قېرى قىز 7- قىسىم | ياسىمەن

文摘   2024-11-09 11:01   新疆  

قېرى قىز


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن

7- قىسىم

زىمىننى قىزدۇرۇشقا تازا ھارارىتى يەتمەيۋاتقان ئەتيازنىڭ قۇياشى ئۇۋىسىنى نىشانلاپ ماڭغان بولۇپ، يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان سۇس ئاپتاپ كۆل بويىدىكى قويۇق مەجنۇنتاللار ۋە خىلمۇ-خىل ئوت-چۆپلەر ئۈستىگە سېپىلىپ تۇراتتى. سۈزۈك ھەم سۇس يېىشلغا مايىل كۆل سۈيى ئۈستىدە سانسىز كۈمۈشرەڭ شولىلار يالت-يۇلت قىلىپ چاقناپ كۆز چاقاتتى. ئۇيەر-بۇيەردە لەيلەپ يۈرگەن ئۈچ-تۆت قۇلۋاققا قىز -يىگىتلەر جۈپ بولۇشۇپ چىقىۋالغان ئىدى. خىلۋەت راۋاق، قويۇق قومۇشلار ئارسىدىمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ بىرجۈپلەر ئۇچىراپ تۇراتتى. ئارمان بىلەن ئىككىمىزنىمۇ شۇ ھالدا قىياس قىلىپ، شېرىن خىياللارغا چۈمۈلگىنىمچە ئەتراپقا تەكشى نەزەر تاشلاپ كېتۋاتاتتىم. كۆلنىڭ ئايقىغا چىقىپ بولاي دېگەندە چىرايى قىزىرىپ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا سۆگەتكە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ئۇزۇن چاچلىق چىرايلىق قىزغا بىر نېمىلەرنى دەۋاتقان ئارماننى كۆردۈم.

*** *** ***

قىزنىڭ چىرايىدىن مەنسىتمەسلىك، خاپىلىق، رەنجىگەنلىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. دەرھال يان تەرەپتىكى قومۇشلارنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتۈم ۋە ئۇلارنى كۈزىتىپ قاراپ تۇردۇم. ئون مىنۇتلارچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ھېلىقى قىز ئارمانغا قاراپ قوللىرىنى شىلتىگىنىچە بىرنېمىلەرنى دېدى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا قارشى تەرەپكە كېتىپ قالدى. ئارمان چاچلىرىنى قاماللىغىنىچە ئىككى پۇتنىڭ ئارلىقىغا قاراپ ئولتۇراتتى، بەكرەك قارىسا سىلكىنىپ يىغلاۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. قۇمۇشلار ئارىسىدىن چىقىپ ئاستا پىسىرلاپ مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.

-ئارمان!

ئۇ دىڭڭىدە چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى ۋە دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىدى.

-قاچان كەلدىڭ زىبا؟ مېنىڭ بۇيەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭ؟

-ھازىر كەلدىم، قارىسام چۈشتىن كېيىن يوقاپ كەتتىڭ، ھەممە يەرنى ئىزدىسەم سەن يوق، شۇنىڭ بىلەن ياتقىڭىغا بارسام سېنى مۇشۇ تەرەپكە كەتتى دېگەن، بايىقى قىز كىم؟

-كېلە، يېنىمدا ئولتۇرە!

ئۇنىڭ يېنىغا زوڭزىيىشىمغا بۇرنۇمغا گۈپپىدە ھاراق پۇرىدى.

-ھاراق ئىچتىڭما؟

-ھەئە،ئازراق ئىچتىم، چۈشتە يۇرتلۇق بالىلار يىغىلىپ قاپتىكەن، بىردەم ئولتۇرايلى دېيىشىپ، مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى ئاشخانىدا ئولتۇرغان، بىرەر رومكىدىن ئىچىپ سالدۇق.

-بايىقى قىز كىمۇ، ئارمان؟

-ساڭا نېمە دېسەم بولار؟ دېسەم خاپا بولۇپ قالارسەنمۇ، كۆڭلۈڭگە كېلەرمۇ زىبا؟

-قانداقلا گەپ بولسا ئېيتقىن، رەنجىمەيمەن.

- ئۇ قىزنىڭ ئىسىمى لالە، مەن بىلەن بىر يۇرتتىن، بىزدىن بىر قارار يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇيدۇ، ئەمما مەندىن بىر ياش كىچىك. ئەقلىمنى بىلسەم ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۇرۇق-تۇغقانلاردەكلا ئۆتىدىكەن. لالە تۇغۇلغان يىلى ئاتا-ئانلىرىمىز چوڭ بولساق ئىككىمىزنى قوشۇپ قويۇش توغىرلىق ئەھدىلەشكەن ئىكەن. بىز باشلانغۇچ مەكتەپكە بىللە كىرگەن،ئۈچىنجى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمىزدا مەن تاغقا يامىشىمەن دەپ، تاغدىن يىقىلىپ كېتىپ، پۇت-قوللىرىم سۇنۇپ كېتىپ، بىر يىل مەكتەپكە بارالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن لالەدىن بىر يىل كېيىن قالدىم. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئوقۇشقا كەتتى، مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇش ئىدى، شوڭا قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئوقۇدۇم، تەلىيىمگە مەنمۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مۇشۇ مەكتەپكە كەلدىم. ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئويلايتىم، ھازىرلا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلسام ئوقۇشىمىزغا تەسىر يەتمىسۇن دەپ، بىرەر يىل ساقلاپ بېقىشنى قارار قىلىپ يۈرسەم، ئۇ سىنىپىدىكى بىر يىگىت بىلەن يۈرىۋاپتۇ، بايا يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشىدا مۇشۇ پاراڭ بولۇنۇپ، مەن سەل چېچىلىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ھاراقنى كۆپرەك ئىچىپ ساپتىمەن. مەستىچىلكتە لالەنىڭ باشقا بىرى بىلەن يۈرىۋالغىنى كاللامغا تېخىمۇ بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمكىن، ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم، يولدا كېلۋاتسام ياتاقتىكىلەر ئۇچىرىغان، ساڭا مەن توغىرلىق بىرنېمە دېمىگەندۇ ئۇلار؟

-ياق، ھىچمنىمە دېمىدى، پەقەت مۇشۇ تەرەپكە كېتۋاتقىنىڭنى ئېيتتى.

-مەن لالەنى ياخشى كۆرەتتىم ، لىكىن ئۇ مېنى ياراتماي باشقىلار بىلەن يۈرىۋاپتۇ قارا! بايا نېمە دەيدۇ دېمەمسەن،«سەن يا ئادەمگە سوۋغات بېرىشنى بىلمەيسەن، يا ئوينىغىلى ئاپارمايسەن، قىز بالا دېگەن راھەت كۆرىمەن، كىيىمەن، ئوينايمەن دېمىسە مۇھەببەتلىشىپ، ئەرگە تېگىپ نېمە قىلىدۇ» دەيدۇ. ئەينى يىللىرى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىقىتىسادىمىز لالەلەرنىڭكىدىن ياخشى ئىدى، كېيىن ئۆيدە ئازراق ئىش بولۇپ قېلىپ دادام پۈتۈن ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ كەتتى، مېنىمۇ يامان تەستە ئوقۇتىۋاتىدۇ، بىلسەم-بىلمىسەم ئۇ لالە مېنى گاداي كۆرۈپ ياراتمىدى، خەپ! مەن دېگەن ئوغۇل بالا، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى چوقۇم كۆرسىتىپ قويىمەن!

ئارماننىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك بولدۇم. يۈرىكىم ئاغرىدى، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.

-كۆڭلۈڭ يېرىم بولدىمۇ زىبا؟ مېنى ۋىجدانسىز، ۋاپاسىزلىقتا ئەيىبلەۋاتامسەن؟

-ياق،ياق، ئازابلىنىۋاتقىنڭىنى كۆرۈپ،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى، سەن ئازابلانساڭ،مەنمۇ ئازابلىنىمەن ...

-بىلىمەن، سېنىڭ ماڭا قانچىلىك ئامراقلىقىڭنى بىلىمەن، مېنى كەچۈرگىن، كۆڭلۈڭگە ئازار بېرىپ قويدۇم.

-مەن ساڭا ئامراقلا ئەمەس، سېنى ياخشى كۆرىمەن ئارمان...لالەدىن يەنە ئۈمىد كۈتىۋاتامسەن؟

بۇقۇلداپ يىغلىغىنىمچە ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە تىكىلدىم.

-ياق! لالەدىن ئەمدى ئۈمىد كۈتمەيمەن،خەقنى يىتىلەپ يۈرگەن ئۇ قىزنى ئەمدى نىمە قىلارمەن؟ مەن پەقەت ئەڭ زور كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ياشاشقا تىرىشىمەن، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قالتىس ئىشلارنى قىلالايدىغىنمىنى كۆرستىپ قويىمەن!

-مەن لالەنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئورنىنى ئالالماسمەنمۇ ئارمان؟ مېنى ھەسرەتتە قويارسەنمۇ؟

-ئۇنداق بولمايدۇ، سەن بەك ياخشى قىز، مەن سېنى لالەنىڭ ئورنىغا دەسستىشكە تىرىشىمەن.

-رەھمەت ساڭا...

ئۇنىڭ ھارارەتلىك كەڭ باغرىغا بېشىمنى قويۇپ، قىسىپ قۇچاقلاشلىرىدىن ھوشۇمنى يوقاتقۇدەك بولۇپ، قۇچىقىغا سىڭىپلا كەتتىم. گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇرغان ئوتلۇق نەپەسلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلۇپ، قىززىق لەۋلىرى لەۋلىرىمگە تەگكەندە بولسا ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ،ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدىم...

-تۇرىشە ئورنۇڭدىن! ۋۇ ھايۋانلار! بۇ يەرنى ھايۋاناتلار باغچىسى دەپ ئويلاپ قېلىشقانمىدىڭ؟

تۇيۇقسىزلا گۈلدۈرمامىدەك ياڭرىغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلگىنىمدە ئۆزۈمنىڭمۇ، ئارماننىڭمۇ يېرىم يالڭاچلىنىپ قالغىنىمىزنى ھېس قىلدىم.

-قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سەن؟

--بىز...بىز...ئوقۇغۇچى ئەمەس.

-يالغان سۆزلىمە؟ ئوقۇغۇچى بولمىساڭ مەيدەڭدىكى نېمە ئىزنەك ئاۋۇ؟ مانداق قىلە!

باش ئۈستىمىزدە قاراپ تۇرغان ئىككى ساقچىنىڭ ئورۇقراق كەلگىنى ئارماننىڭ مايكىسىنىڭ ئالدىغا تاقالغان مەكتەپ ئىزنىكىنى تارتىپلا قارىدى ۋە ئىككىمىزنى ئالدىغا سېلىپ مەكتەپ تەرەپكە ماڭدى.

-بىزگە مۇشۇ بىر قېتىم يول قويسىڭىز بولامدۇ ئاكا؟ مەكتەپكە بۇ ئىشنى ئېيتسىڭىز بىزنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۋىتىدۇ، بىزگە رەھىم قىلغان بولسىڭىز...پەقەتلا بولمىسا مېنى ئاپىرىپ مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ مەيلى، بۇ قىزنى قۇيىۋەتكەن بولسىڭىز...

ئارمان ئارقىىسغا بۇرۇلۇپلا ھېلىقى ساقچىنىڭ قولىغا ئېسىلدى.

-ئاتا-ئاناڭ تارتمىغان جاپانى تارتىپ، ئوبدان ئوقۇ دەپ ئەۋەتىپ قويسا، قوڭاڭنى قىسىپ، ئوقۇشۇڭنى ئوقۇماي، سەن نېمىلەرگە نېمە ھال بۇ دەيمەن؟ سەن گۇينىڭ ئۆزۈڭچە خېلى ۋىجدانىڭ باركەن تېخى ھە! بايا بۇقىزنى پوكىنىڭغا باسقاندا قەيەرگە كەتكەن شۇ ۋىجدانىڭ؟ سەنغۇ ئىشنى قىلىپ بولۇپلا ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك يۈرەرسەن، ئەتە-ئۆگۈن بۇ قىز قانداق قىلىدۇ؟

ئۇ ساقچى سۆزلەۋېتىپ ماڭا بۇرۇلدى ۋە مېنى بىرمۇنچە تەنقىدلىدى:

-سىزمۇ ئەقلىڭىز گەدىنىڭىزگە ئۆتۈپ قالغان دۆت بالىكەنسىز ھەي ئۇكام؟ قارىسام تېخى كىچىك ئىكەنسىز، نېمىگە بۇنچە ئالدىراپ كەتتڭىز؟ ھازىر بىردەم كۆڭلىڭىزنى خوش قىلۋالغىنىڭىز بىلەن ئەتە-ئۆگۈن بېشىڭىزغا قانداق كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىنى بىلەمسىز؟ سىزدەك مۇشۇنداق تايىنى يوق، ئەخلاقسىز قىزلارنىڭ دەستىدىن ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنى ئوقۇتۇشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى، مۇشۇ تاپتا مەكتىپىڭىزگە ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىڭلارغا ئىككىڭلارنى مەلۇم قىلسام ئەتە باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، تۈزۈكلا بىر ئۆيگە كىرىپ ياشايسىلەر، شۇنداق قىلايمۇ يە؟ سىلەرمۇ مۇرات-مەقسىتىڭلارغا تېزراق يېتىۋېلىڭلار!

-بىز ئەمدى دېققەت قىلايلى ئوبدان ئاكا، مۇشۇ بىر قېتىم كەڭچىلىك قىلغان بولسىڭىز، پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز، ئەمدى ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمىز...

مەن ئارماننىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ماسلىشىپ خىتىلداپ يىغلاۋاتاتتىم.

-بولىدۇ، بۇ قېتىم سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان بولاي، ئىككىنجى قېتىم قەيەردىلا بولسۇن، يەنە مۇشۇنداق ھالدا كۆزۈمگە چېلىقىپ قالساڭلار، مەكتىپىڭلارغا بېرىپ، ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ ئوقۇشتىن چېكىندۈرگۈزۋەتىمەن جۇمۇ!

-رەھمەت ئاكا، رەھمەت سىزگە!

-سەن گۇي ھاراقنى كاللاڭغا ئىچمەي، ئاشقازىنىڭغا ئىچ، ئەڭ ياخشىسى ئىچەلمەيدىغان نېمەڭگە ھاراق ئىچمەي، قايناقسۇ ئىچىپ، ئوبدان ئوقۇ جۇمۇ!

-ماقۇل ئاكا، ماقۇل.

-سىزمۇ ئىززەت-ئابرۇيىڭىزنى ساقلاپ جىم ئوقۇڭ سىڭلىم، ھىچ بولمىسا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بولسىمۇ يۈزىنى تۆكمەڭ!

-ماقۇل.

ساقچىلاردىن قۇتۇلۇپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتۇق. بارغانسىرى ئارماننىڭ پۇتلىرى ئالمىشىپ، كالامپايلىشىپ كېتىۋاتاتتى. گەرچە ساقچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلغان بولساقمۇ بايىقى شېرىن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى بۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا چەكسىز نەپرەتلىنىپ كەتكەن ئىدىم. ئارماننىڭ ئالدىدا ئۇلارنى ئۈنلۈك تىلليالمىغىنىم بىلەن ئىچىمدە نەچچە مىڭنى تىللاپ بولغان ئىدىم.

-سېنى ياتىقىڭغا ئاپىرىپ قويالمايدىغان بولدۇم زىبا، ئۆزۈڭ قايتقاچ تۇرامسەن؟

-ماقۇل، سەن ياتاققا بارالامسەن؟

-بارىمەن، خاتىرجەم بول.

تېخى كەچلىك تاماق يىمىگەن بولغاچقا قورسىقىم ئاچ ئىدى. ئەمما ئارمانغا قورسىقىم ئاچ دېيەلمىدىم. ئۇمۇ مەندىن سورىمىدى. ياتاققا كىرسەم ھىچكىم يوق ئىكەن. تېخى بالدۇر بولغاچقا قىزلار ياتاققا قايتىشمىغان ئىدى. ئۈستەل ئۈستىدە سۇلياۋغا ئوراقلىق ئىككى تال گىردە نان تۇراتتى، ناننى قولۇمغا ئېلىپ ئۆرۈپ-چۆرۈپ قارىدىم ۋە كىمنىڭلا نېنى بولسا ئەتە جايىغا بىرنى ئەكىرىپ بەرسەم بولار دەپ ئويلاپ،بىر ئىستاكان چاينى قۇيۇپ،گىردىنى چىلاپ چاي ئىچتىم. قورسىقىم ئازراق ئەستەرلەنگەندىن كېيىن كارۋىتىمغا چىقىپ، بايا كۆلدە يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە قەلبىمنى تېخىچە ھاياجانغا سېلىپ تۇرغان شېرىن تۇيغۇلاردىن مەستخۇش بولۇپ،كۆزۈمنى چىڭڭىدە يۇمغىنىمچە خىياللارنى سۈرۈپ يېتىپ كەتتىم. ئىچىمدە بىر خۇشاللىق بار ئىدى، «ئارمان مېنىڭ بولدى، ئارمان مېنىڭ بولدى» دېگەن سادالار بارلىق تۇيغۇمنى ئېگەللەپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق، ئارمان مېنىڭ بولدى، مەن ئاخىر ئارماننىڭ قىز دوستىغا ئايلاندىم، ئەمدى نەچچە ۋاقىتتىكىدەك يالغان سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ، ئارماننىڭ ماڭا قىلىپ بەرگەنلىرىنى كۆز-كۆز قىلمىساممۇ بولىدۇ! ئۇ ئېنىق قىلىپ «سېنى لالەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىمەن» دېدى. ھازىرچە مېنى لالەنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرەلمىسىمۇ مەيلى، كۈندە ئۇنىڭ يېنىدا يۈرۈپ، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزسەم بىر كۈنلەردە ئۇ مېنى لالەدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. دادامغا ئېيتىپ كىلەر قېتىملىق تۇرمۇش پۇلۇمنى جېقراق سالدۇرۇپ، ئارمانغا ئوبدان سوۋغات تەييارلايمەن، لالەگە ئوخشاش «ماڭا سوۋغات بەرمىدىڭ، ئوينىغىلى ئاپارمىدىڭ» دېمەيمەن، پەقەت ئۇ يېنىمدا بولسىلا بولدى!

بىر ۋاقىتتا قىزلار چۇرقىراشقىنىچە ياتاققا كىرشتى. ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى ناننى كىم سۈرۈشتە قىلىپ قالاركىن دەپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق تىكىپ ياتتىم، ئەمما ھىچكىممۇ ئۇ ناننى ئېغىزغا ئالمىدى.

ئارمان بىلەن يۈرىۋاتىقنىم ئەمدى ھىچكىمگە سىر ئەمەس ئىدى. ياتاقتىكىلەر،سىنىپتىكىلەرلا ئەمەس،يۇرتلۇق بالىلارمۇ بۇ ئىشنى بىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇ كۈنلەردە مەن تۇلىمۇ خۇشال، تۇلىمۇ بەخىتلىك ئىدىم.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئارماننىڭ گېپى ئازلاپ، بېشى چۈشۈپ كەتتى.

-نېمە بولدۇڭ ئارمان؟ مىجەزىڭ يوقمۇ؟

-دادام سالغان پۇلنى ئوغرىغا بېرىپ قويدۇم زىبا، ئەمدى بۇ ئايدا ئىككىمىز نېمە يەرمىز؟

-سەن غەم قىلما، مەندە ئازراق پۇل بار، شۇنى خەجلەپ تۇرايلى.

-ساڭا ئېغىرىمنى سېلىۋەرسەم قانداق بولار؟

-ئۇنداق دېمە، بىز جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىمىز دېيىشكەنغۇ؟

-ماقۇل ئەمىسە.

شۇ كۈنىلا پۇلۇمنى ئوغرى ئېلۋالغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ ئاچ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆيگە خەت يېزىپ سېلىۋەتتىم ۋە ھەرئايدا ئۆيىدىن كۆپ پۇل كېلىدىغان گۈلپىيەدىن پۇل سورىدىم.


داۋامى بار.




BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章