قۇملۇقنى «يېشىل شارپا» بىلەن قاشالاش
2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ۋىلايىتىمىز تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى.
تەكلىماكان قۇملۇقـى جـۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 2ـ چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، گىرۋىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3046 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، «ئۈچ شىمال»قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى 2761 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلدى، لېكىن يەنە 285 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا «يوچۇق» بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئالتە ناھىيەگە چېتىلىدۇ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى. بۇنىڭ ئىچىدە، خوتەن ۋىلايىتىدە «گىرۋەكنى قاشالاش» بويىچە بوش قالغان رايون 220 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، «گىرۋەكنى قاشالاش» ۋەزىپىسىنىڭ %77.2ىنى ئىگىلەيدۇ. گۇما ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى «گىرۋەكنى قاشالاش» ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل رايونلار ھېسابلىنىدۇ.
دائىرىسى كەڭ بولۇش بىپايان قۇملۇقتا قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە ئىدى. قۇملۇق كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى قۇملۇق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن%76ىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قۇملۇق كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %49ىنى، بۇ، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە كۆلىمىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆچمە قۇم بارخانلىرىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 258 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇم بارخانلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى 300 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.
ۋىلايىتىمىزنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن 80 مىللىمېتىرغىچە بولۇپ، كىلىماتى قۇرغاق، ھۆل - يېغىن ئاز، بۇ يەردە ئورمان بىنا قىلىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.
ئادەمنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئـاغرىتىدىغىنى بۇ بىپايان قۇملۇقتا پەيدا بولغان قۇم - بوران. قۇم دانىچىلىرىنىڭ دىيامېتىرى كىچىك بولۇپ، كۈندۈزى كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا قۇم يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، غەربتىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ۋە شەرقىي شىمال تەرەپتىن كىرگەن ھاۋا ئاسانلا كونۋىكسىيەلىك ھاۋارايىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاسانلا قۇم - بوران ھاسىل قىلىدۇ، تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى.
سۇ بايلىقى شارائىتى بىرقەدەر ياخشى رايونلاردا قۇمنى بىيولوگىيەلىك تىزگىنلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؛ سۇ بايلىقى شارائىتى نىسبەتەن ئاجىز، بوستانلىقتىن يىراق رايونلاردا ئاساسلىقى فوتو ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؛ سۇ بايلىقى شارائىتىنى ھازىرلىمىغان، فوتوۋولت شارائىتىمۇ تەلەپكە يەتمىگەن جايلاردا ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.
«گىرۋەكنى قاشالاش» قۇرۇلۇشىدا كەڭ قوللىنىلىدىغىنى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بىيولوگىيەلىك قۇمنى تىزگىنلەش ئۇسۇلى.
قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇملۇققا ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ياساپ ياكى ئېگىز قۇم توسۇقى پەرپا قىلىپ، قۇم - بوراننىڭ يامرىشىنى توسۇشنى كۆرسىتىدۇ.
فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش تېخىمۇ زامانىۋىلىققا ئىگە. غايەت زور فوتوۋولت تاختىسى توك چىقىرىپلا قالماي، يەنە يەر يۈزىدىكى شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، شامالنىڭ يالىشىنى ئازايتىش، قۇم - تۇپراقنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. فوتوۋولت تاختىسى ئاستىدىكى يەرگە يەنە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈك ياكى زىرائەت تېرىپ، ئۇلارنىڭ يىلتىز سىستېمىسى ئارقىلىق قۇم ـ تۇپراقنى يەر يۈزىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، توك چىقىرىش، يېزا ئىگىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇش، قۇمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
سۈرەتتە: ياسىلىپ بولغان ئېگىز قۇم توسۇقىدىن بىر كۆرۈنۈش.
گۇما ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك يەر شەكلى، ھاۋا رايى، سۇ رايى، قۇملۇقنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان لايىھەسى تۈزۈپ، گىرۋەكنى قاشالاش بويىچە بوش قالغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئاساس، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ۋە فوتوۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشنى قوشۇمچە قىلدى؛ مۇتەخەسسىسلەرنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، تېخنىكا جەھەتتىن قوللىدى؛ سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، تۈر رايونىدا قاتناش قولايسىز، سۇ بايلىقى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
«گىرۋەكنى قاشالاش» قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 13 مىڭ 700 ماشىنا قېتىمنى ئىشقا سالدى، 21 مىڭ 800 ئادەم قېتىمنى قـاتناشتۇردى، «گىرۋەكنى قاشالاش»تىكى بوش قالغان بەلباغدا ئۇزۇنلۇقى 32.85 كىلومېتىر، كۆلىمى 15 مىڭ مو كېلىدىغان ئېگىز قۇم توسۇقى ياسىدى.
سۈرەتتە: كادىرلار ۋە ئامما كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلماقتا.
چىرا ناھىيەسى ئاساسلىقى قۇم - بوران ئېغىزى، قۇم - بوران مەنبەسى ۋە چاڭ - توزان كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردا بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم توسۇش، چاڭ - توزاننى تىزگىنلەشنى تۈزەش نىشانى قىلىپ، «نۇقتىدا ئالاھىدىلىك بولۇش، دائىرىدە سۈپەت بولۇش، لىنىيەدە مەنزىرە بولۇش»تەك قۇم تىزگىنلەش يېڭى تەلىپى بويىچە، «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش +» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئىلمىي تىزگىنلەش ئارقىلىق، 55 مىڭ مو يەرگە يۇلغۇن تىكىپ، 50 مىڭ مو يەردە توشقانزەدىكى ئۇلاپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 12 مىڭ توننىدىن ئاشۇردى؛ سۈنئىي ئۇسۇلدا قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىغا تاقابىل تۇرالايدىغان، يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، قۇم ـ بورانغا تاقابىل تۇرالايدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى تورى ۋە قۇملۇقتا گىرۋەكنى «قاشالاش» ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى توسۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«پەلەمپەيسىمان ئېتىز» ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە.
سۈرەتتە: قۇملۇققا قىزىلگۈل مايسىسى تىكىلمەكتە.
كېرىيە ناھىيەسى ۋىلايىتىمىزدىكى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش» ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل بولغان رايونلارنىڭ بىرى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قۇملاشقان يەر كۆلىمى 38 مىليون 759 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %66.2ىنى ئىگىلەيدۇ؛ ناھىيە بويىچە«گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش»تىكى بوش قالغان رايون 76 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ، پۈتكۈل تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى 285 كىلومېتىرلىق قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ %26.6ىنى ئىگىلەيدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، كېرىيە ناھىيەسى قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تىزگىنلىدى. بۇ يىل، كېرىيە ناھىيەسى يەنە «پەلەمپەيسىمان ئېتىز» شەكلىدە قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇم بارخانلىرىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا پەلەمپەيسىمان ئېتىزلارغا ئايرىپ، قۇم بارخانلىرىنىڭ يانتۇ قىسمىغا ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ياتقۇزۇش، تۈز يەردە يۇلغۇن قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن ئۆسۈملۈك ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش پايدا ئالىدىغان قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.
نىيە ناھىيەسىنىڭ كۆلىمى 57 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، نوپۇسى ئارانلا 40 نەچچە مىڭ. بۇ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك ناھىيەنىڭ «گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش» ۋەزىپىسى 46 كىلومېتىر بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قۇم تىزگىنلەش كۆلىمى 71 موغا يېتىدۇ، بۇ، يەتتە پۇتبول مەيدانىنىڭ كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ.
نىيە ناھىيەسى 2024 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە 2 مىليون 992 مىڭ 500 مو يەردە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، فوتوۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، قۇملۇق «گىرۋىكىنى قاشالاپ»، بوستانلىقلارنى تۇتاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش نىشانىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، نىيە ناھىيەسىدە قۇم - بورانلىق ھاۋارايى بارغانسېرى ئازىيىپ، قۇم - بوران بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
قۇملۇقتىكى زامانىۋى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ساۋمېي.
ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
مۇھىت گۈزەللەشكەچكە ئاققۇلار بۇ يەرگە كەلدى.