ئۆت تېشىغا مەنپەئەت قىلىدىغان بىرقانچە يەرلىك رېتسېپلار

文摘   2024-11-21 19:53   新疆  




ئۆت تېشىغا مەنپەئەت قىلىدىغان بىرقانچە يەرلىك رېتسېپلار


ئۆتكە تاش چۈشۈش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇپ، ئادەتتە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەل قوزغالغاندا ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق قىسمىدا قاتتىق ئاغرىق سېزىمى كۆرۈلىدۇ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئارقىلىق داۋالىغاندىن باشقا، ئادەتتە يەنە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ.

ئارپا ئۈندۈرمىسى دولانە ئىچىملىكى
ياساش ئۇسۇلى: قورۇلغان ئارپا ئۈندۈرمىسى، دولانانىڭ ھەر قايسىسىدىن 20 گىرام، ئالتۇن يارۇق، خام ئاپېلسىن پوستى، كۈركۈم گۈلى ، توخۇ تاشلىقى ھەر قايسىسىدىن 10 گىرامدىن تەييارلىنىدۇ.
يۇقىرىقى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى قازانغا سېلىپ سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاندىن تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ شىرنىسىنى ئېلىپ كۈنىگە 1 قېتىمدىن ئىستېمال بولىدۇ.
ئۈنۈمى: جىگەردىكى يەلىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆتتىكى تاشنى چىقىرىپ تاشلاشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يەل تۇرۇپ قېلىش تىپىدىكى ئۆتكە تاش چۈشۈشكە ماس كېلىدۇ، كېسەللىك ئالامىتىدە يۇقىرىقى قورساق چىڭقىلىپ ئاغرىش، يەل تۇرۇپ قېلىش، دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەرگە.

ئۆتكە پايدىلىق ياللۇغ قايتۇرۇش چېيى
ياساش ئۇسۇلى: پەربۇن، قورۇلغان سېرىق ئارچا، كۆركۈم گۈلى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام، چېنپى، قۇرۇق ئاپېلسىن پوستى، خام ئاپېلسىن پوستىنىڭ ھەر قايسىسىدىن يەتتە گرامدىن تەييارلىنىدۇ. يۇقىرىقى جۇڭيى دورىلىرىنى يىرىك ئۇندەك قىلىپ يىپ خالتىغا سېلىپ چايدانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ قوشۇپ 20 مىنۇت دۈملەپ قويغاندىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ.
شىپالىق رولى: ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئۆتنى راۋانلاشتۇرۇپ، جىگەرنى ياشارتىدۇ.
ئۆت خالتىسى ياللۇغى ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈش مەنبەلىك جىگەر ياللۇغى ھۆل ئىسسىق تىپىدىكى ( تىل قىزىل تىرىپى سېرىق ) بىمارلىرىغا ماس كېلىدۇ. تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلەشكەنلەر ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.


توخو تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى 鸡内金ئۇمىچى
ياساش ئۇسۇلى: توخو تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى ( قۇرۇتۇلغان مەھسۇلاتى ) دىن 30 گىرام، يۇمىلاق گۈرۈچتىن 0.1 كىلوگىرام، ئاق شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا. توخو تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسىنى پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ، بوش ئوتتا تاكى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈچە قورۇپ، يۇمشاق تالقان قىلىپ، ئاندىن يۇمىلاق گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، بوش ئوتتا گۈرۈچ دانىسى چېچەكلىگەنگە قەدەر قاينىتىپ ئاندىن ئاق شېكەرنى قوشۇپ ، ئۇماچ قويۇق بولغانغا قەدەر قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
ئۈنۈمى: قۇۋۋەت تولۇقلاپ ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ.
تاشنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆتكە تاش چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

ئۆتتىكى تاشنى يوقىتىش چېيى
ياساش ئۇسۇلى: تەڭگىچە ئوت  20 گرام، قورۇلغان ساغۇچ ئارچا 10 گرام، قورۇلغان سېتروس قېقى 9 گرام، رەۋەن 3 گرام. يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى ئېزىپ يىرىك ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈپ داكا خالتىغا سېلىپ چايدانغا ئېلىپ، قايناۋاتقان سۇدا 20 مىنۇت دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.
ئۈنۈمى: ئۆتتىكى تاشنى يوقىتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئىچكى ئەزالارنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئۆتكە تاش چۈشۈپ ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولغانلارغا ماس كېلىدۇ.

قىزىل يوپۇرماقلىق ئەمەن قوناق ساقىلى چېيى
ئېتىش ئۇسۇلى: كۆممىقوناق ساقىلى 30 گىرام، مامكاپ، قىزىل يوپۇرماقلىق ئەمەن ھەر بىرىدىن 12 گىرامدىن تەييارلىنىدۇ.
بارلىق ماتېرىياللارنى پاكىز يۇيۇپ ئىستاكانغا سېلىپ، قايناق سۇدا 20 مىنۇت دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.
شىپالىق رولى: ئۆتتىكى سېرىقلىقنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەپ، ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ.
ئۆتكە تاش چۈشۈش ۋە ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىغا ماس كېلىدۇ.
دىققەت: قان بېسىمى تۆۋەن ۋە قان شېكىرى تۆۋەن بىمارلار ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكە تاش چۈشكەن بىمارلار ئۈچ ۋاق تاماقنى قەرەللىك، نورمىلىق يېيىشى، زىيادە كۆپ يېمەسلىكى، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشى، ئاچچىق ـ چۈچۈك، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى، كۆپرەك سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىشى، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئازايتىپ، كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇشى كېرەك.


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章