بىرىنچى رېتسېپ
چىلان، يەر ياڭىقى قاتارلىقلارغا قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، قان تولۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قارا شېكەرنىڭ قان تولۇقلاش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان كۆپەيتىش
بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش
رولى بار
ئىككىنچى رېتسېپ
كىرەش، زەنجىۋىل قوي گۆشى شورپىسى. كىرەش 10 گىرام، زەنجىۋىل 30گىرام ، قوي گۆشى 250 گىرام. سۇدا قاينىتىپ، گۆشنى يۇمشاق پىشۇرۇپ، شورپىسى چىقىرىلىدۇ. شورپىسى بىلەن قوشۇپ
ئىچسە گۆشنى ئايرىم يېگەندىن كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەسىرى: جىگەرنى ئىللىتىش، قان تولۇقلاش، سوغۇقنى ھەيدەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش.
داۋالاش دائىرىسى: بەدىنى سوۋۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىز بولۇش، تولا ئەسنەش ياكى سوغۇقتىن
سانجىق تۇرۇپ قورساق ئاغرىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللاردىكى قان ئازلىق قاتارلىقلار.
ئۈچىنچى رېتسېپ
بەش خىل قارا ئاشلىق كۈنجۈت، قارا قېرىنقۇلاق، قارا چىلان، قارا پۇرچاق، قارا گۈرۈچنى كۆرسىتىدۇ بۇلار قان ئازلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆتىنچى رېتسېپ
كاللەكبەسەي تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، زور گۆدەك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق ۋە غەيرىي
شەكىللىك ھۈجەيرىلەرگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە، شۇڭا ھامىلىدارلار ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىش
مەزگىلىدىكى بالىلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
بەشىنچى رېتسېپ
دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، قان رەڭ ماددىسىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنى ئاق ھەم يۇمران قىلىدۇ، شۇڭا قانئازلىق كېسەللىرى بىمارلىرى دائىم ئالما ئىستېمال قىلغاندا، بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش،رولىنىئوينايدۇ،ئالمىنى پىشۇرۇپ يېسىمۇ بولىدۇ.
ئالتىنچى رېتسېپ
ئەنجۈر قېقى قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالايدۇ، ھەر كۈنى تۆت تال ئەنجۈر قېقى يېگەندە ئادەم بەدىنى
ئېھتىياجلىق بولغان كۈندىلىك تۆمۈر مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرى قوبۇل قىلىنىپ، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى
ئالىدۇ. ئەنجۈر قېقى تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان ئاپېلسىن شەربىتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش
تۆمۈرنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەن .
يەتتىنچى رېتسېپ
50 مىللىلىتىر بىيە شەربىتىگە ئاچچىق ئانار سۈيى،تاتلىق ئانار سۈيى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 50
مىللىلىتىر ئارىلاشتۇرۇپ، 100 مىللىلىتىر سىركە ۋە 200 گىرام شېكەر بىلەن قائىدە بويىچە ىسكەنجىبىن
تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلسا قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ.
سەككىزىنچى رېتسېپ
30گىرام ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلگەن چىلان، ئىككى تال قوينىڭ پاقالچاق سۆڭىكى 15گىرام، نېلۇپەر ئۇرۇقى
مۇۋاپىق مىقداردا لومى گۈرۈچ ئېلىنىدۇ. قوينىڭ پاقالچىقىنى چېقىپ باشقا خۇرۇچلار بىلەن قوشۇپ شويلا قىلىپ ئىچسە قان ئازلىق ۋە قايتا ئىشلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىققا شىپابولىدۇ.
توققۇزىنچى رېتسېپ
ئاۋۋال 30گىرام قارا پۇرچاق بىلەن 100گىرام لومى گۈرۈچىنى سۇدا قاينىتىپ چالا پىشۇرۇۋېلىپ ئاندىن
30گىرام چىلاننى ئۇنىڭغا سېلىپ تولۇق پىشۇرغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر سېلىپ كۈنىگە
بىر-ئىككى قېتىم ئۈزۈلدۈرمەي ئىستېمال قىلسا ھەر سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسىلىگە شىپابولىدۇ.
ئونىنچى رېتسېپ
قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىقى ئالامىتى سەۋەبلىك باش قايسا بادام ھالۋىسى يېگەندىن سىرت، قاپاق، تاۋۇز مېغىزى ھەم كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك.
ئون بىرىنچى رېتسېپ
قان ئازلىق، كېسەلدىن كېيىنكى ئاجىزلىق ۋە ئېھتىلامدا كەتىرا بىر سەر،قۇرت ئوت بەش مىسقال ئېلىنىپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ