مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش

时事   2024-09-29 20:14   新疆  

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى)
شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، بىز داغدۇغىلىق ھالدا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتۇق. ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلارغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەرقايسى تەرەپتىكى زاتلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن! تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئىجادىي تېپىپ چىقتۇق. بۇ يولدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولى تامامەن توغرا. بۇ يولدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئومۇمىي مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بۇ يولدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتكە زۇلۇم سېلىش ۋە مىللەتنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئەتكە ھەقىقىي ئېرىشىشى، ئورتاق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ بۇ يولدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا ئىگىلىنىپ، بىرلىك بىلەن ئاپتونومىيەنى بىرلەشتۈرۈش، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، پارلاق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتۈپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تارىخىي مۇقەررەرلىك.

− ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تومۇرداش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى تارىخىي ئاساس. ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا زېمىنىدا ئورتاق كۆپىيىپ، چەمبەرچاس باغلانغان قانداشلىق، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، تومۇرداش بولغان، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، ئايرىلماس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى مىللەتلەر پەقەت ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىگە سىڭىشكەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

− ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن «جۇڭخۇا زېمىنىدا سىياسەت راۋان بولۇش، مەدەنىيەت بىر گەۋدە بولۇش»، «جاھاننىڭ بۈيۈك باراۋەرلىكى» ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، بۈيۈك بىرلىكنى «جاھاننىڭ مەڭگۈلۈك پىرىنسىپى، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئومۇمىي قائىدە» دەپ قارىدى. چىن سۇلالىسى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، مەيلى قايسى مىللەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ باشقۇرسۇن، ھەممىسى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلدى، ھەممىسى دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق ئېتىقادتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق قوغدىشى، مۇستەھكەملىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى شەرت.

− ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىشىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىك ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىدىكى مەدەنىيەت گېنى. ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ يۇغۇرۇلۇپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، رايون، يۇرت، قانداشلىق مۇناسىۋەت، دىنىي ئېتىقادتىن تەدرىجىي ھالقىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مۇجەسسەملەپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ياراتقان، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى پارلاق سەھىپىسىنى يارىتىشتا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش شەرت.

− ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي گەۋدە بەرپا قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، ھەرقايسى رايونلار بايلىق ئۈستۈنلۈكى جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، تايىنىش دەرىجىسى يۇقىرى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا تەڭشەپ پايدىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتەك ئىقتىسادىي ئالاقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مىللەتلەر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىشىپ، ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

− ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتە ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئۆتۈشى جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە. ئىناق بىللە ئۆتۈش، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىز مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ناھايىتى يېقىن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقى نۇرغۇن تارىخىي ئېسىل داستانلارنى قالدۇردى. بولۇپمۇ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىكنى قوغداش مۇساپىسىدە، ھەر مىللەت خەلق مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز مۇشەققەت ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتكە تولغان بۈيۈك تارىخىي داستانىنى پۈتتى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئۆتۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچلۈك رىشتە، ھەر مىللەت خەلق باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

قىسقىسى، 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەن، ئۇلۇغ مىللەتكە مەڭگۈ پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھېسسىيات رىشتى باغلانغان. بۇ بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت زېمىندا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ماكانى بار، ئۇ دەل جۇڭگو؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ دەل جۇڭگولۇق؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش!

يولداشلار، دوستلار!

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى. ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئىككىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش شەرت. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تارىخ، مەدەنىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپلا بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېزدىن سىڭىشىشىگە مەدەت بېرىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ زىچ باغلىنىشى، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر رايونلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى بايلىقنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چېگرا رايون ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ يۆتكىلىپ يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىش ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە رايونلارنى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تاپتى، باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزگە قول شىلتىپ بۇيرۇق بېرىشىنىڭ، «ئەقىلدار» بولۇۋېلىشىنىڭ كېرىكى يوق. مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزگە قارىتا سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بوھتان ۋە قارا چاپلايدىغان، چەكلەيدىغان، باسىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا قارىتىلغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىشىنى قوللاپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتۇق، يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ داۋاملىق يېڭى پارلاق نەتىجىلەرنى پۈتۈشىمىز كېرەك. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان

بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章