خوتەندە «يېشىل سېپىل» بەرپا قىلىش
سۈرەتتە: تاراتقۇلار ئۆمىكى شېڭشى خۇاچياڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بەيشياڭگۇ ئۆستۈرۈش پارنىكىدا زىيارەت قىلماقتا. ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرى لو يىڭ فوتوسى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لو يىڭ) مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى تاراتقۇلاردىن تەشكىللەنگەن تاراتقۇلار ئۆمىكى 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يۇلغۇن تىكىپ توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق بازىسى، شورلۇق يەردە سۇ مەھسۇلاتلىرى بېقىش بازىسىغا بېرىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇمنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.