تازىلاش سۇيۇقلىقىنى بازاردىن ئىلىۋەمەي ئۆيدىلا ياساڭ،بەك ئاددىي

文摘   2024-11-10 11:00   新疆  

بازاردىكى تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، گەرچە تازىلاش ئىقتىدارى ياخشى بولسىمۇ لېكىن يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزى ئۆيدىلا تازىلاش سۇيۇقلىقلىرى ياسىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۆزىمىز ياسىۋالغان سۇيۇقلۇق تەبئىي، قولغا زىيىنى يوق، تازىلاش ئۈنۈمىمۇ ئەلۋەتتە ياخشى. تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمدىن سىزمۇ ياساش ئۇسۇلىنى كۆرۈۋېلىڭ.


01

تازىلىق ئۆيىنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى

ماتىرياللىرى: 60 مىللىلېتىر لىمون سۈيى،2 قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ ، بىر قوشۇق ھېدروگىن پروكسىد.

ئادەتتە تازىلىق ئۆيى نەم ھەم كۈن چۈشمەيدۇ، ناھايتى ئاسانلا مىكروپلار يىغىلىۋالىدۇ، بازاردا سېتىلىدىغان تازىلاش بۇيۇملىرىنىڭ پۇرىقى بەك كۈچلۈك، بەزىدە بۇ پۇراقتىن تىنىق ئېلىشمۇ تەسلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىمىز.

تەبئىي ھەم ياخشى تازىلىق ئۆيى تازىلاش سۇيۇقلىقىنى ياساش ناھايتى ئاددىي، 60مىللىلېتىر لىمون سۈيى،160گىرام شىياۋ سۇدا، 2قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ ۋە بىر قوشۇق ھېدروگىن پروكسىدنى تۆكۈپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز. پۈركۈش قۇتىسىغا قۇيۇپ تازىلىق ئۆيىدىكى تازىلىماقچى بولغان ئورۇنلارغا چاچساقلا پاكىز تازىلىنىپ قالماي يەنە لىمون پۇرىقى چىقىپ كىشىگە ئازادە تەسىر بېرىدۇ.

مەيلى نەملىكتىن قارىداپ كەتكەن ئورۇنلار ياكى ساغىرىپ كەتكەن ماتوڭ بولسۇن بۇنى پۈركىسىڭىزلا ناھايتى تېز تازىلاپ چىقارغىلى بولىدۇ، ئادەتتە چوقۇم تازىلىق ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

02

ئاشخانا ئۆينى تازىلاش سۇيۇقلۇقى

ماتىرياللىرى: 10 تېمىم لىمون مېيى، يېرىم ئىستاكان ئاق ئاچچىقسۇ، يېرىم ئىستاكان ئىسپىرىت، بىر ئىستاكان قوناق ئۇنى، 2قوشۇق شىياۋ سۇدا.

ئاشخانا ئۆيدىكى ئوچاق تازىلاش ئەڭ قىيىن بولغان ئورۇن، داۋاملىق ماي قاپلاپ تۇرغاچقا سۈرتۈپ چىقىرىش ئىنتايىن تەس، ھەر قېتىم تازىلىغاندا نۇرغۇن ۋاقىت ئالىدۇ.

يېرىم ئىستاكان ئاق ئاچچىقسۇ ۋە يېرىم ئىستاكان ئىسپىرىتقا  بىر ئىستاكان قوناق ئۇنى، 2 قوشۇق شىياۋ سۇدا، 10 تېمىم لىمون مېيىنى قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قۇتىغا قاچىلايمىز.  ئوچاقنى تازىلىغاندا تەييار قىلۋالغان تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئوچاقنىڭ ئۈستىگە پۈچكۈپ 10 مىنۇت تۇغۇزغاندىن كىيىن لاتا بىلەن سۈرتىمىز، ماي داغلىرى ناھايتى تېزلا پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

03

كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى

ماتىرياللىرى: بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ، بىر قوشۇق ھېدروگىن پروكسىد، بىر قوشۇق زەيتۇن مېيى، ئىككى قوشۇق شىياۋ سۇدا.

گەرچە ئۆزىمىز ياسىۋالغان كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ كىر چىقىرىش ئۈنۈمى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ لېكىن تەبئىي ھەم بىخەتەر، باشقا سوپۇنلارغا ئوخشاش قولغا زەخمە قىلمايدۇ. بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇغا بىر قوشۇق ھېدروگىن پروكسىد، بىر قوشۇق زەيتۇن مېيى ۋە 2 قوشۇق شىياۋ سۇدانى قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز، ئاندىن قۇتىغا تۆكۈپ قويىمىز.

ئادەتتە داۋاملىق ئالماشتۇرۇپ كىيىدىغان ئانچە كىر بولۇپ كەتمىگەن كىيىملەرنى بۇ سۇپۇن بىلەن يۇسىڭىز پاكىز چىقىرىدۇ.

يۇقاردىكىلەر بىر نەچچە خىل تازىلاش سۇيۇقلۇقلىرىنى ياساش ئۇسۇلى، كۆپ ماتىريال كەتمەيدۇ تەبئىي، ھەم پۇلىڭىزنى تىجىيەلەيسىز. ئەگەر سىزمۇ ئۆزىڭىز ياسىۋىلىشنى ياخشى كۆرسىڭىز چوقۇم قىلىپ سىناپ بېقىڭ.


بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章