باھار بايرىمى−جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان

时事   2024-12-06 22:09   新疆  

«باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پاراگۋاي، ئاسۇنسىيون، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جوۋ يۇڭسۇي، جۇ يۈبو) جۇڭگو ئىلتىماس قىلغان «باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پاراگۋاينىڭ ئاسۇنسىيوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھازىرغىچە، جۇڭگودىن جەمئىي 44 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي سان جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.
باھار بايرىمى ئىچكى ئامىلى ئەڭ چوڭقۇر، مەزمۇنى ئەڭ مول، ئۆتكۈزىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ، تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. ھەر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى خۇارېنلار كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش، بەخت - سائادەت تىلەش، جەم بولۇش، ئىناق ئۆتۈش ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ بۇ كاتتا بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، باھار بايرىمى شەخس، ئائىلە ۋە دۆلەتنىڭ ھېسسىيات رىشتىنى ئۈزلۈكسىز باغلاپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. مەملىكەت سىرتىغا تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، باھار بايرىمى دۇنيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە زوقلىنىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى بولۇپ قالدى.
«باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى»دىن جۇڭگولۇقلار ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كەڭ ئەمەلىيىتى بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئادىمىيلىك ھېسسىياتى، دۆلەت مۇھەببىتىگە مۇجەسسەملىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئېجىل ئۆتۈشتەك قىممەت ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپ، ئائىلە ئېجىللىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ مىراس تۈرىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى


和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章