ئاممىۋى تېلفۇننى قولۇمغا ئالدىم.
-ۋەي!
-ۋەي ئارمان، مەن ماڭالمايۋاتىمەن، ماشىنا تاپالمىدىم...
-سەل تۇرۇپ تېلفۇن قىلە ئاداش، مەن ئۆيدە ئىدىم...
دۈت...دۈت...دۈت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئارماننىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ قالدى.
قۇمتوغراققا قايتىدىغان ماشىنا تاپالماي چۈشلۈك تاماقنى يەنە مۇشۇ كۆڭۈلسىز شەھەردە يىيىشكە مەجبۇر بولدۇم. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئارمانغا يەنە تېلفۇن ئۇردۇم، ئەمما تېلفۇن ئېلىنماىيۋاتاتتى...
ئىككى بىكەتنىڭ ئارلىقىدا تولا قاتىراپ يۈرۈپ ئېغىزىم قۇرۇپ، پۇت-قوللىرىم ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىغاندا قۇياشمۇ ئاستا-ئاستا قىيپاش يانتولۇق بويىچە پەسكە چۈشۈپ كېتۋاتاتتى. مەن بەكلا جىددىيلىشىپ كېتۋاتاتتىم. قانداقلا قىلمىسام ئەتە سەھەردە ئىشقا ئۈلگۈرۈپ بېرىشىم كېرەك، ئەمما ماشىنا...
ئاخىرى پۇلدىن ۋاز كېچىپ ھېلىقى شوپۇرنىڭ دېگىنى بۇيىچە كىرا بېرىپ قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم ۋە ئاخىرقى قېتىم ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم. ئەمدى تېلفۇن ئىتىلىپ قالغان ئىدى. بىكەتكە كىرىپ ھېلىقى شوپۇرنى ئىزدىدىم، ئۇ ئاللىقاچان كىرا تارتىپ كېتىپ قالغان بولۇپ، يەنە بىر شوپۇر بېرىپ-كېلىشكە تېگىشلىك ھەربىر ئادەم ئۈچۈن توقسان يۇەندىن بەرسەم ماڭىدىغىننى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. ئىلاجىسىزلىقتىن لىۋىمنى چىشلىدىم ۋە يېنىمدىكى پۇلنى ساناپ باقماقچى بولۇپ سومكامنى ئېچىشىمغا يېنىمدىلا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
داۋامى بار.