قېرى قىز
ئايگۈل ناسىر ياسىمەن
18- قىسىم
ئاخىرى پۇلدىن ۋاز كېچىپ ھېلىقى شوپۇرنىڭ دېگىنى بۇيىچە كىرا بېرىپ قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم ۋە ئاخىرقى قېتىم ئارمانغا تېلفۇن قىلدىم. ئەمدى تېلفۇن ئىتىلىپ قالغان ئىدى. بىكەتكە كىرىپ ھېلىقى شوپۇرنى ئىزدىدىم، ئۇ ئاللىقاچان كىرا تارتىپ كېتىپ قالغان بولۇپ، يەنە بىر شوپۇر بېرىپ-كېلىشكە تېگىشلىك ھەربىر ئادەم ئۈچۈن توقسان يۇەندىن بەرسەم ماڭىدىغىننى ئېيتىپ تۇرىۋالدى. ئىلاجىسىزلىقتىن لىۋىمنى چىشلىدىم ۋە يېنىمدىكى پۇلنى ساناپ باقماقچى بولۇپ سومكامنى ئېچىشىمغا يېنىمدىلا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
*** *** ***
-گۈلزىبا مۇئەللىم!
كۆرمەي تۇرۇپلا مېنى كىمنىڭ چاقىرۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولدۇم، بۇ يەردە مېنىڭ مۇئەللىم ئىكەنلىكىمىنى، شۇنداقلا ئىسمىمنى بىلىدىغان ئارماندىن باشقا ھىچكىم يوق، ئەمما ئارمان مېنى ھەرگىزمۇ بۇنداق يېقىملىق ھالدا «گۈلزىبا مۇئەللىم»دەپ چاقىرمايدۇ ھەم ئۇنىڭ مېنى ئىزدەپ بۇ بكەتكە كېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
-ئېھسان!
-تەلىيىم باركەن، سىزنى ئاسانلا تېپىۋالدىم، قېنى ماشىنىغا چىقىڭە مۇئەللىم!
-مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
-ئاۋۋال ماشىنىغا چىقىڭە!
ئۇ ئايلىنىپ كېلىپ، ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇقىنىڭ يېنىدىكى ئىشىكنى ئېچىپ بەردى.
-رەھمەت.
ماشىنىغا چىقىپ تۇرۇشۇمغا بايا مېنى ئاپىرىپ قويۇشنى خالىمىغان ۋە يېنىمدىكى پۇل يەتمىگۈدەك ھالدا كىرا تەلەپ قىلغان شوپۇرلار گۈرۈلدەپ كېلىپ، ئېھساننىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى.
-ئۇكاموي! نە-نەدىن كېلىپ، تەپتارتماي بىزنىڭ بىكەتكە كىرىپ، خېرىدار تالىشىدىغانغا بېشىڭ ئون ئوخشىمامدۇ سېنىڭ!
-شۇنى دەيمەن، بىز مايەدە ھامماڭنىڭ تەخىيىنى باقمايۋاتىمىز، كىرا تارتىمەن دەپ تۇرىۋاتىمىز جۇمۇ!
-بىر ئوبدان يولۇچىنى تارتىۋېلىپ، ئەدەمنىڭ ئېشىغا توپا چاچىمەن دەيدا ما گۇي!
-نېمە بوپسىلەر ئاكىلار؟ مەن قايسىڭلاردىن يولۇچى تالىشىپتىمەن؟
-قارا ما گۇينى! ماشىناڭنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ، خۇشامەت قىلىپ يۈرۈپ چىقىرىۋالغان ئا قىز يولۇچى بولماي، يەڭگەڭ ئەمەستۇ؟!
-تۈزۈك گەپ قىلىڭ ئاكاۋوي! قارىسام دادام دېمەتلىك ئادەمكەنسىز، ئاغزىڭىز نېمانداق بىزەپ سىزنىڭ! لايىقىمنى ماشىنامغا چىقىرىش ئۈچۈن سىزدىن رۇخسەت سورىسام بولامتى؟
-نېمە دەيدۇ بۇ ھوي، لايىقىم دەيدىغۇ؟
-راست ئوخشىمامدۇ، بۇ قىزمۇ تارتىشىپ تۇرمايلا چىقتى بولمىسا...
-ھە شوپۇر ئاكىلار، يەنە باشقا گېپىڭلار بارمۇ ؟ مەن ماشىنامنى ھەيدەمدىم يە بەك ماڭغىلى قويغۇڭلار بولمىسا ساقچى چاقىرامدۇق ؟
-تولا گەپ قىلماي يولۇڭغا ماڭغىنە ھەي كىسپۇرۇش، ساقچى چاقىرىمەن دەپ بىزگە پوپوزا قىلۋاتامسەن؟
-ياقەي، پوپوزا قىلىدىغان ئىش يوق، سىلەرنىڭ بۇ بىكەتتە باشقا يەردىن كەلگەن شوپۇرلارنى بوزەك قىلىدىغان، ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا بۇلاپ كېتىدىغان ئىشلار كۆپقۇ! شوڭا مەنمۇ ئۆزۈمنى قوغداشنى ئويلاۋاتىمەن!
ئېھساننىڭ ماشنىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىن قورشاپ تۇرغان شوپۇرلار ئاستا تارقىلىشتى. ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن ماشىنىغا چىقىپ، ماشنىنى ئوت ئالدۇرۇپ مېنى بۇ سوغۇق بىكەتتىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بارغانسىرى تېزلىشىۋاتقان سۈرئەتكە ئەگىشىپ، يۈرىكمىنى غايەت زور تاشتەك بېسىپ ياتقان ئازاب كەلكۈنى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ ، كۆزلىرىمگە دەۋرەپ كەلمەكتە ئىدى. ماڭا چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىكنىڭ تەمىنى يەنە بىر قېتىم تېتىقان بۇ يېقىمسىز شەھەرنىڭ ئارقىمىزدا قىلۋاتقان غۇۋا مەنزىرىسىگە كۆزۈمنى توسۇشقا باشلىغان ياش پەردىلىرى ئارىسىدىن ئاستا قارىدىم. ئارماننىڭ سىماسى ئاشۇ غۇۋالىشۋاتقان مەنزىرىلەر ئارىسىدىكى ئاۋۋال ئېنىق كۆرۈنۈپ، بارغانسىرى سۇسلاپ، ئاخىرىدا كىچىككىنە بىر قارا نوقتىغا ئايلىنىپ، بىردىنلا غايىب بولغان يالغۇز دەرەختەك بارا-بارا كۆز ئوڭۇمدىن ئۆچمەكتە ئىدى. يان تەرەپتىكى ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ماشنىنىڭ چاقى ئاستىدا يەنجىلىپ كېتىۋاتقان ئۇششاق شېغىللار، شامالنىڭ يەلپۈتۈشى بىلەن ھەريان ئۇچۇۋاتقان سارغايغان يوپۇرماقلار، يەنە سۇس كۆتۈرۈلۈۋاتقان توپا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىردىنلا ئاشۇ يوپۇرماقلار ئارىسىدا قان تامچىپ تۇرغان بىر نىمجان يۈرەك پەيدا بولدى ۋە غايەت زور ئاياقنىڭ ئاستىدا دەسسلىپ، مىجىلىپ، پارچە-پارچە بولۇپ، گويا كۈچلۈك بوراندا توزۇپ كەتكەن قىزىلگۈل بەرگىلىرىدەك ئەتراپقا چېچىلىدى، پۈتۈن ئەتراپ قىزارغان بولۇپ، بۇ قىزىللىق كارۋىتىمدىكى ئاسمانرەڭ كىرلىك ئۈستىگە تۇنجى قېتىم تېمىپ كەتكەن قاندەك يېيىلىپ، ئالدىمىزدىكى يولغا، ئىككى ياندىكى تاغقا، ھەتتا ماشىنا ئىچىگىچە يامرىماقتا ئىدى، مەن كۆزلىرىمگە پاتماي تېشىۋاتقان قىرتاق سۇيۇقلىقىنىڭ ئېغىزىمغا، بوينۇمغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلۋاتاتتىم ئەمما سۈرۈتۈشكە مادارىم يەتمەيتى.
-نېمە بولدىڭىز مۇئەللىم؟ يىغلاپسىزغۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ؟
ئېھساننىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلدىم ۋە دەرھال يېشىمنى سۈرتتۈم.
-سەت بولدى ھە، دوستۇم كىلەر ئايدا توي قىلدىكەن، شوڭا كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ...
-ياخشى ئىشكەنغۇ بۇ، تويغا كەلسىڭىز مەن ئەكىلىپ قوياي.
-لىكىن دوستۇمنىڭ ئۇ تويغا مەيلى يوقكەن، قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، ئاتا-ئانىسى زورلاپ قويۇپتۇ، شوڭا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ... ئالدىڭىزدا سەت ئىش قىلدىم.
-ھىچقىسى يوق، ئۇسساپمۇ كەتكەنسىز، سۇ ئىچىڭە!
ئۇ قولنى سوزۇپلا يان تەرەپتىن بىر بوتۇلكا گازلىق ئىچىملىكىنى ئېلىپ ماڭا سۇندى.
-رەھمەت. سىزگە بەكلا جاپا سېلىپ قويدۇم، مېنىڭ ئۇ بېكەتتە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
-چۈشتە سىزنى قايتىپ كەلگەن بولسا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ تاماق يىسۇنمىكىن دەپ ئارماننى مەكتەپكە كىرگۈزگەن ئىدىم، ياتقىڭىز تاقاق ئىكەن. شۇنىڭدىن سىزنىڭ تېخى قايتمىغىنىڭىزنى بىلىپ، بىكەتكە كېلىپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا ساقلىدىم، ئەمما بۇ ناھىيىدىن بىرمۇ ماشىنا بارمىدى. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ماشىنا تاپالمىغىنىڭىزنى بىلىپ يولغا چىقتىم، يولدىمۇ بىرەر ماشىنا ياكى باشقا قاتناش ئۇچىرىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ چوقۇم ئىككى بىكەتتىن بىرسىدە بولدىغىنىڭىزنى پەملەپ، ئاۋۋال چوڭ بىكەتكە كىرسەم، سىز ھېلىقى قويمىچى شوپۇرلارغا قويۇلغىلى تەييار بولۇپ تۇرۇپتىكەنسىز ئەمەسمۇ مۇئەللىم.
ئېھسان شۇنداق دېگىنىچە كۈلدى، بىردىنلا ئۇنىڭ كۈلگەندە ئىككى مەڭزىدە پەيدا بولىدىغان زىنىقىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم.
-ئەتىگەندىلا ماڭاي دېسەم دوستۇم «يەنە بىردەم تۇر» دەپ ماڭغىلى قويمىدى، چۈشتىن كېيىن دوستۇمنىڭ جىددى ئىشى چىقىپ قېلىپ، ئالدىراشلا بىريەرگە مېڭىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم يالغۇز بىكەتكە كەلسەم ماشىنا يوق، ئىككى بىكەت ئارىسىدا قاتراپ يۈرسەم سىز كەلدىڭىز، ھەقىقەتەن بەك خوش بولدۇم، رەھمەت سىزگە، ئارماننى چوقۇم ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇپ، سىلەرگە ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
--سىز سالامەت ھەم خاتىرجەم بولسىڭىزلا بولدى مۇئەللىم. ئارماننىڭ ياخشى ئوقۇشى بىلەن سىزنىڭ ھەرۋاقىت ئامان-ئىسەن ھەم خۇشال تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ بۇيەرلەر سەل نامراتچىلىق، سىلەرنىڭ يۇرتتىكىدەك كۆپ تەرەققى قىلىپ كېتەلمىدى، بەزى ئىشلاردا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىرىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداق ۋاقىتلاردا ئىككى يېنىڭىزغا قارىمايلا مېنى ئىزدەڭ، مەن ھەم ئائىلەمدىكىلەر سىزگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىمىز.
-ماقۇل، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن.
زىمىنغاگۇگۇم تارىغاندا قۇمتوغراققا يىتىپ كەلدۇق، ھەرھالدا تۇرار جايىمغا بىخەتەر ھەم ۋاقتىدا كېلۋالغىنىمدىن كۆڭلۈم تەسكىن تاپقان ئىدى.
-بۇ كەچتە سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دېسەم تازا ياخشى بولمىغۇدەك، قۇمتوغراق دېگەن دوپپامچىلىكلا يەر، ئىككىمىز ئاشىخانىدا بىللە ئولتۇرساق ئەتىلا ئارقىمىزدىن بىرمۇنچە گەپ چىقىدۇ، مەنغۇ مەيلى، خەقنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق، ئەمما سىزنىڭ نامىڭىزغا ياخشى بولمايدۇ، شوڭا سىزنى يېزا مەركىزىدىكى ئاشخانىنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قوياي، كەچلىك تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ياتقىڭىزغا قايتامسىز؟
-ماقۇل، سىزنى مېھمان قىلسام بولاتتى.
-باشقا كۈنى بولسۇن، سىزنىڭ دەم ئېلىشىڭىزنىڭ بىرەرسىدە بالدۇرراق چىقىپ، بىللە تاماق يەپ كېلەيلى.
-ماقۇل ئەمىسە، رەھمەت ئېھسان.
-تۈزۈت قىلماڭ مۇئەللىم.
ئاشخانىغا كىرىپ بىرچىنە سۇيۇقئاشنى ئىچىپ چىققىنىمدا، يولنىڭ قارشى تەرىپىدە مېنى ساقلاپ تۇرغان ئېھساننى كۆردۈم.
-قايتماپسىزغۇ؟
-بۇ يەر بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى خېلى بار، سىز بۇ يەرگە يېڭى، كىشىلەر سىزنى تونۇمايدۇ، شوڭا كەپسىز يىگىتلەردىن بىرەرسى ئازار بېرىپ قويمىسۇن دېدىم. ماشىنىغا چىقڭە، مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قوياي.
مۇشۇنىڭ ئورنىدا ئارمان بولسىچۇ ھە! ھىچ بولمىسا ئارمان مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئوندىن بىرىنى قىلالىغان بولسىچۇ؟ ئادەملەر نېمىدىگەن ئەخمەق ھە؟ بىرلىرى بىزار، بىرلىرى ئىنتىزار دېگەندەك، سەن جېنىڭىنى بەرگۈدەك قىلىپ ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلەر باشقا بىر ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئۈچۈن سەكپارە، ئەكسىچە سەن قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان بىرلىرى سەن ئۈچۈن ئاۋارە.
-خوش مۇئەللىم، ئوبدان ئارام ئېلىڭ،ياخشى چۈش كۆرۈڭ!
ياتاققا كىرىپلا ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلىدىم. ئارماننىڭ ئاخشام مەستچىلىكتە ئېيتقان سۆزلىرى ھەم ئەتىگەن تېلفۇن ئالغاندىكى سوغۇقلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئېلىنمىغان ۋە ئىتىلىپ قالغان تېلفۇن ، بىكەتتىكى ئىلاجىسىز قالغان مەن، تۇيۇقسىز يېنىمدا پەيدا بولغان ئېھساننىڭ قىزغىنلىقى... دەممۇ-دەم كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە ئىدى. بىردىنلا ئېھسانغا ئارتۇق ئۈمىد بەرمەسلىكىم كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم. قەلبىم، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم، مۇھەببىتىم ھەتتا ئەڭ زور بايلىقىم ئارماندا قالغان قىزمەن، گەپنىڭ سەتىنى ئېيتقاندا، ئارماننىڭ قولىدا قىزلىقىم بىلەن خوشلىشىپ، جۇۋانغا ئايلىنىپ كەتكەن چالا جۇۋانمەن. ئېھسانغا مۇناسىپ ئەمەسمەن، ھەم ئېھسان بۇ كەچمىشلىرىم بىلەن بىللە قوبۇل قىلالايمەن دېسىمۇ، مەن يۈرىكىمگە ئارماندىن باشقا ھىچبىر ئەرنى سىغدۇرالمايمەن. مەيلى ئۇ توي قىلسۇن-قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئايالى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مەن پەقەت ئۇنىلا سۆيىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ياشايمەن...
ئىككىنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالغان كۈنى ئۆزۈم يالغۇز شەھەرگە كىردىم. بۇ - دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغىيىپ يەرگە چۈشۈشكە باشلىغان، پۈتۈن كائىنات غېرىبسىنىپ، ھەممە سارغايغاندەك كۆرۈندىغان كۈز پەسلىنىڭ بىر شەنبە كۈنى ئىدى. ئۆزۈم يالغۇز بازار ئايلىنىپ ئىككى قۇر كۈزلۈك كىيىم سېتىۋالدىم، ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلىرىمدىن سېتىۋالدىم، ئۆزۈم يالغۇز كىرىپ كىنو كۆردۈم، ئەمما كۆڭلۈمدىكى غېربلىق بارغانسىرى كۈچىيىپ، مېنى رىئاللىقىمدىن ئايرىپ تاشلاشقا ئورۇناتتى. بۇ چاغقا ئارماننىڭ تويى بولدىمىكىن، ئۇ چوقۇم بەكلا كېلىشكەن بولۇپ كەتتى ھەقاچان، ئاپئاق توي كۆڭلىكى ئىچىدىكى لالە ئۇنىڭ يېنىدا نازلىنىپ تۇرغاندۇ ھە؟ ئۆزى تەرىپىدىن تاشلىنىپ كەتكەن مەندەك بىر ئاشىق قىز ئۇنىڭ ئېسىدە بارمىكىن، لالەمۇ مەندەك كۈندىشىنى ئەسلەپ قالدىمىكىن... ياكى بۈگۈن ئارماننىڭ توي كۈنىمىدۇ؟ كۆڭلۈم شوڭا يېرىممۇ يا؟
كىنونىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدىم. يېنىمدا ئولتۇرغان بىرجۈپ قىز-يىگىت ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىشىپ قويدى ۋە قىز دەرھال بىرپارچە قەغەز چىقىرىپ، ئاستا قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. كۆرىۋاتقىنىمىز كومىدىيىلىك فىلىم بولۇپ، ئادەمنى يىغلىتىدىغان كۆرۈنۈش زادىلا يوق ئىدى. يىگىتىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويىۋالغان ئۇ قىزغا مىنىەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ،ياش يۇقى كۆزۈم بىلەن قاراپ قويدۇم ۋە كىنوخانىدىن قايتىپ چىقتىم.
-ھەي قىز!
ئىككى قەدەم مېڭشىمغا ئارقامدىن بىرسى كېلىپ چاپىنىمنىڭ پىشىدىن بوشقىنە تارتتى.
-ۋوي! گۈلزىبا مۇئەللىمكەنسىزغۇ؟ بايا كىنوخانا قاراڭغۇ بولغاچقا تونۇيالماپتىمەن، ماۋۇ نەرسىلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز؟
-بۇ... رەھمەت مۇختەر مۇئەللىم.
سىزمۇ كىنو كۆرگىلى كەلگەنمىدىڭىز؟
-ھەئە، يېرىمىغا كەلگەندە كۆرگۈم كەلمىدى، شوڭا قايتىپ چىقتىم.
-مەنمۇ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرغان، قارىسام سىز چىقپ كېتىپلا يېنىڭىزدىكى ئورۇندۇقتىكى قىز ئارقىڭىزدىن توۋلاپ قالدى، شوڭا نەرسىلىرىڭىزنى مەن ئالغاچ چىقتىم، ھازىر قايتامسىز؟
-ھەئە، قايتايمىكىن، كەچمۇ بولۇپ قاپتۇ.
-مەنمۇ بۈگۈن كەچتە قايتىمەن، ئەتە سەھەردە قاتناش تېپىپ بولغىلى بولمايدىكەن، بولمىسا ئاۋۋال بىللە تاماق يەپ، ئاندىن بىللە قايتامدۇق يە؟
-مەيلى.
-يۈرىڭە ئەمىسە، قارىسام يالغۇزلا يۈرىدىكەنسىز، مەكتەپتىلا يالغۇزمىكىن دېسەم، شەھەرگىمۇ يالغۇز كىرىپسىز. مەنمۇ خىزمەتكە قاتناشقىلى ئىككى يىل بولدى، بىزمۇ يۇرتنى تاشلاپ خىزمەت قوغلاپ كەلگەنلەر. مەكتىپىمىزدە بۇنداق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالتە-يەتتىمىز بار، ئەمدى سىز سېپىمىزگە قوشۇلدىڭىز. ئىلغار بىلەن ئىككىمىز شەھەردىن ئۆي ئىجارە ئالغان، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇ يېزا بەك زېرىكىشلىك، شوڭا ھەپتىنىڭ بەشى كەچتىلا شەھەرگە كىرۋالىمىز، يەكشەنبە كۈنى كەچتە مەكتەپتىكى ياتاققا قايتىمىز. ئارلىقتا شوپۇر ئاغىنىلەر بىكار بولۇپ قالسا شەھەرگە كېلىپ قونۇپ، ئەتىسى سەھەردە ئىشقا ئۈلگۈرۈپ بارىمىز. بىزمۇ بەك يامان باللا ئەمەس، بىزگە ئارلىشىپ يۈرۈڭ دەيمەن!
-ئەمدى شۇنداق قىلارمەن مۇختەر مۇئەللىم، مەن يېڭى كەلگەچكە كۆپ ئىشلارنى بىلىپ بولالمىدىم.
-بىز بار، ئۆگىتىمىز، «ئاكام بار» دەپ خاتىرجەم ياشاڭە!
-ۋاي ماقۇل ئاكا،ھا...ھا...ھا...
مۇختەر بىلەن ئىككىمىز مەكتەپكە بىللە قايتتۇق، ئۇ ئەرلەر ياتىقى تەرەپكە كەتتى، مەن ياتقىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىرەيلەننىڭ ياتاق ئالدىدىكى تاش ئورۇندۇقتا كىملەرنىدۇر ساقلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم.
داۋامى بار.