ئا قان تىپنىڭ خاراكتېرى تەقدىر ئوڭاي بولىدىغان كېسەللىرى تولۇق
A قان تىپى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر.
كەمچىلىكى: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپلا تۇرىدۇ ، ئىرادىسى ئاجىز، ئاسانلا ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، زىيادە مىسكىن، ئۈمىدسىز، نومۇسچان، بېكىنمىچىلىقى ئېغىر.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل، شۇڭا ئاسانلىقچە باشقىلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ.
بۇ خىل قان تىپىدىكى ئاياللار ئىزدەنگۈچىلەر، تەپەككۇر قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار زىيادە سەزگۈر، زىل كېلىدۇ، مۇھەببەتكە بەك بېرىلىپ كېتىدۇ. ئەمما، بۇ قان تىپىدىكى ئاياللاردا مۇھەببەت سۇسلاشسا كۆپىنچە ھاللاردا ئايرىلىشنى ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزى دەسلەپتە قانچىلىك شەيدا بولۇپ قوغلاشقىنىدىن، بارلىقىنى بېغىشلاپ قۇربان بەرگىنىدىن قەتئىينەزەر، سۆيگۈسى بۇزۇلغان ھامان ھېچنىمىگە پىسەنت قىلماي ئايرىلماقچى بولىدۇ.
A قان تىپى ئەرلەرنىڭ خاراكتېرى
A قان تىپىدىكى ئەرلەر سەمىمي ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە، بىراق مۇرەككەپ ھېسىيات قاينىمىغا چۈشۇپ قالغاندا ، ئاسانلىقىچە تاقابىل تۇرالمايدۇ.
A قان تىپىدىكى ئەرلەر قارىماقتا ئىش بىجىرىشتە ئەستايىدىل، كينىش ۋە يۈرۇش–تۇرۇشتا پاكىز ۋە رەتلىك كۆرۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سالماق ھەم ئىجتىمائى قائىىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئايالىنى خاتىرجەملىك تۇيغۇىسغا ئىگە قىلىدۇ، يۈز- ئابرۇيىغا ناھايتى ئەھمىيەت بىرىدۇ، سىرتتا دائىم كەسىكىن خاراكتېىرىنى ساقلاشقا تىرشىدۇ، ئائىلىدە كەمسۆز بولىدۇ، ئۇلار ئادەتتى گېپىنى ئوچۇق قىلمايدىغان بولغاچقا، ھېسىيات جەھەتتە مۇرەككەپ كۆرۇنىدۇ، ئۇلار سەۋر قاچىسى توشقانلىقىنى ھىس قىلسا، دەرھال قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇلارنى تنچلاندۇرۇش ناھايتى تەس بولۇپ غەزىپى ئادەمنى قورقىتىدۇ.
قان تىپى A بولغانلار ۋە مۇھەببەت
A قان تىپىدىكى كىشىلەر مۇھەببەتكە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇھەببەتتە بىر قەدەر پاسسىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىق A قان تىپلىق كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى خېلى كۈچلۈكتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئىچكى ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغىندا، ئۇلار پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالىدۇ، شۇڭا روھى زەربىدىن ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، كۆپىنچە ھالاردا A قان تىپىدىكى كىشىلەر مۇھەببەتنى دەپ تۇرمۇشتا ۋەيران بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.
A قان تىپىدىكىلەر ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر
قان تىپىغا ئاساسەن، مىجەزىڭىزنى بىلگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە سىزنىڭ قانداق كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ!
ئەمەلىيەتتە قان تىپى سىزنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قان تىپى بىلەن كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەن، ئوخشاش بولمىغان قان تىپىدىكىلەر ئاسانلا قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
A تىپلىق قان:
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئاشقازان راكى قاتارلىقلارغا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، A تىپلىق كىشىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ چىدامچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئادەتتە دائىم كېسەل بولمايدۇ، ئەمما يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن بىر قەدەر تەقدىرداشلىقى بار، بولۇپمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى. يەنە ھازىرقى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە كېسىلى .
1. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بويىچە فۇۋەي يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ۋە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق دوختۇرخانىسى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، A تىپلىق قان تىپىدىكىلەرنىڭ A تىپلىق بولمىغان قان تىپىغا قارىغاندا ئومۇمىي خولېستېرىن تېخىمۇ يۇقۇرى ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن ( LDL ـ C ) قويۇقلۇقى تېخىمۇ يۇقىرى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار ئىكەن.
جاننى قۇتقۇزىدىغان قالتىس ئامال:
1- يۈرەك قان تومۇر كېسىلى جەمەت تارىخى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 40 ياشتىن يۇقىرى A تىپلىق قاندىكى كىشىلەر توپىنىڭ ھەر يىلى يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، قاندىكى ماي، قان بېسىمى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2- ئەگەر يۈرەكتە مەسىلە بولسا بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىتىش، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان يۈرەك تىقىلمىسى، تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئەكسىچە تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
3- تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ قاندىكى ماي، قاندىكى قەنت مىقدارى ۋە قان بېسىمى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، شۇنداقلا ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك ، مەسىلەن، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، ھاراق ـ تاماكىنى تاشلاش، كۈندە تۈمەن قەدەم مېڭىش، تاماقنى سەككىز ئۈلۈش يەپ تويۇش قاتارلىقلار.
2. ئاشقازان راكىدىن باشقا، A قان تىپلىق كىشىلەر ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. كىلىنىكىلىق ماتېرىياللارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى A تىپلىق قان بولۇپ، A قان تىپىدىكى كىشىلەر دائىم گىرىپتار بولىدىغان راك كېسەللىكلىرىدىن گۆش ئۆسمىسى، ئاشقازان راكى، تىل راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى قاتارلىقلار بار ، بولۇپمۇ ئاشقازان راكىدا A تىپلىق قان كېسىلى بارلار كۆرۈنەرلىك كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپىنچە ئاشقازاندا يۈز بېرىدىكەن، بەلكىم ئۆسمە توقۇلمىلىرى ئىچىدىكى قان تىپى A ئاكتىپ بولغان ئۆسمە قەنت مېيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
جاننى قۇتقۇزىدىغان قالتىس ئامال:
1- تۇزنى ئاز يېيىش، يېڭى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، سامساقنى كۆپ يېيىش.
2- ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ئاشقازان راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈش، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدىكى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تەكشۈرۈش، ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدا تۇرۇپ سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش ياكى ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نۆۋەتتە ئاشقازان ئەينىكى دەسلەپكى ئاشقازان راكىغا دىياگنوز قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
3. ئادەتتىكى ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، مەسىلەن، ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈپ بىئارام بولۇش، ئورۇقلاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قۇسۇش، قانلىق تەرەت قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بولۇپمۇ يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى بارلار ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك. يېشى 40 ياشتىن ئاشقاندا تۇيۇقسىز يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەر ۋاقتىدا ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.
قان تىپى A بولغانلارنىڭ چىداشچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ئادەتتە ئاسان كېسەل بولۇپ قالمايدۇ. لېكىن بۇ خىل قان تىپىدىكىلەر مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. بولۇپمۇ مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلىگە باشقا قان تىپتىكىلىرىگە قارىغاندا ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. قان تىپى A بولغانلارنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئاسانلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى مېڭە قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرسى. قېنى A تىپلىق بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغانلارنىڭ قان پىلاستىنكىسىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئادەتتىكىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
يەنە، قان تىپى A بولغانلار شامالدارىش ۋە راكقا ئوخشاش ئېغىر كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. سىتاتسىتىكىغا ئاساسلانغاندا راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ قان تىپى A ئىكەن. قان تىپى A بولغانلار ئاسان گىرىپتار بولىدىغان راك ساركوما، ئاشقازان راكى، تىل راكى، ھەزىم قىلىش يولى راكى قاتارلىقلار ئىكەن. بولۇپمۇ راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە قان تىپى A بولغانلار كۆپ ئىكەن. يەنە كېسەللىك كۆپىنچە ئاشقازاندا پەيدا بولىدىكەن.
ئەلداۋا ساغلاملىق كۆرسەتمىسى:
قان تىپى A بولغانلاردا قورساقنىڭ ئۈستى ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئورۇقلاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قۇسۇش، تەرەتكە قان ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بولۇپمۇ يىگىلەش خارەكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كېرەك.
بۇ قان تىپىدىكىلەر مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، نازۇك، ئېھتىياتچان ، چىداملىق، مەسئۇلىيەتچان ، تىرىشچان كېلىدۇ . لېكىن ، بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولغاچقا ، ئوڭايلا باشقىلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ . بۇنداق كىشىلەرگە كۆكتات ئاساس قىلىنغان يېمەك - ئىچمەك مۇۋاپىق كېلىدۇ . بەزى ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ، مەسىلەن: دادۇر ئاقسىلى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ ، دائىم ئىستىمال قىلسا ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ۋە راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەن گۈزەللىكىگىمۇ پايدىلىق . بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئورۇقلاش ئۇسۇلى ، يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش .
قان تىپىڭىزگە قاراپ سالامەتلىك ۋە خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55