لوپ ناھىيەسىدىكى 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق توك

时事   2024-12-04 18:39   新疆  

لوپ ناھىيەسىدىكى 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىدە يىل ئاخىرىغىچە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلىدۇ

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار دىليار، گۈلبىيە) 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، لوپ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، خۇارۈن يېڭى ئېنېرگىيەسى خوتەن 400 مىڭ كىلوۋاتلىق فوتوۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ئىشچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، 4 - پەسىللىك تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىشلەۋاتاتتى.

بۇ تۈردە قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈر جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يانداش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن، ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئىكەن. بۇ تۈردە تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيەدە زاپاس ساقلاش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، سەككىز PCS بۆلۈمچىسى ھەم 16 باتارېيە بۆلۈمچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، 91 فوتوۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش ئەسلىھەسى، 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتىدىن بىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ يېڭىدىن قۇرۇلىدىكەن. ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىنىڭ سىغىمچانلىقى 40 مىڭ كىلوۋات، باتارېيە سىغىمچانلىقى ئىككى سائەت بويىچە سەپلەنگەن بولۇپ، جەمئىي 80 مىڭ كىلوۋات سائەت بولىدىكەن. بۇ تۈردە بۇ يىل 3 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە فوتوۋولت تاختىلىرىنىڭ ھەممىسى قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇنغان، بۇ يىل 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

بۇ تۈردە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ، لوپ ناھىيەسىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لوپ ناھىيەسى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەمدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئارزۇگۈل ئەنۋەر)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章