توشقانزەدىكى كەسپـى قۇملۇققا يېشىل لىباس كەيگۈزدى

时事   2024-12-09 19:53   新疆  
توشقانزەدىكى كەسپـى قۇملۇققا يېشىل لىباس كەيگۈزدى ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى مەتنۇرى، ئاينۇر، پەرىخە

كېرىيە ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلمىي ئۇسۇلدا قۇم تىزگىنلەپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، قۇملىشىشنى تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.

11 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، توشقانزەدىكىدىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، مۇغاللا بازىرىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش بازىسىدا دېھقانلار توشقانزەدىكى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

مۇغاللا بازىرى گۈزە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياسىن مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ يەر قۇملۇق بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچار ئىدى. ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە يۆلىشى بىلەن بىز بۇ يەرگە سۆكسۆك، يۇلغۇن تىكتۇق ھەمدە يۇلغۇن ئارىسىدا توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق».

كېرىيە ناھىيەسى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلار نەپكە ئېرىشىش، قۇم تىزگىنلەش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بـولۇش» ئەندىزىسى بويىچە قۇم تىزگىنلەش رايونىدا يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى ھەمدە يىلتىزىغا توشقانزەدىكى ئۇلىدى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە توشقانزەدىكىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 40 مىڭ توننىغا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توشقانزەدىكى كەسپى ئۆستۈرۈش، كولاشتىن تارتىپ پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشقىچە بولغان ھەر بىر ھالقا ھاياتىي كۈچكە تولدى. ناھىيە بويىچە نۇرغۇن توشقانزەدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، ئىلغار پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، توشقانزەدىكىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ تۈرلۈك ساغلاملىق بۇيۇملىرى ۋە دورىلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلدى.

شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كېرىيە توشقانزەدىكى كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ شۈلياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىلغار پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر ـ سەنئىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق، توشقانزەدىكىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، مەھسۇلاتلىرىمىز دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. كېيىنكى قەدەمدە، سېتىش يوللىرىنى پائال ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئەمەلىي دۇكان قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، توشقانزەدىكى مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز».

كېرىيە ناھىيەسىدىكى تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 191 مىڭ 100 مو بولۇپ، شۇ جايدىكى 2600دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئىش ھەققى 3000 يۈەندىن ئاشتى. بۇ يەردە سۆكسۆك ۋە يۇلغۇنلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، توشقانزەدىكى يۇلغۇن، سۆكسۆك ئارىسىدا سوقتا ئۆسۈپ، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.

كېرىيە ناھىيەسى 2007 - يىلىدىن باشلاپ، يۇلغۇن، سۆكسۆكنىڭ يىلتىزىغا توشقانزەدىكى ئۇلاشنى سىناق قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، توشقانزەدىكىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىدى. بۇ، توشقانزەدىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىدە كۆلەملەشكەن توشقانزەدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن توققۇزى قۇرۇلۇپ، 1 مىليون 467 مىڭ مو يەرگە توشقانزەدىكى ئۇلاندى. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان توشقانزەدىكى كەسپى ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.

كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ دۇڭخۇي مۇنداق دېدى: «بىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يەنە 165 مىڭ مو يەرنى كۆكەرتىشنى پىلانلىدۇق، بۇ ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز ۋە ئۆستۈرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توشقانزەدىكى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز».

(تەرجىمە قىلغۇچى: پاتىگۈل ئوسمان)


مەنبە: خوتەن گېزىتى
مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان
بېكىتكۈچى: ئەرئەلى شىرئەلى

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章