تەدبىرنى چىڭ كۆزلەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش

时事   2024-12-06 22:09   新疆  

تەدبىرنى چىڭ كۆزلەپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش

□جياڭ جۇڭپىڭ

دەۋر تارىسى ئەڭ تەسىرلىك مېلودىيەنى ئۈزلۈكسىز ياڭراتتى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىدە تۇرۇپ، ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىققا نەزەر سالساق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كۈرەش ئىزلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

مېۋە يېگەندە كۆچەت تىككۈچىنى ئۇنتۇماسلىق، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىش، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشقا يېتەكلىدى.

ئەگەر بىر كۈن يېڭىلاشقا بولسىلا، كۈندە يېڭىلاش، يېڭىنى يەنىمۇ يېڭىلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان پارلاق مەنزىرە نامايان بولدى.

1

قىشتىكى شىنجاڭ تۇپرىقى ئىناقلىق ۋە ئاسايىشلىققا چۆمۈلۈپ، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.

پاكىز ئېنېرگىيە «يېشىل» دولقۇنى مەۋج ئۇردى. 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مىقدارى 5 مىليارد 298 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سودا كۆلىمىنىڭ 3.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

چەكسىز قۇم دېڭىزىدا مۆجىزە يارىتىلدى. 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن ئېكولوگىيە توسۇقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يوچۇقىنىڭ ئېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان مۇداپىئە بەلبېغى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

ئالدىراش تۆمۈريولدا يۈكلەر راۋان توشۇلدى. 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 214 مىليون 700 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىغا مۇددەتتىن 32 كۈن بۇرۇن يەتتى.

...

ھەممىلا يەردە قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئۈچۈن جانلىق ئىزاھات يېزىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى كۆڭلىگە پۈكتى، ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلىدى. ھەر قېتىمقى مۇھىم پەيتتە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ئۆزى رول تۇتۇپ يول باشلىدى.

2020 - يىلى كۈز، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم سىستېمىلىق بايان قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر كۆزىتىشى ۋە ئىلمىي ئىگىلىشى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن دەۋر يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ بەردى، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى.

2022 - يىلى ۋە 2023 - يىلى، باش شۇجى ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇسۇل ئۆگەتتى، مۇھىم نۇقتىنى بېكىتىپ بەردى.

«يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىنتايىن ۋەزىنلىك ئىدى. شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ باش شۇجى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

«شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش» ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت بولۇپ، يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، جەزمەن شىنجاڭ خىزمىتىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك، مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

2022 - يىلى 2 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تۇنجى قېتىم قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى. نەچچە ئايدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، قانۇنچىللىق بايرىقى شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، «قانۇنچىللىق يولىدا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش» يېڭى مۇساپىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىدىيەنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلاردا كۆپ قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى؛

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى؛

مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر رايونى بولۇش ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى.

...

بۇ يىل 8 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇھاكىمە قىلىندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. بوشاشماي ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش داۋامىدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە ئىگىلىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى بارغانسېرى پۇختا بولدى.

2

مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى. گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ ئالدى بىلەن ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ بولۇشى كېرەك.          

باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇشتىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشقىچە؛ سىياسىي - قانۇن ساھەسىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ساقچى كۈچى بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقىچە ... بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

شىنجاڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك؟  

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇش كېرەك» «شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.   

شىنجاڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكنى ئىگىلەپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، بايلىقنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى پائال بەرپا قىلدى.  

شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىش ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى؛ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 2021 - يىلىدىكى 321 مىليون توننىدىن 2023 - يىلىدىكى 459 مىليون توننىغا كۆپەيدى.

قومۇلدا، جەمئىي 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرى ئەمەلىيلىشىپ ئىش باشلىنىپ، دۆلەت كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسى بەرپا قىلىندى.  

خوتەندە، دۇنيا دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن - سىنك كېنىنى ئېچىش تېزلىتىلىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىلدى.

...

ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئەڭ كۈچلۈك تىرەك بەرپا قىلىندى، شىنجاڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسىپلەر تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.  

شىنجاڭغا نەزەر سالساق، يىل ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مىنىستىرلىق، ئۆلكە ئىككى دەرىجىلىك كان چارلاش ھوقۇقىدىن 163ى رىقابەتلىك ھەقلىق بېرىلىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشتىن ئېلىنغان پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.44 ئېشىپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئۈنۈمى سىجىل گەۋدىلەندى.  

پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نىڭ 3 - لىنىيەسى بولغان قومۇل - چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، 4 - لىنىيەنىڭ توك مەنبەسى تۈرىدە چاقىلىقتا قۇرۇلۇش باشلاندى، «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى، دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

بۇ يىل، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتى كەسىپلەر توپى قاتارىدا باش ئورۇنغا ئۆتتى. شىنجاڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىلدا 300 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.  

شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئەڭ نېگىزلىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قانچىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈمى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ئارقىدا قېلىشنى خالىماسلىق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى بىلەن، شىنجاڭ كەينى - كەينىدىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى ئېچىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، تىيانشان تەجرىبىخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ماكانلىشىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلدى؛ بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلام دەرىجىلىك ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭغا كىرگۈزۈلدى، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى قوزغاتتى...

2023 - يىلى، شىنجاڭدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 1911گە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 ئاشتى. «جۇڭگونىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى باھالاش دوكلاتى 2024»تە: شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپتە بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ئورۇن تەرتىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، «غەربىي قىسىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تىپ» بولۇپ قالدى، دېيىلدى.

3

بۇ يىل 11 - ئايدا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى «بىر ياش»قا كىردى.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ، ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىش بۇرچىنى زىممىگە ئالدى.

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى چېگرا سىرتى زايومى تارقىتىلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانىلار تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلدى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا بىۋاسىتە تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتىدىكى كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان TIR ئاپتوموبىلى يولغا چىقتى، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى»نىڭ يوپۇقى ئېچىلدى... مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياش ئەركىن سودا سىناق رايونى سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئىلگىرىلىدى، تېز ئۆسۈپ يېتىلدى.

بىر يىل ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلدى ۋە 84 تۈرلۈك باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، كارخانا ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 119غا يەتتى، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 90گە يەتتى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 145 مىليارد 696 مىليون يۈەن بولدى. سانلىق مەلۇماتتىكى ھەربىر ئۆزگىرىش شىنجاڭنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىغا بىر قېتىم كۈچ قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىسلاھ قىلىش شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئىسلاھاتتا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە زور دەرىجىدە ئازاد بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.   

يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر يولىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن باشلاپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاپ، قاتمال ئەندىزىنى تۈگىتىپ، كونا ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تىرىشىپ كۈچىدى.

100 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگىچە، شىنجاڭ 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تاشقى سودا كۆلىمىنى بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرغانىدى، ئەمما، 2023 - يىلى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشقا پەقەت بىر يىللا ۋاقىت سەرپ قىلدى.

بۇ ئېنىقكى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، پائال نەتىجە يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

شىنجاڭ غەربكە ئېچىۋېتىشنى تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چۆرىدەپ، ئېچىۋېتىش مېخانىزمى، ئىدىيەسى، ئەندىزىسى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە سىجىل يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆمەك باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە بېرىپ زىيارەتتە بولدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قەدىمى ئوتتۇرا ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئافرىقىغا يېتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچتى.

قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت بىلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، يەرشارىۋى «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى زورايدى.

جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى مىسلىسىز قويۇقلاشتى، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى تارىخىي خاراكتېرلىك كۆپەيدى، خەلقئارا ھەمكارلىق نەتىجىلىرى بارغانسېرى مول بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 362 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى.

سۇچىلىق ئىشلىرىدىكى ئۆزگىرىش شىنجاڭنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ بىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر، سىستېمىلىق تەپەككۇر بىلەن سۇ باشقۇرۇپ، سۇ ئىشلىتىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئايرىۋېتىلگەن، ۋادى رايونىنى كۆپ تەرەپ باشقۇرىدىغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەم بويىچە سۇنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى. سۇ بىلەن بۇ تۇپراقنىڭ مۇناسىۋىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.

2021 - يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل شىنجاڭدا سۇغىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن 6 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تەمىنلەندى، سۇ ئامبارلىرىدا 7 مىليارد 210 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ ساقلاندى، ئېكولوگىيەگە 4 مىليارد 580 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تولۇقلاندى. سۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتىكى تىرەكلىك كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

سۇ بايلىقىنىڭ كاپالىتىدە، 2022 - يىلى، 2023 - يىلى شىنجاڭدا ئاشلىقنىڭ كۆپەيگەن ھوسۇلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى، ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، 2024 - يىلى ھوسۇلنىڭ 2 مىليارد 820 مىليون جىڭ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تايىنىپ ياشاۋاتقان جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىغا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاشلىقى قاچىلاندى.

شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى». «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەم سالماقنى ئاشۇرۇشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش كېرەك.

مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىق كۈچىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشقا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى؛

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشى تېزلىتىلىپ، قاغىلىق - گۇما رايون بۆلىكىدە نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، خوتەن ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەكلىماكان رايونىنى چۆرىدەپ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشتە بىر تەدبىر ئارقىلىق كۆپ جەھەتتە پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا تولۇق كۇرس مائارىپى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى، كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى؛

...

تارىم دەرياسى دولقۇنلاپ ئاقتى، چەكسىز قۇملۇقتا يېڭى قىياپەت نامايان بولدى. بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى كۈنسېرى ئۇرغۇتماقتا.

4

كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى نېگىز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى.

شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملىشى، مەنىۋى جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردى.

مەيلى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغدىغان بايەكە كەلدىبېككە «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش بولسۇن، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا» بولسۇن، ياكى ئىختىيارسىز «بىز جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن قەشقەردىكى ئۆسمۈر بولسۇن، قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاڭلىقلىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان مەنزىرە بولۇپ قالدى.

مول تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن گېن شىفىرى يۈكلەنگەن، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش داغدام يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

قەشقەر شەھىرىدىكى مورا ئىبادەتخانىسى، تۇرپان شەھىرىدىكى شىپاڭ نېستورىيان دىنى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خارابىلىكلەرنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش قانات يايدۇرۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي مەيدان - سورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىشلارنى قېزىش ۋە ئىزاھلاش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدا نامايان بولغان ئەڭ قېنىق ئاساسىي رەڭ بولۇپ قالدى.

ئەڭ مۇھىمى، مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈلدى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر روھىنىڭ ئاساسىي رېڭى بولۇپ قالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلى قاتارلىق بىر قاتار ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى قالتىس نامايان قىلىندى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە «شىنجاڭدىكى سەككىز مىنۇت» دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم» پۈتۈن توردا قىزغىن قويۇلدى. «شىنجاڭ ئۇسلۇبى»نىڭ كەڭ ئورتاق سادا قوزغىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولغانلىقىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھېسسىياتىنىڭ كىشى قەلبىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىدىن بولدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشى، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلۈپ ۋە زورايتىلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى؛

«خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىش»قا بىرلەشتۈرۈلۈپ، زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىندى؛

مائارىپ ئومۇميۈزلۈك تۇتۇلۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تولۇقلاندى؛

2023 - يىلى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 17 مىليارد يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى سالدى، مەبلەغنىڭ %80تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇلدى؛

...

كىرىم كۆپەيدى، تۇرمۇش باياشات بولدى، كۆڭۈللەر يورۇدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

بىر يىل يەنە ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، شىنجاڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش كىشىلەر قەلبىنى بېيىتتى، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلدى، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش كىشىلەر قەلبىگە ئۇيغۇنلاشتى. كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتى داۋامىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章