جۇڭگو تېبابىتىدە قولاق غوڭۇلداشنى پەسەيتكىلى بولىدىغان پەللىلەر

文摘   2024-11-18 18:05   新疆  





جۇڭگو تېبابىتىدە قولاق غوڭۇلداشنى پەسەيتكىلى بولىدىغان پەللىلەر


ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە ئاز دېگەندە 100 مىليون كىشى قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەمدە بۇ كېسەل ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
بەزى كىشىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولۇپ، تۇرمۇشىغا پۈتۈنلەي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛
يەنە بەزىلەرنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق باشقا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قۇلاق غوڭۇلداش ئاڭلاش سىستېمىسىدىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى، كېسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ، مېخانىزمى ئېنىق ئەمەس، ئاساسلىق ئىپادىسى مۇناسىپ سىرتقى ئاۋاز مەنبەسى يوق، سۇبيېكتىپ جەھەتتە قۇلاق ئىچىدە ياكى باش سۆڭىكى ئىچىدە ئاۋاز سېزىمى بار.

جۇڭگو تېبابىتىدە، بۆرەك قۇلاققا يېقىن، قۇلاق غوڭۇلداش كۆپ ھاللاردا بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئىنكاسى، شۇنداقلا ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىدۇ.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، دائىم قۇلاق غوڭۇلداش ياشانغانلارنىڭ پاتېنتى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئادەم ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن ئاسانلا بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ.  ئەمەلىيەتتە بولسا قۇلاق غوڭۇلداش نۇرغۇن ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، چۈنكى ھازىر كىشىلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر، ئادەتتە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلمايدۇ، شۇڭا قۇلاق قىسمىنىڭ مىكرو ئايلىنىشىدا دائىم مەسىلە كۆرۈلۈپ، قۇلاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر خىل بويۇن مەنبەلىك قۇلاق غوڭۇلداش بولۇپ، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ بىر خىل ئەگەشمە كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل قۇلاق غوڭۇلداش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى بويۇن ئومۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىش سەۋەبىدىن نېرۋا يىلتىزى ۋە ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى بېسىۋېلىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇلاق قىسمىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىچكى ئاڭلاش ئارتېرىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قۇلاق غۇڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قۇلاقتىكى ئاۋاز ئۈزۈلمىسە، قايسى پەللىنى باسقاندا پەسەيتكىلى بولىدۇ؟
گاسلىق، قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق بۇ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، قۇلاق ئەتراپىدىكى پەللىلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بۈگۈن ئەلداۋا كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان 3 پەللە ئورنى دەل قۇلاقنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان .


بىز ئېغىزىمىزنى ئاچقاندا، قۇلاقنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر سۆڭەك  بۆرتۈپ چىقىدۇ، قولاقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى بۇ بۆرتۈپ چىققان سۆڭەڭنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسا تىك يۆنىلىشلىك ئويمان پەيدا بولىدۇ، ئېيتىلغان قۇلاق غوڭۇلداشنى پەسەيتىشكە ماھىر بۇ 3 پەللە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بۇ ئويمان ئىچىگە تىزىلىپ جايلاشقان، بۇ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قۇلاق ئىشىكى耳门، ئاڭلاش ئوردىسى听宫، ئاڭلاش يىغىلمىسى 听会 دەپ ئاتىلىدۇ.

1- ئەرمېن پەللىسى  耳门
ئورنى: باش قىسمىنىڭ يان تەرىپىدىكى قۇلاقنىڭ ئالدى قىسمى، قۇلاق شارچىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى سەل ئالدى يوچۇق ئولتۇرۇشقان يەنى، ئېغىزنى ئاچقاندا ئويمان بولۇپ قالغان جاي شۇ.
ئاساسلىق رولى: قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق ياللۇغى، باش قېيىش، يۈز مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىش، گاس ـ گاچا، چىش ئاغرىقى، گۈرەن بەز ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ.

2- تىڭگۈەن پەللىسى 听宫
ئورنى: باش قىسمىنىڭ يان تەرىپىدىكى قۇلاق ئېكرانى ئالدىدا، تۆۋەنكى ئېڭەك سۆڭىكى ئۆسۈكچىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، ئېغىزىنى ئاچقاندا شەكىللەنگەن ئويمان جايدا .
ئاساسلىق رولى: قۇلاق غوڭۇلداش، گاسلىق، دىئافراگما، گاس ـ گاچا، تۇتقاقلىق، چىش ئاغرىقى ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىق، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، تاشقى قۇلاق ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ.

3- تىڭخۈي پەللىسى 听会
ئورنى: قۇلاق ئېكرانى ئارىسىدىكى كېسىلگەن ئىزنىڭ ئالدى تەرىپى، تۆۋەنكى ئېڭەك سۆڭىكى ئۆسۈكچىسىنىڭ ئارقا گىرۋىكى، ئېغىزنى ئاچقاندا شەكىللەنگەن ئويمان جاينىڭ ئاستى تەرىپىدە .
ئاساسلىق رولى: قۇلاق غوڭۇلداش، گاسلىق، قۇلاق يولىدىن يىرىڭ ئېقىش، چىش ئاغرىش، ئېڭەك چىقىپ كېتىش، ئېغىز كۆز مايماق كېتىش، يۈز ئاغرىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا قوللىنىلىدۇ.

غىدىقلاش ئۇسۇلى
كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنى يانتۇ قىلىپ، ئاغزىڭىزنى ئېچىپ، ئۈستى ئاستى يۆلىنىشتە بۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن يەرنى سۈرتۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا قىلغىلى بولىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى پەسەيتىشكە ناھايىتى پايدىلىق.

ئۇنىڭدىن باشقا قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پەقەت ھادىسىدىنلا تۈزەپ، ماھىيەتتىن تۈزىمەسلىككە بولمايدۇ، كۆپ ھاللاردا بەدەننىڭ ئومۇمىي ھالىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.


ئەلداۋادىن تەكلىپ : پەللىنىڭ ئۆز ساغلاملىقىنى ساقلاش رولىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بولىدۇ، شۇڭا قۇلىقى غوڭۇلداش كېسىلى بار بىمارلارنىڭ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىمىز شۇكى، يىڭنە سانجىپ داۋالاش قىسمەن تۈرلەردە بىر قەدەر ئۈنۈملۈك بولۇپ، سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章