ئىچى سۈرۈش، تولغاقنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش

文摘   2024-11-19 18:02   新疆  





ئىچى سۈرۈش، تولغاقنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش


ئادەتتە توختىماي ئىچى سۈرگەن ، يەنى چوڭ تەرىتى قان ، يېرىڭ ئارىلىشىپ كەلگەن ئاغرىقلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ :


1. ئالمىنى ئاقلاپ يانجىپ ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .

2. ئۇچقات 金银花 ، جۇخار گۈلىنىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام ، چۈچۈكبۇيىدىن 6 گرام ، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، قايناق سۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ . 

3. خام سامساقنى ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ ، تاماق ۋاقتىدا كۈنىگە 2 – 3 تال ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .


4. سېمىز ئوتتىن ( 麻绳草 )10 گرام ، سىپارىدىن( 槟榔果 ) 10 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئىچى سۈرۈپ ئۇزۇنغىچە توختىمىغان ياكى ئارىلاپ توختاپ ، ئارىلاپ سۈرىدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ .

1. كۈنىگە 3 – 4 قۇتا قېتىق ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

2. قىزىل ماش ،پىچەكگۈلنىڭ ھەر قايسىسىدىن 30 گرام ، قىسقا غوللۇق شال گۈرۈچىدىن 60 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ .

3. چوڭ تاپان بېلىقنىڭ قاسرىقىنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى تازىلىۋېتىپ يالپاقلاپ ، مۇچتىن 3 گرام ، غولپىيازدىن 3 توغرام سېلىپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

4. سۇ لەيلىسى ئۇرۇقىدىن 15 گرام ، قانتېپەردىن 12 گرام ، بايناقتىن 9 گرام ، ئاق يېسسۇمۇقتىن 12 گرام ، قوناق مېغىزىدىن 12 گرام ئېلىپ قاينىتىپ كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئېچىپ بەرسە تولغاق كېسەللىكىگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ .



ئاشقازان كىسلاتاسى بەك ئازىيىپ ، ھەزىم ياخشى بولماسلىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈكىگە ئاق ئاچچىقسۇنى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ . ئەگەر ئەكىس تەسىرى بولمىسا ، ئەتىسى يەنە بىر قېتىم ئىچسە بولىدۇ . ئىچ سۈرۈكى بەك ئېغىر بولسا ، ئۇنى ئۈچ قېتىم ئىچسىلا شىپا قىلىدۇ ، بىراق ئاشقازان كىسلاتاسى بارلار ئىچسە بولمايدۇ .


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى

ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

亚克西Dohtur
ياخشى دوختۇر سالونى
 最新文章