دائىم بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
كىچىك ۋاقتىدا ئۇيقىدىن باش كۆتۈرەلمەسلىك، چوڭ بولغاندا ئۇخلىيالماسلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېرىم كېچىدە ئويغىنىش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئويغانغاندىن كېيىن ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلۈپ، قايتا ئۇخلىيالمايدۇ.
قانداق ئەھۋال بالدۇر ئويغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
دائىم بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
قانداق قىلغاندا بۇ خىل ئەھۋالنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؟
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى
مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىڭ، بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بەھىرلىدى.
زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر
پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى گو شىخېڭ؛
بېيجىڭ خۇيلۇڭگۇەن دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى سۇڭ چۇڭشېڭ؛
«بالدۇر ئويغىنىش» دېگىنىمىز، كارىۋاتقا چىقىپ بىر مەزگىل ئۇخلىغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئويغىنىپ، خۇددى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغانغا ئوخشاش سەگەكلىشىپ، قايتا ئۇخلىيالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئۇيقۇسىزلىق ئالامىتىدۇر.
سائەت قانچىدە ئويغانسا بالدۇر ئويغانغان بولىدۇ؟
كىلىنىكا مېدىتسىناسىدا سەھەر سائەت 2 دىن 4 كىچە ئويغىنىپ كېتىپ، ئويغانغاندىن كېيىن قايتا ئۇخلىيالماسلىق ئەھۋاللىرى بالدۇر ئويغىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بالدۇر ئويغىنىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئەتىسى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ، ئىش قىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت بالدۇر ئويغانغاندا يەنە يۈرەك سىقىلىش، دېمى سىقىلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بەدەن جەھەتتە بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيە تۇبىنگېن شۆيۈەنىنىڭ ھەرىكەت نېۋرولوگىيەسى پىروفېسسورى جەن بوۋننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەگەر سىز بىر ئىشنى ئالدىن مۆلچەرلىسىڭىز، بەدىنىڭىز بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر خىل ھورمۇن − بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننى قويۇپ بېرىدىكەن، بۇ سىزنىڭ ئالاھىدە ۋاقىتتا بەزى ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ، شۇڭا، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ئامېرىكا كانساس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدە قوڭغۇراقلىق سائەت گېنى ( KDM5A ) بار بولۇپ، بۇ گېننى «ئورنىدىن تۇرۇشنى كونترول قىلىش ۋىكليۇچاتېلى» دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئالاھىدە گېن گېن تورىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىقتىدارى سائەت بىلەن ئوخشاشكەن.
ئەگەر ئادەتتە بالدۇر ئويغىنىش قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتسە، دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
خامۇشلۇق تەشۋىشلىنىش
تىپىك خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بالدۇر ئويغىنىش. ئاز دېگەندە ئادەتتىكىدىن بىر ياكى ئىككى سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالدۇر ئويغىنىدۇ.
چوڭ مېڭىنىڭ مەلۇم رايونىدا نېرۋا خىمىيەلىك يەتكۈزگۈچى ماددىسى 5 - ھىدروكسى ترىپتامىن مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئادەم خامۇشلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە 5 - ھىدروكسى ترىپتامىن مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇخلاش ۋاقتى قىسقىراپ، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشتە ئىپادىلىنىدۇ.
قالقانسىمان بەز كېسىلى
قالقانسىمان بەزنىڭ زىيادە جانلىنىشى يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى 35% ئاشىدۇ.
ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەتۈر ئېقىمى
مەيدە ئېچىشىشتەك بىئاراملىق ئادەمنى ئۇخلاتمايدۇ، مەيدە ئېچىشىشتەك سېزىم بولمىسىمۇ، قىزىلئۆڭگەچتىكى كىسلاتا رېفلېكسنى قوزغىتىپ، ئۇيقۇنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
سۈمۈرۈش مەسىلىسى
پەسىل خاراكتېرلىك زىيادە سەزگۈرلۈك، زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كېچىدە ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈلۈش ياكى بالدۇر ئويغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، باشقا ئامىللارمۇ نەپەس يولىنى تارايتىۋېتىدۇ، مەسىلەن: بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى مايماق بولۇپ قېلىش، بۇرۇن مونچاق گۆشى، بادامسىمان تەنچە يوغىناش قاتارلىقلار.
كېسەللىك، قېرىش ۋە ناچار تۇرمۇش ئادىتى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاجرىلىپ چىقىدىغان مېلاتونىن ۋە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئازىيىپ، قاتتىق ئۇيقۇ ۋە تېيىز ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ، بالدۇر ئويغىنىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
ۋىتامىن كەملىك D
خارۋارد داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن، ئۇ چوڭ مېڭىدىكى ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىسىمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
دائىم يانفون ئويناش
ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇزۇن ۋاقىت ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنى كۆرگەندە، ئويۇن ئوينىغاندا ئېكراندىكى كۆك نۇر بەدەندە مېلاتونىن ھاسىل قىلىشنى توسىدۇ.
رەسىم
ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىش
ئۇخلىغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، بەدەن ئىسپىرت ئالماشتۇرۇپ، ئۇيقۇنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆز ھەرىكىتى مەزگىلىگە كىرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئادەمنى كېيىنكى يېرىم كېچىدە تىت - تىت قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەك بالدۇر ئۇخلاش، چۈشلۈك ئۇيقۇ بەك ئۇزۇن بولۇش قاتارلىق ئامىللارمۇ بالدۇر ئويغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردۇر.
تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى باھالاشقا بولىدۇ:
كەچ سائەت 10 ~ 11 لەرگىچە ئۇخلىيالامدۇ - يوق؟
ھەر كۈنى كەچتە 7 ~ 8 سائەت ئۇخلاپ ئاندىن تەبىئىي ئويغىنىش - ئويغانماسلىق.
ئويغانغاندىن كېيىنكى تەسىراتى: روھى ئۇرغۇپ تۇرامدۇ ياكى روھسىز تۇرامدۇ؟
بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىرى قانائەتلەنمىگەندە، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئەگەر كېسەللىك سەۋەبى بولسا، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش، تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن قول سېلىپ، ئادەتنى تەڭشەپ، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
1. ئامال بار ۋاقتىدا ئۇخلاش
ئۇخلاش ۋاقتىنى تەڭشەش، كارىۋاتقا چىقىش ۋاقتىنىڭ سائەت 23 تىن كېيىن بولماسلىقىنى، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ كارىۋاتتا يېتىش ۋاقتىنىڭ %90 تىن يۇقىرى بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇخلاش مۇھىتى تىنچ، راھەت بولۇشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە قارىماسلىقى، ۋاقتىدا چىراغنى ئۆچۈرۈشى كېرەك.
2. قورساقچە نەپەسلىنىشنى مەشىق قىلىش
نەپەس ئالغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قورساق مۇسكۇلىنى ئاستا - ئاستا تومپايتىش، نەپەس چىقارغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قورساق مۇسكۇلىنى ئاستا - ئاستا تارايتىش ئارقىلىق سۈمۈرۈش چاستوتىسىنى تۆۋەنلەتكەندە، ئادەم يېنىكلەپ، تەشۋىشلىنىشمۇ يېنىكلەيدۇ.
3. قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش
قوڭغۇراقلىق سائەتنى بىر قېتمغا توغۇرلاپ، سائەت جىرىڭلىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش.
نورمال كىشىلەرنىڭ مۇكەممەل ئۇخلاش دەۋرىيلىكى تەخمىنەن 90 مىنۇت بولىدۇ، ئەگەر قوڭغۇراقلىق سائەت توختىمىسا، ئۇخلاش دەۋرىيلىكىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىر قانچە قوڭغۇراقلىق سائەتنى بېكىتىشكە توغرا كەلسە، ئىككى قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئارىلىقى ئەڭ ياخشىسى بىر ئۇخلاش دەۋرىيلىكى، تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت بولۇشى كېرەك.
4. مۇۋاپىق ھەرىكەت
كۈندۈزى قۇياش نۇرىنى كۆپەيتكەندە، مېڭىگە تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي مېلاتونىن يىغىلىپ، كېچىدە ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، يېرىم سائەت سەيلە قىلىش ئۇيقۇغا پايدىلىق. چۈشلۈك ئۇيقۇنى 20 ~ 30 مىنۇت ئەتراپىدا كونترول قىلىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن ئېشىپ كەتسە چۈشتە ئۇخلىماسلىق كېرەك.
5. ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش
ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۆزلۈك روھىي ھالىتى كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىنى ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمىسا، ئامال بار ئۆزىنىڭ ئىشقا قاراش نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، روھىي ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
6. دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش
بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىماي، مېلاتونىن، ئۇيقۇ دورىسى قاتارلىقلارنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولمايلا قالماستىن، يەنە باشقا ئەكس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل بالدۇر ئويغىنىش مەسىلىسى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، ۋاقتىدا كەسپىي دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
نوپۇزلۇق ئىشەنچىلىك ساغلاملىق سالونى
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55