تىز بۇغۇمىنى بالدۇر كاردىن چىقىرىدىغان ئامىللار
ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى، يۈگۈرۈشى، سەكرىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە تىز بوغۇمى ئىچىدىكى «بۇففېر تەگلىكى» − يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكتىن كەلگەن. كىشىلەر ئۇنى تىلغا ئالغاندا، كۆپىنچىسى «زەخىملىنىش» بىلەن باغلايدۇ.
نېمە ئۈچۈن يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك شۇنچە ئاسان زەخىملىنىدۇ؟
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپ خىل كۆز قارىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، قايسى ھەرىكەتلەرنىڭ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنى ئاسان زەخىملەندۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى بەھىرلىدى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر:
جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بى چىڭ؛
بېيجىڭ شۆيۈەنى 3- دوختۇرخانىسى تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاۋ فېڭ؛
جۇڭنەن شۆيۈەنى شياڭيا دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ فىزىكىلىق داۋالىغۇچىسى تاڭ يىنبو؛
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنى 70 ياشتىن ئاشقۇچە نورمال «ئىشلىتىش» گە بولىدۇ
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ سىرتقى شەكلى يېڭى ئايغا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ھەر بىر تىز بوغۇمى بوشلۇقىدا ئىككى پارچە يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك بار، ئىچكى تەرىپى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، شەكلى C شەكلىگە ئوخشايدۇ، سىرتقى تەرىپى بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، O شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك يوتا سۆڭىكى بىلەن پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، سىرتقى گىرۋىكى قېلىن، ئىچكى تەرىپى ھەمدە ئۈستى ئويمان بولۇپ، يېرىم شارسىمان يوتا سۆڭىكىنىڭ تۆپىلىكى بىلەن ماس كېلىدۇ، ئاستى تەكشى بولۇپ، پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ سۇپىسىغا مۇكەممەل يېپىشىپ تۇرىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ تىز بوغۇمىنى قوغداش رولى 70 ياشتىن ئاشقۇچە داۋاملىشىدۇ، ئۇ تىز بوغۇمىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ:
بوغۇملارنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، بوغۇملارنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ؛
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ ئاساسلىق تەركىبى تالالىق كۆمۈرچەك بولۇپ، ئېغىرلىق كۆتۈرگەندە بەلگىلىك شەكىل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، سۆڭەكلەر ئارىسىدىكى بىۋاسىتە سوقۇلۇشنى پەسەيتىدۇ؛
تىز بوغۇمىنى سىلىقلاپ، بوغۇم كۆمۈرچىكىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ؛
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكتە نۇرغۇن ئۆز تېنىدىكى رېتسېپتورلار بولۇپ، تىز بوغۇمى ھەرىكىتىدە چوڭ مېڭىگە ھەرىكەت پارامېتىرلىرىنى، مەسىلەن: ھەرىكەت سۈرئىتى، ھەرىكەت بۇلۇڭى قاتارلىقلارنى توختىماي قايتۇرۇپ، ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكتە بەزى «ھەرىكەتتىن قورقىدۇ»
تىز بوغۇمى ئېگىلگەن ۋە سوزۇلغاندا، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك ئاستىدىكى پاقالچاق سۆڭىكى سۇپىسى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ. بوغۇم تولغىشىپ قالغاندا، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك يۇقىرى تەرەپتىكى يوتا سۆڭىكىگە ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ «زىددىيەتلىك ھەرىكىتى» دۇر.
ئەگەر بوغۇملاردا ئېگىلىش - سوزۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېنىك دەرىجىدە تولغىنىش يۈز بەرسە، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ ھەرىكىتى بىر قەدەر زىددىيەتلىك بولىدۇ، ئەمما بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەگەر «زىددىيەتلىك ھەرىكەت» زىيادە بولۇپ كەتسە، مەسىلەن: سەكرەش، يەرگە چۈشۈش جەريانىدا تىز بوغۇمى ئېگىلگەن ھالەتتە يەنە تۇيۇقسىز تولغىنىپ كەتسە، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملىنىدۇ. مەسىلەن: ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى گاردىن قايتقان توپنى تالاشقاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ پاس بەرسە، يۈگۈرگۈچى تېز سۈرئەتتە ئايلانسا، يەنە تۇرمۇشتا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ نەرسە - كېرەكلەرنى يۆتكىسە، تىز بوغۇمىنى ئېگىش - سوزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تولغىنىش يۈز بەرسە، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملىنىدۇ.
يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت ئېلىپ بارمايمۇ، پەقەت يول ماڭغاندا تۇيۇقسىز بەلنىڭ تۆۋەن قىسمىنى ئايلاندۇرسا، تىز بوغۇمى تولغىنىپ، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن ۋاقىت تىزلىنىپ ئولتۇرۇش، باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇش، تىزنى زىيادە ئېگىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تۇرسا، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك ئاسانلا زەخىملىنىدۇ.
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملىنىشنىڭ ئاساسلىق 4 خىل ئىپادىسى
«قارس» قىلغان ئاۋاز زەخىملەنگەندىن كېيىن يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ يۈزى سىلىق بولمايدۇ، بوغۇملارنى تەكرار پۈككەندە «قارس» قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ.
ئاغرىش- ئىچكى تەرەپ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملەنسە، تىز بوغۇمىنىڭ ئىچكى تەرەپ بوغۇم ئارىلىقى ئاغرىيدۇ؛ سىرتقى تەرەپ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملەنسە، ئاغرىق تىز بوغۇمىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە بولىدۇ.
گىرەلەشمە قۇلۇپ- تىز بوغۇمى بوشلۇقىدا بىر نەرسە قىسىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، تىزنى مىدىرلاتقىلى بولمايدۇ.
«يۇمشاق پۇت»- تىز بوغۇمى مۇقىم بولماسلىق ياكى سىيرىلىپ چىقىپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، «يۇمشاق پۇت» نىڭ ئالامەتلىرى.
يارىلانغان يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك؟
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك توقۇلمىغا تەۋە بولۇپ، زەخىملەنگەندىن كېيىن قايتا ھاسىل بولمايدۇ، لېكىن زەخىملەنگەندىن كېيىن تىنچ ئارام ئېلىش، ئىسسىق ساقلاش، مۇسكۇل بوغۇملارنىڭ بېسىمىنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشكە ھەمدە ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
زەخىملىنىشنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلى (زەخىملىنىپ 24 سائەت ئىچىدە) دە ،جىددىي خاراكتېرلىك زەخىملىنىشنىڭ «PRICE» پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
Protect قوغداش: پۇت - قولنى خالىغانچە يۆتكىمەسلىك، زۆرۈر تېپىلغاندا تىرەك بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ قوغداش كېرەك.
Rest ئارام ئېلىش: ھەرىكەتنى توختىتىپ ئارام ئېلىش لازىم.
Ice مۇز تېڭىش: جىددىي خاراكتېرلىك زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئاغرىق پۇت قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەم تېزلا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا مۇز تېڭىش كېرەك
Compression بېسىش: ئەگەر زەخىملەنگەندىن كېيىن سۇلۇق ئىششىق ئېغىر بولسا، مۇز تېڭىش، بېسىم بېرىش ئارقىلىق پۇتتىكى سۇلۇق ئىششىقنى يېنىكلىتىش كېرەك.
Elevation پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈش: سۇلۇق ئىششىقنىڭ قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوغۇملارنىڭ ئىششىشىنى پەسەيتىدۇ.
ئەسكەرتىش: يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك زەخىملەنگەندە بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش، يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەكشۈرۈپ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تىز بوغۇمى چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ بالدۇر يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قارىغۇلارچە كەينىگە سۆرىمەسلىك كېرەك.
يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 7 ئىش
بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىز بوغۇمىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ھەرىكەتتىن بۇرۇن بەدەننى تولۇق قىزىتىش، بوغۇملار ھەرىكەتلەنگەندىن كېيىن ئاندىن قاتتىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
ئەگەر تىز بوغۇمى زەخىملىنىپ، يەنە ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلسە، مۇسكۇل چاپلىقى، تىزلىق قاتارلىق قوغدىنىش جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەر دائىرىسى چوڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى ھەمدە ھەرىكەت يۈكىنى زىيادە ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.
ھەرىكەت قىلغاندا ھەرىكەتنىڭ توغرا بولۇشىغا دىققەت قىلىش، تىز بوغۇمىنىڭ يۈكىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
تىز بوغۇمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، يەرلىك ئورۇننى ئۇۋۇلاپ، تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55