ئادەمنىڭ تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈشى تەبىئىي قانۇنىيەت، بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزمۇ ئوخشاشلا 22 ياش ئەتراپىدا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قېرىشقا باشلايدۇ.
01
چوڭ مېڭىنىڭ« سۈپەت كاپالەت مۇددىتى» پەقەت 30 يىل
« ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى 30 ياش ئەتراپىدا قېرىشقا باشلايدۇ، 40 ياش ۋاقتىدا مېڭە ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، 60 ياشتىن كېيىن ھەر يىلى% 15 لىك سۈرئەت بىلەن يىگىلەيدۇ.
نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق سان، بىز تېخى ياشلىق باھارىمىزدا ئۆزىمىزنى تېخى كىچىك دەپ ئويلىغان چېغىمىزدا، بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز قىرىشقاباشلايدىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىن يىلمۇيىل تۆۋەنلەيدۇ، بولۇپمۇ 30 ياش ئەتراپىدا« ۋاتېرلو» غا ئۇچرايدۇ، 40 ياشتىن كېيىن ھەر كۈنى 10 مىڭ دانە سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ؛ 60 ياشتىن كېيىن، چوڭ مېڭىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى ھەر يىلى تەخمىنەن% 0.2 تۆۋەنلەيدۇ؛ 65 ياشقا بارغاندا تەخمىنەن% 15 كىشى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، 80 ياشتىن ئاشقانلار ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى% 30 تىن ئاشىدۇ.
02
ئالتە خىل كېسەللىك ئالامىتى چوڭ مېڭىنىڭ قېرىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ
تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامىتى قانچە كۆپ كۆرۈلسە، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىدىن شۇنچە ھوشيار بولۇش كېرەك.
1. قىسمەن يۈرەك كېسەللىكلىرى
يۈرەك زەئىپلىشىش، دالانچە تىترەش قاتارلىق يۈرەك كېسەللىكلىرىدە يۈرەكنىڭ قىسقىرىشى كۈچسىز ياكى تولۇق بولمىغانلىقتىن، يۈرەكنىڭ قاننى چىقىرىشى ئازىيىپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ-دە، چوڭ مېڭە ئۇزۇن مۇددەت قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ھالىتىدە تۇرىدۇ.
2. ئۈچەي يولى زەخىملىنىش
ئۈچەي يولى« ئىككىنچى چوڭ مېڭە» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ چوڭ مېڭە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئۈچەي زىيانغا ئۇچرىسا، بۇ ئىككى خىل نېرۋا ۋاسىتىچى ماددىسى يېتەرلىك بولمىغاندا، بېسىم خاراكتېرلىك مېڭە كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈچەي يولى بىلەن چوڭ مېڭە ئوتتۇرىسىدا بىر خىل باغلىنىش بولۇپ، « ئۈچەي مېڭە ئوقى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئۈچەي يولىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا، ئاداشقان نېرۋا ئارقىلىق مېڭە توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، چوڭ مېڭىنى زەخىملەندۈرۈپ، مېڭە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. يېيىش ئادىتى ياخشى بولماسلىق
گۆشنى كۆپ يىيىش: ھايۋانات مېيىدىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن 35 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش: ئۇزاق مۇددەت تاتلىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى قالايمىقانلىشىپ، ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، چوڭ مېڭە نېۋرونى گىلۇكوزىدىن ياخشى پايدىلىنالماي، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ.
بەك تۇزلۇق يېيىش: يۇقىرى ناترىيلىق يېمەك-ئىچمەك قان تومۇر ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ سىگنال قوبۇل قىلىشىغا كاشىلا قىلىپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمنى پەيدا قىلىپ، چوڭ مېڭىگە ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ يىگىلىشىنى تېزلىتىدۇ.
ئاساسلىق تاماقنى بەك ئاز يېيىش: ئاساسلىق يېمەكلىكتىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى چوڭ مېڭىنى زۆرۈر بولغان گلۇكوزا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاساسلىق تاماقنى بەك ئاز يېگەندە، چوڭ مېڭە يېتەرلىك گلۇكوزىغا ئېرىشەلمەيدۇ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى تېخىمۇ ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ.
4. ئۇخلاش ئادىتى ياخشى بولماسلىق
مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقى چوڭ مېڭىنى« تازىلاش» رولىغا ئىگە بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىسى پەيدا قىلغان« ئەخلەت» لەرنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇ ھالىتىدە تېخىمۇ جانلىنىپ، سەگەك چاغدىكىدىن% 60 ئاشىدۇ.
ئەگەر دائىم تۈنىسە ياكى ئۇخلىيالمىسا، چوڭ مېڭە ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىپ« ئەخلەت» پەيدا قىلىدۇ، مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنىڭ پاكىزلىنىش ئىقتىدارى ئۇخلىغانغا يەتمەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىش خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ.
5. بىرلا خىل تۇرمۇش ئادىتىنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇش
ئادەم مەلۇم ياشقا كىرگەندە، نۇرغۇن ئىشلاردا تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەمىشە ئەڭ تونۇش ئۇسۇل بىلەن بۇ ئىشلارنى تاماملاشقا ئادەتلەنگەن.
ئەگەر تۇرمۇش ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بىر قېلىپتا بولۇپ، ئۆزگەرمىسە، چوڭ مېڭىنىڭ رىقابەتنى قوبۇل قىلىش ۋە يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ-دە، ياخشى بىلىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسىز بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىدۇ.
03
قانداق قىلغاندا چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ؟
چوڭ مېڭە ھەر كۈنى توختىماي خىزمەت قىلىدۇ، بەزىدە ھەتتا نورمىدىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن كېسەللىكلەر، ناچار تۇرمۇش ئادىتى، روھىي بېسىم قاتارلىق ئامىللارنىڭ غىدىقلىشى قوشۇلۇپ، چوڭ مىڭىنىڭ قىرىشى تىخىمۇ تىز بولىدۇ، قانداق قىلغاندا چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟
1. « مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك» لەرنى يەپ بېرىش
تۇخۇم:
تۇخۇم كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر تولۇق ھەم مول بولغاچقا، « ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئوزۇقلۇق ئامبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە لېتسىتىن، ستېرول، تۇخۇم سېرىقى ماددىسى ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولۇپ، بۇ تەركىبلەر نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى پايدىلىق، شۇڭا، تۇخۇم يەنە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ياخشى يېمەكلىكتۇر.
ئادەتتە، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم خولېستېرىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى توسۇپ قالالايدۇ، شۇڭا خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لېتسىتىن مول بولغان يېمەكلىكلەردىن سويا پۇرچاق، يەر ياڭىقى قاتارلىقلار بار.
بېلىق:
بېلىق گۆشى مېڭىنى قۇۋۋەتلەشتىكى ئەڭ ياخشى مەنبە، دېڭىز سۈيى بېلىقى بىلەن تاتلىق سۇ بېلىقى مېڭىنى قۇۋۋەتلەشتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.
تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ مېڭە تولۇقلاش ئۈنۈمى دېڭىز بېلىقلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمالسىز جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە، بېلىق بېشى مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مېڭە كۈچىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە.
ياڭاق:
ياڭاق يېسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ياڭاق بىر خىل قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىي ۋە تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بار. ئۇنىڭ باشقا يەنە ياڭاق تەركىبىدە مول تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، n-3 كۆپ مەنبەلىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول، ئۇ مېڭە ھۈجەيرە پەردىسى فوسفاتىدنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم تەركىبى قىسىم.
دائىم ئىستېمال قىلغاندا، چوڭ مېڭىگە ناھايىتى كۆپ پايدىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭاق مېغىزىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان تېرە تەركىبىدە پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.
يېشىل كۆكتاتلار:
چىچەكسەي، پالەك ۋە خام كۆكتات قاتارلىق يېشىل كۆكتاتلار گەرچە ئەرزان ھەم كۆزگە چېلىقمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان كۆكتاتقا تەۋە. پالەك تەركىبىدە ۋىتامىن A ۋىتامىن C، B1 ۋە B2 مول بولغاچقا، ئۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرى مېتابولىزمىنىڭ« ئەڭ ياخشى تەمىنلىگۈچىسى» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا خلوروفىل بولۇپ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئەقىلنى ئاشۇرۇش رولىمۇ بار.
2. ساغلام بولغان ئۇخلاش يېمەك-ئىچمەك ئادىتى
تۈنىمەسلىك، مېڭە چارچاشنى تۈگىتىش، تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، چوڭ مېڭىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
3. بىر قىسىم ئاددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش
مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، سەيلە قىلىش، ۋېلسىپىت مىنىش قاتارلىقلار. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ كۆپ قان بىلەن تەمىنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشىنى ئاستىلىتىدىكەن.
4. ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك
مۇشۇنداق قىلغاندىلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى چوڭ مېڭىدىكى قىل قان تومۇرلارنى زەخىملەندۈرىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، قان بېسىمى، قان شېكىرى ۋە خولېستېرىننى ياخشى كونترول قىلىش، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
5. ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش
ئاكتىپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت چوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك غىدىقلايدۇ، شۇڭا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش كېرەك.
6. خىيال سۈرۈش
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، خىيال سۈرۈش بىزنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىمىزنى ئاكتىپ ئارام ئالدۇرۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ، بېسىم چوڭ مېڭىگە يىغىلىپ قالغان« توكسىن» بولۇپ، مېڭە كۈچىنى ئاسراش ئۈچۈن بېسىمنى يېنىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ئاستىدا تۇرغاندا مېڭە كېسىلى ئەركىن رادىكال ۋە بېسىم ھورمۇنى قاتارلىق مېڭە ھۈجەيرىسىگە زىيانلىق ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ.
7. بارماقنى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش
دائىم قول بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، ، مەسىلەن، بەدەن چېنىقتۇرۇش توپى، رەسىم سىزىش، خەت يېزىش، ئويمىچىلىق قاتارلىقلار، چوڭ مېڭە پوستلىقىنى غىدىقلاپ، مېڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چۈنكى، بارماقنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ كۆلىمى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ھەرىكەت رايونىدا 1/3 نى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاڭلىق ھالدا سول قولنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، ئوڭ مېڭىنىڭ خىزمىتىنى غىدىقلاپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئوڭ مېڭىنىڭ بەك بالدۇر يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سول، ئوڭ مېڭە يېرىم شارچىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ