شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ

时事   2024-12-05 18:50   新疆  


شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.    □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ،  12 - ئاينىڭ  3 - كۈنى  تېلېگراممىسى   (مۇخبىر ما جويەن)   12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر كامبودژانى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ كەلدى، كامبودژا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭى دەۋر جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىرىنچىدىن، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەۋرەنمەس دوستلۇقنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كامبودژا خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن يېڭى نۇسخىدىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن كامبودژانىڭ «بەش بۇرجەكلىك ئىستراتېگىيە»سىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، يەرشارىۋى خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇشى ۋە تاللىشىنى سىنىماقتا. جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، تەرەققىيات كۈچى، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى كۈچلەرنى زورايتىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللاپ، مەركەزلىك ئورنىنى قوغدايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنى شۇ رايونغا ئېلىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ۋە ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىسىدىن قايتماسلىق غەيرىتىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
خۇڭسېن مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا - جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئورتاق تىكلىگەن، تارىخ ۋە ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو كامبودژانىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى. جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم سىياسىي ئورتاق تونۇشى، بۇ، كامبودژا رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئەۋلادلار ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش يۈزبەرسىمۇ ھېچقانداق ئۆزگەرمەيدۇ. كامبودژا تەرەپ داۋاملىق تۈردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلار، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى سۆھبەتكە قاتناشتى.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章