تاۋۇز شاپىقىنى يۇيۇپ ئۇنىڭ ئاق تەرىپىنى ئىسىقلىق چىققان ئورۇنغا سۈرۈپ 2 مىنۇت تۇرسا ئادەم راھەت ھېس قىلىدۇ، بۇنداق قىلىشنى كۈندە 3 قېتىم، ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە روشەن ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ، تاۋۇز شاپىقىنى مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىن سۈرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2. چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ- قۇرۇتۇلقان تاۋۇز شاپىقىغا ئازراق مۇز پارچىسى سېلىپ ئۇنى چىشنىڭ ئاغرىغان يېرىگە سۈرۈپ بەرسە ئاغرىق پەسىيىدۇ.
3. ئېفىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالايدۇ- قۇرۇتۇلغان تاۋۇز شاپىقىنى كۆيدۈرۈپ تالقان قىلغاندىن كېيىن ئېغىزغا ئېلىپ بىر ئاز تۇرۇپ ئېغىزنى چايقىۋەتسە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا مەنپەت قىلىدۇ،
ئۇنىڭدىن باشقا تاۋۇر شاپىقى بىلەن كۆك پۇرچاقنى قاينىتىپ شۇرپىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلسىمۇ ۋە ياكى تاۋۇز شاپىقىنى قۇرۇتۇپ چاي دەملەپ ئىچسىمۇ ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا پايدا قىلىدۇ.
4. ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ- تاۋۇز شاپىقىنى نېپىز ياپراق شەكىلدە توغراپ كۆيگەن تېرە ئۈستىگە قويۇپ 5 -10 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن تاۋۇز شاپىقىنى يەنە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بەرسە تېرە ئەسلىگە كېلىدۇ، ناۋادا تېرە بەك كۆيۈپ كەتكەن بولسا تاۋۇز شاپىقى ياپراقچىسىنى توڭلاتقۇدا بىر ئاز توڭلاتقاندىن كېيىن ئاندىن تېرىنىڭ ئۈستىگە قويسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
5. ئوت ۋە سۇدا كۈيۈشنى داۋالايدۇ- كۆيۈك بەك ئېغىر بولمىغان ئەھۋالدا تاۋۇز شاپىقىنى ياپراقچە قىلىپ توغراپ كۆيگەن يەرگە باسسا ئۈنۈمى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا تاۋۇز شاپىقىنى قۇرۇتۇپ تالقانلاپ ھەر 100 گرام تالقانغا 5 گرام مۇز پارچىسى قوشۇپ ئۇنىڭغا يەنە ئازراق قىچا مېيى ئارىلاشتۇرۇپ كۆيگەن ئورۇنغا چاپسا كۆيۈك يارىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ ھەم ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
6. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ- بالىلارنى سىرتقا ئوينىغىلى ئېلىپ چىققاندا تاۋۇزنى سىقىپ شەربەت قىلىپ ئېلىۋېلىپ بالىلار ئويناپ ئۇسسىغاندا ئىچكۈزسە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە بالا ئىسسىق ئۆتۈپ قىزىپ قالغاندا تاۋۇز شاپىقىنى بەدىنىگە سۈرۈپ بەرسە قىزتما چۈشىدۇ.
7. قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ- بەزىلەر تاۋۇز يېسەم قەۋزىيەت بولۇپ قالىمەن دەپ ئەنسىرەيدۇ، ئەمەلىيەتتە تاۋۇزنىڭ قەۋزىيەتكە پايدىسى بولىدۇ، چۈنكى تاۋۇز تەركىبىدە سۇ مىقدارى كۆپ بولغاچقا ئۇ سۈيدۈك ھەيدەش ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە .
8. يۆتەلنى داۋالايدۇ- قايتا - قايتا يۆتەلگەن، سېرىق بەلغەم يانغان، ئېغىزى قۇرۇپ، سۈيدۈكى قىزغۇچ كەلگەن، بەدىنى قىزىپ، نەپىسى سىقىلغان ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىگە تاۋۇزنى ئويۇپ بىر تۆشۈك ئېچىپ ئىچىگە 50 گرام ناۋات سالغاندىن كېيىن ئۇنى جۈمبۈلگە سېلىپ 2 سائەت ھورلاندۇرۇپ پىشۇرۇپ، سۈيىنى ئىچكۈزسە روشەن ئۈنۈم بېرىدۇ، دىققەت بۇنى دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا بېرىشكە بولمايدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ