جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئىشقا

时事   2024-09-29 20:14   新疆  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساس، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىشنى تۇتقا، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، كۆلەملىك ئىشسىزلىق خەۋپ - خەتىرى يۈز بەرمەسلىكنى تۆۋەن چەك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمىتى مۇقىم، كىرىمى مۇۋاپىق، كاپالىتى ئىشەنچلىك، كەسپى بىخەتەر بولۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تىرىشىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تولۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى ئادىل، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى ئەلا، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ماسلىشىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىناق بولغان ۋەزىيەتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، سىستېمىلىق توپلاشقان، ماس ھەمتۈرتكە بولىدىغان، رەقەم كۈچ قوشىدىغان، باشقۇرۇشى ئىلمىي، قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئىشسىزلىق سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپى كۆلىمىنى پۇختا كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ھەممە كىشىنى ئىجتىھات بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
«پىكىر»دە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە 24 تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان

بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章