شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ پۇئېردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

时事   2024-09-29 20:14   新疆  

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ پۇئېردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسەم ئابىدىسى تىكلەپ قەسەم بەرگەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

ئەجدادلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەسەم ئابىدىسى ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى پۈتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېسىل داستانىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

جاۋاب خەت
پۇئېردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسەم ئابىدىسى تىكلەپ قەسەم بەرگەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا:
ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. 1951 - يىلى، ئەجدادلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ۋەكىللەر ئابىدە تىكلەپ قەسەم بېرىپ، تەنتەنىلىك ھالدا بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش قەسىمى بەردى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ جانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، 56 مىللەت ئۆزئارا ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. سىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەسەم ئابىدىسى ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى پۈتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېسىل داستانىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قان - قېنىغا سىڭدۈرۈپ، ۋەتەن زېمىنىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ
2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۇئېردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسەم ئابىدىسى تىكلەپ قەسەم بەرگەنلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي ئىلھام بەردى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1951 - يىلى، سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ۋەكىللەر ئابىدە تىكلەپ قەسەم بېرىپ، تەنتەنىلىك ھالدا بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش قەسىمى بەردى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ جانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، 56 مىللەت ئۆزئارا ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. سىلەرنىڭ ئەجدادلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەسەم ئابىدىسى ھېكايىسىنى تېخىمۇ ياخشى پۈتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېسىل داستانىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قان - قېنىغا سىڭدۈرۈپ، ۋەتەن زېمىنىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.
1950 - يىلى، يۈننەن پۇئېر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەر تەكلىپ بويىچە بېيجىڭغا بېرىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. 1951 - يىلى يېڭى يىلدا، پۇئېر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما قەسەم بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە قەسەم ئابىدىسى تىكلەپ، «بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئاخىرغىچە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باراۋەر، ئەركىن، بەختلىك چوڭ ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمىز!» دەپ بىلدۈرگەن. 48 نەپەر ھەر مىللەت ۋەكىل ئابىدىگە ئىمزا قويغان. يېقىندا، پۇئېر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسەم ئابىدىسى تىكلەپ قەسەم بەرگەن ۋەكىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، قەسەمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇھەررىر: نۇرئېلىي مەتقۇربان

بېكىتكۈچى: ئەنۋەر ئابلىمىت

和田零距离维吾尔语平台
《和田日报》是中共新疆和田地委的机关报,于1950年2月1日创刊。由和田地委主管,和田地区唯一一份公开出版的报纸,为和田地区覆盖面最广、最有影响的党报,是促进和田地区改革开放、经济发展和社会稳定的重要舆论宣传阵地。
 最新文章