توك چىقىرىش، قۇم تىزگىنلەشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش
سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ۋە كەسىپلەر رايونىنى تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئىشچىلار ئالدىراش ئىشلىمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى سەيراڭ دۇڭجۇ فوتوسى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار سەيراڭ دۇڭجۇ، ئـابـلىكىـم، ۋاڭ خەنبىڭ) 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى 500 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ۋە كەسىپلەر رايونىنى تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئىشچىلار ماتېرىيال يۆتكەش، قوزۇق ئورنىتىش، فوتوۋولت تىرىكى ياساش، فوتوۋولت بىرىكمە دېتالىنى قۇراشتۇرۇش ۋە تۇراقلىق توك كابېلى ياتقۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتاتتى، تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسال چوڭ قۇرۇلۇش چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.