ئىلگىرىكى «كەپتەر كوچىسى» بۈگۈنكى كۈندە «ۋاڭخۇڭ كوچا»غا ئايلاندى

时事   2024-09-29 20:14   新疆  

ئىلگىرىكى «كەپتەر كوچىسى» بۈگۈنكى كۈندە «ۋاڭخۇڭ كوچا»غا ئايلاندى

ــــ خوتەن تۇەنچېڭدىكى گۈزەل ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۇڭ

سۈرەتتە: 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى خوتەن چوڭ بازىرى ۋە «كەپتەر كوچىسى» (ماتېرىيال سۈرەت).

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، خوتەن تۇەنچېڭدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى.  ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى.
خوتەن تۇەنچېڭنىڭ چوڭ -كىچىك كوچىلىرىنى سەيلە قىلغىنىڭىزدا، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ساياھەتچىلەرنى، ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈشۈپ خۇشال ئويناۋاتقان بالىلارنى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاۋات مەنزىرىنى كۆرىسىز. كوچا دوقمۇشىدا بىر توپ كەپتەرلەر يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈپ، ساياھەتچىلەر بەرگەن يەمنى تالىشىپ يەيدۇ. كەچقۇرۇنلىرى، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىمارەتلەر چىراغ نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. نەقىشلىك خىش تاملار، ياغاچتىن ياسالغان نەقىشلىك ئىشىك - دېرىزىلەر كۈن نۇرىدا باشقىچىلا تۈسكە كىرىپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

خوتەن تۇەنچېڭغا كەلگىنىڭىزدە، بۇ يەردىكى ھەربىر ئىمارەتكە خۇشاللىق يوشۇرۇنغانلىقىنى، بۇ يەردىكى ھەر بىركىشىنىڭ ئوخشىمايدىغان ھېكايىسىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز.

«كونا شەھەر رايونى»دا «يېڭى ھاياتىي كۈچ»ئۇرغىدى، تۇەنچېڭنىڭ كونا ئەسلىمىلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى

ئاھالە ئامىنە جېلىل مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن تارتىپ كونا شەھەر رايونىدا ياشاپ كەلگەن، ئۇ چاغلاردا شارائىت ناچار، ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى لاي تام بىلەن قوپۇرۇلغانىدى، ھەر قېتىم بوران چىقىپ، يامغۇر ياغسا، سۇ، توك توختاپ قالاتتى، يول يۈزى لاي بولۇپ كېتەتتى، ئۇ چاغدا مەن باشقىلارنىڭ مېنى كونا شەھەرلىك دېيىشىنى ياقتۇرمايتتىم. ئىلگىرىكى كونا شەھەر رايونىدا ‹ھاۋا ئۇچۇق كۈنلەردە ئۈستى بېشىمىز توپا - چاڭ، يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئايىغىمىز لاي - پاتقاق› ھالەتنى ھەر ۋاقىت كۆرگىلى بولاتتى.»

ئامىنە بۇ يەردە 50 يىلغا يېقىن تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا بۇ جاي گۈزەل ئەمەس ئىدى.

ئىلگىرى، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاساسلىقى كەپتەر سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلانغاچقا، بۇ كوچا «كەپتەر كوچىسى»دەپ ئاتالغانىدى. «ھەممىلا يەردە ئەخلەتلەر ئۇچۇپ يۈرەتتى، پاسكىنا سۇلار يوللارنى بىر ئالاتتى.» مانا بۇ، خوتەن تۇەنچېڭنىڭ ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرىكى ھەقىقىي كارتىنىسى.

ئىلگىرى، تۇەنچېڭدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپ قىسمى ۋەدىك، خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر بولۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ، توك، گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى ئارقىدا قالغان، مۇھىت تازىلىقى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، رايون ئىچىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە، شەھەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

ئاھالە سۈبھى مۇنداق دېدى: «باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ‹كەپتەر كوچىسى›دا تۇرىدىغانلىقىم تىلغا ئېلىنسىلا، ساۋاقداشلىرىم دائىم مېنى مەسخىرە قىلاتتى، ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا توختىماي يىغلايتتىم.»

پاكىز، چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرۇش سۈبھىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، سۈبھىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. خوتەن تۇەنچېڭمۇ پۈتۈن خوتەنلىكلەر پەخىرلىنىدىغان يەر نامىغا ئايلاندى. ھازىرقى تۇەنچېڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى، بۇ يەر پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەر خوتەنگە كەلگەندە چوقۇم داكا قىلىدىغان ساياھەت رايونىغا ئايلاندى، كىشىلەر كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ ئۆيلىرىدىن چىقىپ سەيلە قىلىپ، ئارام ئېلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ يەردە كۆپچىلىك ئىككى - ئۈچتىن بولۇشۇپ ئىشىك ئالدىدىكى دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭلىشىپ، خۇشخۇي كۈلكە سادالىرى ئىچىدە گۈزەل ئەتىگە تەلپۈنىدۇ.

تاملىرى دەز كەتكەن كېسەك ئۆيدىن نەپىس بېزەلگەن ئىككى قەۋەتلىك كىچىك داچىغىچە، ھازىر ئامىنە ئائىلىسى تۇەنچېڭدىكى ۋاڭخۇڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىغا ئايلاندى. ئامىنە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا، تۇرمۇش مۇھىتىمىز بارغانسېرى ئازادىلەشتى، بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئائىلىۋى مېھمانخانىمىزنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەتچىلەرمۇ ناھايىتى رازى، مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىمىمىز بار بولدى، بۇ ياخشى تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە بەرگەن.»

«كەپتەر كوچىسى»دىن «ۋاڭخۇڭ كوچا»غىچە، خوتەن تۇەنچېڭدىكى گۈزەل ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

خوتەن تۇەنچېڭ خوتەن شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىن شەھەر مەركىزىدىن سىرتقا قاراپ چېچىلغان ھالەتتە، كوچىلار ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغاچقا، شۇ جايدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «تۇەنچېڭ» دەپ ئاتالغان، بۇ «ئىتتىپاق شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلگىرى بۇ جاي كەپىلىك رايون بولۇپ، «كەپتەر كوچىسى»دەپ ئاتىلاتتى، گۈل - گىياھ، قۇش، بېلىق، ئەرمەك ھايۋانلار سودىسى قىلىنىدىغان بازار ئىدى، ئـۆي - ئىمـارەتلەر كونىراپ كەتكەنىدى.

2016 - يىلى، بۇ يەردە ئۆزگىرىش بولدى. بۇ بىر يىلدا، خوتەن شەھىرى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شەھەر مەركىزىدىكى تۇەنچېڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىي 1 مىليارد 796 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ شەھىرى ياردەم بېرىپ سالغان مەبلەغ 152 مىليون يۈەن بولۇپ، «بىر كوچىغا بىر پىلان» ۋە «بىر ئائىلىگە بىر ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش» قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، ھەربىر ئائىلىگە 82 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلدى، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى جەمئىي 3000 ئائىلىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 420 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەم ئۆزگەرتىلدى.

ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تۇرالغۇ مۇھىتى تېخىمۇ ئازادىلەشتى، تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، بەزى ئاھالىلەر ئۆز ھويلىسىدا ئائىلىۋى مېھمانخانا بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

ئاھالە مەرەم جېلىل ئۆيىنىڭ بېزىلىش ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قاراڭ، بىزنىڭ بۇ ئۆينى مەھەللە خىزمەتچىلىرى لايىھەلىگۈچى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، ‹بىر ئائىلىدە بىر لايىھە بولۇش› تەلىپى بويىچە مەخسۇس لايىھەلىگەن، ناھايىتى ئۆزگىچە، كىشىگە ئىللىق، رومانتىك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ كارىۋات، ئۈستەلەرنىڭ ھەممىسى ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان، كۆركەم، پۇختا، بۇلغانمىغان، ساياھەتچىلەر بەك ياقتۇرىدۇ.»

ھازىر، خوتەننىڭ تۇەنچېڭدا كوچا - كويلار پاكىز - رەتلىك، دۇكانلار كۆپ، دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. ئەسلىدىكى كونىراپ كەتكەن لاي تاملىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر ھازىر كۆركەم ئۈچ قەۋەتلىك كىچىك داچىغا ئۆزگەردى، سۇ، توك، گاز يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە يەر ئاستى تۇرۇبا تورى ياتقۇزۇلغان بولۇپ، پاسكىنا سۇلار يوللاردا ئېقىپ تۇرىدىغان، سېسىق پۇراقلار ئەتراپنى بىر ئالىدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. كۆپ قىسىم ئاھالە  1 - قەۋەتتە ئۆزگىچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2 -،3 - قەۋەتتە ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، خوتەن تۇەنچېڭ تۇرالغۇنى ئاساس قىلغان ھەمدە مەھسۇلات سېتىش، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ئەنئەنىۋى ئىمارەت، ساياھەت - ئىستىراھەتنى ئالاھىدىلىك قىلغان سودا - تۇرالغۇ ساياھەت كوچا رايونىغا ئايلاندى.

كونا شەھەر باغقا ئايلاندى، تۇەنچېڭدىكىلەر بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى

خوتەن تۇەنچېڭغا كىرگىنىڭىزدە، بۇ يەردىكى ئىمارەتلەر، ئىشىك، دېرىزىلەر سىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. كوچىلاردا ئايلانسىڭىز، ياغاچتىن ياسالغان نەپىس بۇيۇملار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مىس بۇيۇملاردىن ھۇزۇرلىنالايسىز، تۇرمۇشقا سىڭىپ كەتكەن بەختنى ھېس قىلالايسىز؛ كېچىدە، خەلق سەنئەتكارلىرى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ساز چالغاندا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر شادىيانە مۇزىكىغا جور بولۇپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ؛ مەيداندا يىگىتلەر ساز چېلىپ ناخشا ئېيتسا، قىزلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ؛ كوچىلاردا يۈگۈرۈۋاتقان بالىلار، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى، بىخارامان چاي ئىچىۋاتقان بوۋايلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالىدۇ.

80 نەچچە ياشلىق مەمتىمىن غوپۇر كىچىكىدىن تارتىپلا مۇشۇ يەردە ياشاپ كەلگەن بولۇپ، تۇەنچېڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرىكى سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خوتەنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دورىلىق چاي دوكىنى ئاچتى، ئادەتتە ئۇ دۇكاندا كۆپچىلىككە چايلىق تەڭشەپ بەرگەچ، كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. مەمتىمىن بوۋاي مۇنداق دېدى: «10 نەچچە يىل ئىلگىرى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىشنى خالىمايتتى، دۇكىنىمىزغا كېلىدىغان خېرىدارلارمۇ ئاز ئىدى، چايلىقلارنى ئۆزۈم سىرتقا ئېلىپ چىقىپ سېتىشقا توغرا كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، تۇەنچېڭغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، مېنى چايلىق تەڭشەپ بېرىشكە ئىزدەپ كېلىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بېيجىڭ، شاڭخەي، شەنشى، گۇاڭدۇڭدىنمۇ ساياھەتچىلەر كېلىدۇ، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بەختلىك.»

ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مەرەمنىڭ ئۆيى بىردىنلا ئائىلىۋى مېھمانخانىغا ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى بىر كىچىك گۈللۈككە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، ھويلىنى قاپلىغان ئۈزۈم بارىڭىدا ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ ، قەدىمىي ئۇسلۇپ بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇپ مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن «ئايۋان ـ ساراي» شەكلىدىكى ئۆزگىچە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ئۇنىڭ ئۆيىنى تۇەنچېڭغا كەلگەنلەر چوقۇم داكا قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغانىدى. مەرەم مۇنداق دېدى: «1 ـ قەۋەتتىكىسى ئاساسەن دۇكان، ھەممىسىنى ئىجارىگە بېرىۋەتتىم. 2 - قەۋەتنىڭ كۆپ قىسمىدا ئۆزىمىز ئولتۇرىمىز، ئارتۇق ئۆيلەرنى ئائىلىۋى مېھمانخانا قىلىپ ئۆزگەرتتۇق، بۇ بىزگە زور ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلدى.»

2024 - يىلى، خوتەن تۇەنچېڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى، يەنە يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە سەيلە - ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش ... ساياھەتچىلەر ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خوتەن خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ۋە سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

بېيجىڭلىق ساياھەتچى شۈ مېڭنا مۇنداق دېدى: «خوتەن تۇەنچېڭدا، سىز ئوخشاش بولمىغان جەلپكارلىقنى ھېس قىلالايسىز، ئۆزگىچە ئىمارەتلەردىن چىقىپ تۇرغان قەدىمىي، ئاددىي - ساددا پۇراق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، سىز بۇيەردە تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن تىنچ بەھرىمەن بولالايسىز.»

فۇجيەنلىك ساياھەتچى دىڭ مېيپىڭ مۇنداق دېدى: «خوتەن تۇەنچېڭ ئايرىلىشقا كۆز قىيمايدىغان جاي ئىكەن، بىز بۇ شەھـەرنىڭ تىنچ ۋە ئـازادىلىكىنى ھېس قىلدۇق.»

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى خوتەن تۇەنچېڭدە 578 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، 31 مىليون 790 مىڭ يۈەن ساياھەت ئىستېمال كىرىمى يارىتىلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا 436 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، 23 مىليون 980 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىنغان.

مۇخبىر خاتىرىسى

كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش بىر تەرەپتىن شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەربىر پۇقرا پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئوخشاش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، «قورسىقى توق بولۇش»تىن «ياخشى ئوزۇقلىنىش»قا، «كىيىمى پۈتۈن بولۇش»تىن «ياخشى كىيىنىش»كە، «تۇرىدىغان جايى بولۇش»تىن «ياخشى تۇرالغۇسى بولۇش»قا يۈزلەندى، كۆرگىلى، تۇتقىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان بەخت بىزگە قۇچاق ئاچتى.

خوتەن خەلقى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، غەيرەت - جاسارەتكە تولدى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى. ئۇلار مۇستەھكەم ئىرادە، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خوتەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىگىدە، خوتەننىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

(تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانمۇرات ئابلەت)

مەنبە: خوتەن گېزىتى

مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان

بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章