ئۆپكە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ
1. پەلەمپەيدىن چىقىپ سىناش: بىر قەدەمدە ئىككى پەشتاق مېڭىپ 5-قەۋەتكە تېزدىن چىقالىسا سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر پەشتاقتا-بىر پەشتاقتىن مېڭىپ 5-قەۋەتكە چىققۇچى قاتتىق ھاسىراپ كەتمىسە سالامەتلىكنىڭ ھەر ھالدا ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر 3-قەۋەتكە چىققۇچە ھېرىپ دىمى تۇتۇلۇپ كەتسە بەدىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى.
2. چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئاندىن قىسىۋېلىش: بۇنىڭدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئاندىن نەپەسنى قىسىۋېلىش كېرەك. ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى. ئاندىن نەپەسنى ئاستا قويۇپ بېرىش كېرەك. نەپەسنى قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئۈچ سېكۇنتتىن كۆپرەك بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. نەپەسنى قىسىۋېلىش ۋاقتى 20 ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىريېرىم مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە، 50 ياشلىق كىشىلەرنىڭ30 سېكۇنت ئەتراپىدا بولسا سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. نەپەسنى قىسىش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا ئۆپكە سىغىمچانلىقىنىڭ شۇنچە كىچىك ئىكەنلىكىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ شۇنچە ناچارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
3. نەپەس ئېلىش رىتىمىنى سىناش: تۆۋەندىكى رىتىم سانى ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى رىتىم سانى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۆپ ياكى ئاز بولسا ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 20 ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 34قېتىمدىن 40 قېتىمغىچە؛ 40 ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 20~30 قېتىمغىچە؛ 50 ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 15~20 قتىمغىچە؛ 60 ياشلىقلارنىڭ 10~20 قېتىمغىچە بولسا بولىدۇ.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ