ئەتىۋارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋىلايىتىمىزگە ماكانلاشتى

时事   2024-12-06 22:09   新疆  

ئەتىۋارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋىلايىتىمىزگە ماكانلاشتى

سۈرەتتە: 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تېخنىك بېلىق بېقىش كۆلچىكىنىڭ سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى گۆھەرنىسا فوتوسى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىرلار گۆھەرنىسا، ئابدۇمىجىت)   12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىدىكى خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق كۆلچىكىدە، كۈمۈش ئوكۇن بېلىقى، قارا بېلىق، ئەڭلىك بېلىقلارنىڭ بېلىجانلىرى ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى. بىر ئۇچۇم بېلىق يېمىنىڭ كۆلگە چېچىلىشى بىلەن، بېلىجانلار پىلتىڭلاپ كېلىپ يەم يېيىشكە باشلىدى.

شىركـەتنىڭ بـاش دىرېكتورى فەن مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار يېقىندا 60 مىڭ كۈمۈش ئوكۇن بېلىقى، ئوكۇن بېلىقى، قارا بېلىق، خۇاڭخې ئامورسوم بېلىقى، ئەڭلىك بېلىقى، جىنلى بېلىقى قاتارلىقلارنىڭ بېلىجانلىرىدىن ئۈچ توننا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، كېلەر يىلى 4 - ئايدا بازارغا سېلىنىدىكەن، مەھسۇلات مىقدارى 280 توننىغا يېتىدىكەن.    

خوتەن ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە «كۆك مۆجىزە» ياراتتى.

2023 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چـەكلىك مـەسئۇلىيەت شىركىتى ھازىر 56 زامانىۋى باقمىچىلىق كۆلچىكى ياساپ، ئۆي ئىچى سۈنئىي باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك بېلىق تۈرلىرىنى تۇراقلىق تېمپېراتۇرا، تۇراقلىق نەملىك، تۇراقلىق ئوكسىگېن، مۇۋاپىق يوغىناش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان بېلىق تۈرلىرىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ سۇ سۈپىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ ئىلمىي بېقىش ئۇسۇلىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بىر يىلدىن بۇيان، شىركەت باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىنى توپلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، باقمىچىلىق زىـچلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۇ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇۋاپىق يەم ـ خەشەك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئالاھىدە يېتىشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغان؛ ئىلغار سۇ سۈپىتىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ۋە سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، سۇ تازىلاش ۋە سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىپ، سۇ سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنى قەرەللىك تەكشۈرگەن ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىپ، باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى توپلىغان؛ باقمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئوزون ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇردا مىكروب ئۆلتۈرۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىپ، باقمىچىلىق تۈرلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

فـەن مىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز يـەنە ئاۋسـترالىيە كۈمۈش ئوكۇن بېلىقى، رەڭلىك قىزىل كاراس بېلىقى، سېلد بېلىقى، لوشى سازلىق راكى قاتارلىق تاتلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈپ، ۋە ئۇلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇم تىزگىنلەپ، مۇھىتنى ياخشىلىغاندىلا، ئاز ئۇچرايدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرى خوتەنگە ماكانلىشالايدۇ».

ھازىر يېڭىئېرىق يېزىسىدا قىسقۇچپاقا، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋان راكى، ئوكۇن بېلىقى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كۆپ مەنبەلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندى. بۇ ئەتىۋارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى خوتەنگە ماكانلىشىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى ئاممىغا ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章