ۋىلايىتىمىزدە 33 - قېتىملىق خەلقئارا مېيىپلەر كۈنى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
سۈرەتتە: تېببىي خادىملار سىراجىدىن ئېزىزنىڭ قان شېكىرىنى ئۆلچىمەكتە .ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى ياقۇپجان فوتوسى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر ياقۇپجان) 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋىلايەتلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋىلايەتلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، خوتەن ياڭگۇاڭ رېنخې دوختۇرخانىسى، خوتەن جىنگېڭ لوقمان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - داۋالاش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىدا «مېيىپلەرنى يىتەكلەشنى كۈچەيتىپ، سىغدۇرۇشچان،ئىمكانىيەتلىك، سىجىل بولغان كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»ئاساسىي تېمىسىدىكى 33 - قېتىملىق خەلقئارا مېيىپلەر كۈنى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەر توپىغا غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.