ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەشۋىقات

时事   2024-12-06 22:09   新疆  

ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي خۇڭتاۋ) ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق قارىشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 12 - ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ «12.4» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پائالىيەت جەريانىدا، خەلق ساقچىلىرى چۈەنيى زەپەر مەھەللىسىگە تەشۋىقات تاختىسى قويۇپ، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاممىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىـي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېلېگراف تورى ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىقلارغا ئائىت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىن 500 پارچىدىن ئارتۇق تارقاتتى، ئاممىغا دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بىلىملىرىنى پائال چۈشەندۈرۈپ، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە بىر ـ بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئۈنۈملۈك تەكلىپ بەردى، ئاممىنى قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كارخانا، مەھەللە، مەكتەپ، يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدىكەن.

(تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلباھار مەتتۇرسۇن)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章