تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىتتىپاقلىق يېڭى مەنزىرىسى ئورتاق

时事   2024-12-02 20:07   新疆  

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىتتىپاقلىق يېڭى مەنزىرىسى ئورتاق سىزىپ چىقىلدى

ئېنېرگىيە تومۇرى شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا تۇتاشتۇرۇپ، ھەممە ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى؛ بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇردى؛ قۇملۇق، چۆل - جەزىرە مۇنبەت ئېتىزغا ئايلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبلەردە يىلتىز تارتىپ، بەخت ناخشىسى تەرەپ - تەرەپكە تارالدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى ئايلانسىڭىز، ھەممىلا جايدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرىسىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلىشىشى، ئاساسىي لىنىيەگە كۈچىشىگە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ قەدىمىي ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان تۇپراق يېپيېڭى ھالەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

كەسىپ كۈچەيتىلدى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئۇلى پۇختىلاندى

شىنجاڭ «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق بولۇش»تەك يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، «تاغلاردا ئالتۇن، مىس، تۆمۈر بار، ئويمانلىقلاردا كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز بار».

2023 - يىلى، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىش ئېكۋىۋالېنتى 66 مىليون 60 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 46 مىليون توننا بولۇپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى؛ «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» بويىچە توشۇلغان كۆمۈر 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە يەتكۈزۈلگەن توك 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ئونمىڭلىغان ئائىلىنى يورۇتۇپ، ھەممە ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، شىنجاڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، دۆلەت چوڭ تىپتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر بازىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

− ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق ئون نەچچە ئۆلكىگە يەتكۈزدى. شىنجاڭ «كۆمۈر»نى ئاساس قىلىپ، كۆمۈردىن ماي - گاز ئالىدىغان، كۆمۈردىن ئولېفىن ئالىدىغان، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى تېز بەرپا قىلىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.

− مەنزىرىسى گۈزەل سايرام كۆلىدە، قارلىق تاغ، ئورمان، ئوتلاق، كۆل كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن پاراشوت بىلەن سەكرەش، تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش، ساياھەت فوتو سۈرەتچىلىكى، ئات مىنىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلەر سانىدا بىر قەدەر تېز ئېشىش كۆرۈلدى. شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ بۇ يىل 300 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىڭ بېيتۇن شەھىرىدە، بۇ جاي شىمالىي كەڭلىك 47 گىرادۇستىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈش «ئالتۇن بەلبېغى»گە تايىنىپ، گازىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى 32 دۆلەت ۋە رايونغا سېتىپ، دانە - دانە بېيتۇن گازىرىنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۈتۈن دۇنياغا تاراتتى.

...

ھازىر، شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپى، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپى، ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ توپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پەينى چىڭىتىپ، ئۇستىخاننى ساغلاملاشتۇرماقتا.

سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ سىستېمىسى شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ قىممەتكە ئىگە بولدى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تايانچ شەھىرى بولغان قەشقەر «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈچ چوڭ بۆلەك رايوننىڭ بىرى بولغان قەشقەر تەرەققىيات «ئالتۇن مەزگىل»ىنى كۈتۈۋالدى.

شىنجاڭ لۇڭيۈەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈك مەيدانىدا، تاجىكىستانلىق شوپۇر مىرزاف دەۋلەتيول تۈرلۈك ماللارنى قاچىلاپ دۈشەنبىگە قاراپ يولغا چىقتى، بۇنداق سەپەرگە ئۇ بىرئايدا ئىككى قېتىم چىقىدۇ، «جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىزنىڭ ئۇ يەردە ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى».

«شىركىتىمىزدە تىرانسپورت شوپۇرلىرى يېتىشمىگەچكە، يەنە دۆلەت ھالقىغان شوپۇردىن 42سى بىلەن توختاملاشتۇق.» لۇڭيۈەن شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزدە ھەر كۈنى ئالتە، يەتتە ئاپتوموبىل لىق مال قاچىلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدۇ.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن شۆبە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: «مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خەلقئارا بازارغا بىرلەشتۈرۈپ، بىز ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش - پىششىقلاش ۋە خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتىنى ئاساس قىلغان كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق». بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ 3 - شى رايون بۆلىكىدە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 221 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %166 ئېشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 8 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇشتەك نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ %40.5ىنى ئىگىلىگەن. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى ۋە ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىلىق رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەرنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلماقتا.

مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلدى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېشىل ئارزۇسى قوغدالدى

دۆلەت يولى 217 - لىنىيەسىنى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىنى ياقىلاپ ماڭغاندا، قاتار - قاتار كەتكەن ئىھاتە ئورمىنى ئىككى تەرەپتە قەد كۆتۈرۈپ، قۇم - بوراننى توسۇپ تۇرىدۇ.

«بۇ بۈك - باراقسان ئورمانلىقنى مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا تىكىشكە قاتناشقان» بىڭتۇەن 1 - شى 11 - تۇەنىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى شيا ۋەنلىننىڭ تەلەپپۇزىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.

بىر ئاپتوموبىل، بىر گۈرجەك، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ئېكولوگىيە ئورمىنىنى شيا ۋەنلىننىڭ خىزمەتتىكى بارلىقى دېيىشكە بولىدۇ، «مېنىڭ ئىسمىمدا <ۋەنلىن> دېگەن سۆز بار، لېكىن مەن ئۆزۈم پەرۋىش قىلىۋاتقان ئېكولوگىيە ئورمىنىنىڭ بۇ 10 مىڭ مو ئورمان بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 40 نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ تەخمىنەن 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان گىرۋىكىنى «قۇلۇپلىدى» − يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى «تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشتى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇملاشقان يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، زىيىنى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، قۇملاشقان يەر كۆلىمى 746 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشكە 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان سۈپىتىدە تۈرتكە بولۇپ كەلدى. 1978 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىي 70 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە كۆچەت تىكىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى.

− شايار ناھىيەسى «يورۇقلۇق ۋولت + ئېكولوگىيەنى تۈزەش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئاستىدا ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرى بەرپا قىلىپ، يورۇقلۇق ۋولت رايونى ئەتراپىدا 1000 مودىن ئارتۇق يەردە سۆكسۆك ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

− بىڭتۇەن 3 - شىنىڭ 54 - تۇەنى قۇم - بوران بىلەن ھايات - ماماتلىق ئېلىشىپ، خاس تېرىقچىلىق ئارقىلىق قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە يەتتە كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ، مەملىكەت بويىچە يەككە گەۋدىلىك كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مايلىق پۇرچاق ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ چىقتى.

− قورغاس ناھىيەسىنىڭ يۈەنباۋشەن كەنتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ئىگىلىكى - ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ھەم مەنشىن ۋاڭيوۋگۇ مەنزىرە رايونى تۈرى «جۇڭگو ئۈستىقۇددۇس ماكانى»دىن ئىبارەت بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىپ، «دۇنيا دەرىجىلىك 10 مىڭ مولۇق ئۈستىقۇددۇس تاغ جىلغىسى»غا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئۈستىقۇددۇس ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

...

كۆكيار قاتارلىق ئىلگىرىكى گىياھ ئۈنمەيدىغان يەرلەر مۇنبەت ئېتىز، مېۋىلىك باغقا ئايلاندى. تۇمشۇق، كۇنيۈ قاتارلىق شەھەرلەر قۇملۇقتا بىر - بىرلەپ قەد كۆتۈردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 1978 - يىلىدىكى %1.03تىن ھازىرقى %5.06كە ئۆسكەن. ئۆتكەن 30 يىلدا، شىنجاڭنىڭ سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ھازىرقى 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كۆپىيىپ، %53.85 ئاشقان. 2022 - يىلى، شىنجاڭنىڭ چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىدە تۇنجى قېتىم «قوش ئازىيىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

تۇدۇڭخابا دەرياسى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، بىڭتۇەن 12 - شىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاممىنىڭ ئاغزىدىكى «باشنى ئاغرىتىدىغان دەريا» ئىدى.

«2021 - يىلىدىن بۇرۇن، دەريا يولىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلار توپلاشقان بولۇپ، شېغىل مەيدانلىرى دەريا شېغىلىنى خالىغانچە قېزىپ، مۇھىتقا نىسبەتەن ئېغىر بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغانىدى.» بىڭتۇەن 12 - شى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما جىڭ مۇنداق دېدى: تۇدۇڭخابا دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش تەخىرسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى - ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، ئۈچ جاي ماسلىشىپ ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قانات يايدۇردى.

قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، تۇدۇڭخابا جىلغىسى ئورمان باغچىسىغا 3 مىليون تۈپكە يېقىن كۆچەت ۋە ھەر خىل گۈل - گىياھ تىكىلىپ، 7.8 كىلومېتىرلىق باغچە سۇ سىستېمىسى، 10.2 گېكتار كېلىدىغان سۈنئىي كۆل بەرپا قىلىندى. بۈگۈنكى كۈندە، «باشنى ئاغرىتىدىغان دەريا» ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئېكولوگىيە دەرياسى، كەسىپ دەرياسى، بەخت دەرياسىغا ئايلاندى.

ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇندى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش قانات يايدۇرۇلدى... تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ تىرىشىپ بەرپا قىلىندى.

خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كۈچ قوشۇلدى

«ئايشەمگۈل» ئۇيغۇر تىلىدا ئاي گۈلى دېگەن مەنىدە. بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ بايار بۇلاق كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ھەمىشە كەنت دوختۇرى ئەن يۇڭشيانى مۇشۇنداق چاقىرىشقا ئامراق. ئۇ 28 يىل ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئەن يۇڭشيادىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش سېپىدە يەنە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» ۋۇ دېڭيۈن، «ئەڭ گۈزەل يېزا - كەنت دوختۇرى» جۇماتاي ئاۋبەكىر قاتارلىق بىر تۈركۈم نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەربىر كەنتنىڭ ھەممىسىدە ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۆيى بار، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى يىراقتىن داۋالاش ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ، «كىچىك كېسەللەرنى كەنتتىن چىقمايلا داۋالىتىش، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى يېزا - بازاردىن چىقمايلا داۋالىتىش، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقمايلا داۋالىتىش» ئىشقا ئاشتى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدىكى «شۇلې» زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، «شەرقنىڭ مېۋىسىنى غەربتە ئۆستۈرۈش» شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كاللىسىنى بېيىتتى، ھەميېنىنى تومپايتتى.

«شەندۇڭلۇق تېخنىكقا ئەگىشىپ بىر يىلدىن ئارتۇق ئۆگەندىم، بۇ تاۋۇز سورتىنى تېرىشتىكى مۇھىم نۇقتىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالدىم.» تېخنىك بۇخەلچەم سىدىق مۇنداق دېدى: «تېخنىكام ئۆسكەچكە، مائاشىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى، ھازىر بىر ئايدا 4500 يۈەن ئالىمەن.»

يېڭىشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى لۇ ئەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: چوڭ تىپتىكى باشلامچى كارخانىغا تايىنىپ ئاممىنىڭ شۇ جايدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنت كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. ھازىر، «شۇلې» زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شۇئار كوچىسى مەھەللىسىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان كېڭىشىش داڭلىق ماركىسى «ئەتكەنچاي كېڭىشىش يىغىنى»دا مىكرو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى.

«قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، كېلىپ ئەتكەنچاي ئىچىپ، پاراڭلىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش، ئىشلارنى كېڭىشىش، ئىشلارنى رەتلەش، ئىشلارنى ئاشكارىلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىمىز.» ئالتە شۇئار كوچىسى مەھەللىسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى، ئالتە شۇئار كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دىدار قۇناي مۇنداق بىلدۈردى: «<ئەتكەنچاي كېڭىشىش يىغىنى> ئاساسلىقى ھەر مىللەت ئامما تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ھەم ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»

«ئەتكەنچاي كېڭىشىش يىغىنى»دا ئاھالىلەر تۇرۇبا سۈيىنىڭ سۇ بېسىمى تۆۋەنلىكىنى ئىنكاس قىلغاندا، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خۇا جياكۇي دەرھال زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى بايقاپ، تەكلىپ يازدى؛ ئاھالىلەر ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغاندا، خۇا جياكۇي تەكلىپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئىككىنى تېز ياساپ بەردى.

قەشقەر شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ مەھەللىسىدىكى كىچىك مەيداندا، ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ مەيدان ئۇسسۇلى ئويناپ، شاد - خۇرام ئۆتىدۇ.

«بىزنىڭ مەھەللىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ» دۇڭخۇ مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋجېن مۇنداق بىلدۈردى: «مەھەللىمىزدە دائىم ياشانغانلار ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ، مەسىلەن، ئۇسسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش، خەتتاتلىق مەشىقى دېگەندەك، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغىنى ياشانغانلار قارتا - شاھماتخانىسى بولۇپ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ».

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى: شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 2 مىليون 700 مىڭ يۈرۈشكە يېقىن يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، 11 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. 2023 - يىلى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سالغان مەبلەغ 17 مىليارد يۈەن بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇلدى ...

شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى.

قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش كۈچەيتىلدى

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىندى

«قىپقىزىل قۇياش كۆتۈرۈلدى شەرقتىن، قۇشلار سايراپ، گۈللەر چاچتى خۇش پۇراق، سەھەردىكى قۇياش نۇرى چېچىلىپ كىردى دېرىزىدىن...» ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان بالىلار ئوخشاش بىر قۇياش نۇرى ئاستىدا «قىپقىزىل قۇياش» ناملىق خورنى ئېيتتى.

بىڭتۇەن 1 - شى ئارال ئوتتۇرا مەكتىپىدە خەتتاتلىق، قەغەز قىيما، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق كۇرۇژۇك پائالىيەتلىرى ناھايىتى مول.

«مول مەزمۇنلۇق رەڭدار پائالىيەت ۋە دەرىسلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى ئارال ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ شياۋلۇڭ.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى، ئومۇملاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىش پائالىيىتى، «ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە مىللەتلەر رايونىدىكى قەھرىمان - نەمۇنىچىلار شىنجاڭ سەپىرى» باش تېمىلىق تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2023 - يىلى شىنجاڭ 2653 مەكتەپ، 3 مىليون 998 مىڭ ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىنى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن قوشماقلىشىش، دوست بولۇشقا تەشكىللىگەن.

كۆپ مىللەتلىك مەھەللە ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇنبەت تۇپراق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كۆپ مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە بەرپا قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى».

قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ مەھەللىسى قەرەللىك ھالدا ھەقسىز چاچ ياساش، خالىس كېسەل كۆرۈش، يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، قوشنىلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى؛ بىڭتۇەن 12 - شى شىسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەنكاڭ مەھەللىسىدە «يۈز ئائىلە زىياپىتى» «ساڭزىلارنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەت چوڭقۇرلاشتى» قاتارلىق چوڭ - كىچىك پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەي، كىچىك ئائىلىلەر يۇغۇرۇلۇپ ئىناق چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى ...

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان رايون، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئورۇندىن 101ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى بەرپا قىلىندى. ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئاچتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

ئەڭ مۇھىمى شۇكى، مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

− «مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى» تەييارلاندى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇدا كۆپ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىل يەنە تۇنجى قېتىم جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى، شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

− ھەمتۈرتكە سۇپىسى بەرپا قىلىندى. 111 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 118 مەدەنىيەت سارىيى، 1130 يېزا - بازار (كوچا) مەدەنىيەت پونكىتى، 598 «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» ئۈلگە نۇقتىسى قۇرۇلدى، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى» «كەنتلەر ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، ئامما باش پېرسوناژ بولۇپ، سەھنىگە چىقىپ رول ئالدى.

− تارىخنى سۆزلەتتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلەتتى. پۈتۈن شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇزېي(خاتىرە سارىيى)دىن 150ى، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 11ى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدىن 92سى بار، 2023 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار جەمئىي كۈتۈۋالغان كۆرۈرمەن 10 مىليون 830 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

...

يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

(سۇڭ لىيۈن، ياڭ يى، خەن لىچۇن، تاڭ شياۋيۇڭ، خۇ رېنبا، شياۋ سۇڭسۇڭ، ياڭ رۇي، لۈ سىجيا، خۇاڭفۇ ۋەنلى، لى شىنياڭ)

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章