جىگەر قېتىشىش بىر خىل ئومۇميۈزلۈك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك قوزغىلىش يېشى كۆپىنچە 50 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. چۈنكى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، جىگەر ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا چېكىنىپ، زەھەر ئۇزۇن ۋاقىت بەدەندە يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئەزا،بەدەننىڭ مېتابولىزمى، قان ئىشلەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئاقسىلنى سىنتېزلاش ۋە چىقىرىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل بولۇپ، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان پۈتۈن بەدەننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭا جىگەرنىڭ سىگنالىنى چۈشىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
ئۈچ خىل سىگنال، بەلكىم جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنقى بىشارىتى
▼
01
چىرايى قارىداش
كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جىگەر ئىقتىدارى چېكىنىپ، ماددا ئالمىشىش نورمالسىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، چۈنكى جىگەر تۆمۈر ساقلايدىغان ۋە تۆمۈر ئالماشتۇرىدىغان ئەزا بولغاچقا، جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا چىرايى قارىداش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
كۆز ئەتراپىدىكى قىل قان تومۇرلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، جىگەر كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم كۆز ئەتراپى قارىداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مېدىتسىنادا جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يۈز قىسمىدا كۆرۈلگەن بۇ ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر« جىگەر كېسىلى چىرايى» دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇڭا بۇ جىگەر كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سىگنال.
▼
02
ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئورۇقلاش
جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىنورمال بولغاچقا، ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئورۇقلاش.
بۇنداق ئىپادىدە بولغاندا، ئاشقازان، ئۈچەي يولى مەسىلىسىنى ئۆز ئالدىغا ئويلاشماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز، جىگەر مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
▼
3
قان چىقىش نورمالسىزلىقى
جىگەرنىىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى، ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى، جىگەرنىىڭ قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنىڭ ئىقتىدارىغا ياردەم بېرىشىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، تالنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىپ، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، ئادەتتە جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا ئاسانلا چىش مىلىكى قاناش، بۇرنى قاناش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى ئويلىسىڭىز،ئامال بار بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى تاشلاڭ، جىگەرگە بەكلا زىيانلىق.
▼
01
مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر
يېمەكلىكلەر مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، تەمى ياخشى بولسىمۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ، بەدەنگە زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولۇپ، جىگەرگە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
چۈنكى يېمەكلىكلەر مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، مېتابولىزمنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بېنزوفورىن دەپ ئاتىلىدىغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ھاسىل بولۇپ، جىگەرنىىڭ مېتابولىزمىغا موھتاج بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا، جىگەرنىىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
▼
02
كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
كاۋاپ ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن كاۋاپ پىشۇرۇش جەريانىدا تەمىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دائىم نۇرغۇن تېتىتقۇلارنى قوشىدۇ ياكى ئالدىن تۇزلاپ قويىدۇ.
تۇزلانغان يېمەكلىكلەر كاۋاپ قىلىش جەريانىدا ئاسانلا بىر خىل« مېراد رېئاكسىيەسى» پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل ماددا ۋىتامىننى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئامىنو كىسلاتاسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇ جىگەرنىىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز.
ھەمدە كاۋاپ قىلىش جەريانىدا يەنە كۆپ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ.
▼
03
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر
مەسىلەن، سۈرلەنگەن گۆش، تەييار چۆپ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كاتېگورىيەسى بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە كۆپ خىل خۇرۇچلار قوشۇلىدۇ، بولۇپمۇ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىقلار.
بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ بەرگەندە بەدەنگە كىرگەن توكسىنلارنى جىگەر ئارقىلىق زەھەرسىزلەندۈرۈپ سىرتقا چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىش كېرەك.
ئەگەر جىگەر ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ھەرىكەت قىلسا، ئاسانلا جىگەرنى زەخىملەندۈرۈپ، جىگەر كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
▼
04
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى
نۇرغۇن ياشانغانلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىل بويى بەزى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى يېيىشنى تاللايدۇ.
ئەمەلىيەتتە دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا دورىنى چوقۇم توغرا ئىچىش كېرەك، ئەگەر قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلغاندا، پەقەت جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، ساغلاملىق دورىلىرىنى ھەرگىز قالايمىقان يېمەسلىك، يېيىش ئۈچۈن چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېيىش كېرەك.
جىگەرنى ئاسراپ، جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
جىگەرنى ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتا دورىغىلا ئەمەس، يەنە يىمەك-ئىچمەك ۋە ھەركەت قىلىشقىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك، جىگەر ئاسراشتىكى ئىككى كۆپ، ئىككى ئازغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش.
ئىككى كۆپ:
▼
01
يېشىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش
جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا، يېشىل يىمەكلىكلەر بىۋاستە جىگەرگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل يېمەكلىك يەپ بەرگەندە جىگەرنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
يېشىل يېمەكلىك جىگەر يېلىنىڭ ئايلىنىشى ۋە مېتابولىزمىغا پايدىلىق بولۇپ، جىگەرنىىڭ زەھەرنى تازىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، جىگەردىكى غەم-ئەندىشىنى پەسەيتىدۇ.
شۇڭا، يېشىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆپ ئۇچرايدىغان چېچەكسەي، كەرەپشە، سەرەبىل، ئىپومېيە ئوتى قاتارلىقلارنى كۈندىلىك جىگەر ۋە جىگەرنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك قىلىپ تاللاشقا بولىدۇ.
▼
02
كۆپ ھەرىكەت قىلىش
داۋاملىق ھەرىكەت قىلىش جىگەر زەھىرىنى ھەيدەشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ھەرىكەتنى تاللىمىسىمۇ بولىدۇ، سەيلە قىلىش جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، جىگەرنىىڭ زەھىرىنى تازىلاشقا پايدىلىق.
يەنە بىر تەرەپتىن، سەيلە قىلىش يەنە كەيپىياتنى ياخشىلاشقا، جىگەرنى راۋانلاشتۇرۇپ غەم-ئەندىشىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، ئاتالمىش ئاچچىقلىنىش جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ، ناچار كەيپىياتنى يوقىتىدۇ، جىگەرنىىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، بۇ جىگەرنىىڭ زەھەرنى تېخىمۇ ياخشى تازىلىشىغا پايدىلىق. سەيلە قىلغان ۋاقىتتا، كەچلىك تاماقتىن كېيىن، بىر سائەت سەيلە قىلىشنى تاللىسا، جىگەرنى كۈچلەندۈرۈشكە پايدىلىق.
ئىككى ئاز
▼
01
ھاراقنى ئاز ئىچىش
ھەر كۈنى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان مېھماندارچىلىقلار، نۇرغۇن شەھەرلىكلەرنىڭ نورمال ھالىتى، ئەگەر سىزنىڭ جىگىرىڭىز ساغلام بولمىسا، چوقۇم ئىسپىرتنى تاشلاڭ، ئىسپىرت مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
چۈنكى، ئادەم بەدىنى ئىسپىرت قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، % 99 ى جىگەردە ماددا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەگەر جىگەرگە بېسىم پەيدا قىلسا، جىگەر زەخىملىنىدۇ.
ھاراق ئىچىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى شۇنچە كۆپ بولۇپ، ئىسپىرتتىن جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ.
▼
02
ئاز تۈنەش
تۈنەش، ھازىرقى زامان ياشلىرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى، بىراق بىز شۇنى بىلشىمىز كىرەككى ئەگەر ئۇيقۇ سۈپتى ياخشى بولماي، دائىم تۈنەش ئەھۋالى يۈز بەرگەندە جىگەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئادەم ماشىنا ئادەم ئەمەس، بەدەندىكى ھەر بىر ئازانىڭمۇ قوبۇل قىلىش دەرىجىسى بولىدۇ، سۇڭا ئامال بار ئاز تۈنەش كېرەك.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ